67
67-كۈي •••• دۇنيا ئۈچۈن نىجاتلىق باردۇر!
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ
 
خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ،
ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي!
سېلاھ!
شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا،
قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ.
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي،
چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن،
يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛
سېلاھ.
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛
خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛
خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!
 
 
67:1 چۆل. 6‏:25؛ زەب. 4‏:6