70
70-كۈي •••• «پەرۋەردىگار، تېز كەلگەيسەن!»
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن!
پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ◘
2 مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛
مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. ◘
3 مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!
4 بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي!
نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي.
5 بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛
يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا!
سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛
ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن!
 
 
◘ 70:1 زەب. 40‏:13-17 ◘ 70:2 زەب. 35‏:4،26؛ 71‏:13