63
63-كۈي •••• خۇداغا ئىنتىزار بولۇش
داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ
 
ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن،
تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم!
مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ،
جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ
مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك،
مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم!
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛
لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن،
سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن.
جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛
ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛
ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە،
تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛
سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن.
مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ،
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە.
بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
10 ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ،
ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ.
11 لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛
ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛
چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ.
 
 
63:1 1سام. 22‏:5؛ 23‏:14،15 63:5 «جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى» ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن مايلىق گۆش ئىنتايىن ئېسىل تاماق ھېسابلىنىدۇ.