6
6-كۈي •••• قايغۇ ئىچىدىكى دۇئا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛
قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە.
ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛
ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى.
مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟
يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.
چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛
تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟
مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛
تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛
ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.
دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛
بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.
ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى.
پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛
پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛
10 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛
تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.
 
 
6:1 «سەككىز تارلىق ئارفا» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «سەككىز ئەنلىك كۈي». 6:2 زەب. 38‏:3 6:5 «تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟» ــ «تەھتىسارا» ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېيىلىدۇ). 6:8 مات. 7‏:23؛ 25‏:41؛ لۇقا 13‏:27