74
74-كۈي •••• تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان چاغدىكى ئازابلىق دۇئا
ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ
ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟
نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟
ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى،
يەنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قەدىمدە ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان قەبىلىنى،
ئۆزۈڭ ماكان قىلغان زىئون تېغىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن!
قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن،
دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە قارىغايسەن؛
رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛
مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى.
ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك،
ئۇلار ھازىر مۇقەددەس جايىڭدىكى نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛
ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛
ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى.
ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ،
تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛
پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛
ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر.
10 قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟
دۈشمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ھاقارەتلەمدۇ؟
11 سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟
قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يوقاتقايسەن!
12 بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن،
يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر.
13 سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ،
سۇلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ.
14 دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ،
ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ.
15 يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ،
سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ.   
16 كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛
ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ.
17 يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛
ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ.
18 شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ
بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى،
ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى.
19 پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛
ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن.
20 ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن،
چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى.
21 ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛
ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي.
22 ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا،
ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛
ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
23 دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛
ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە.
 
 
74:1 «ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟» ــ بۇ كۈي بەلكىم بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان. 74:4 «مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار (دۈشمەنلەر) ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى» ــ خۇدانىڭ ئىبادەخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»ىدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ تارىخىدىكى بىرنەچچە «مۆجىزاتلار» ساقلىنىپ كەلگەنىدى. مەسىلەن، مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ««ماننا»غا تولغان ئالتۇن قاچا»، «ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى» قاتارلىقلار. بۇلارنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەنلەر ئاشۇ يەردە ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. ئىبرانىي تىلىدا «تۇغ» ۋە «كارامەت» دېگەن سۆزلەر بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 74:7 2پاد. 25‏:9 74:8 «ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى» ــ خۇدانىڭ پەقەت بىرلا (سۇلايمان قۇرغان) ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. بىراق ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايلار مەۋجۇت ئىدى ــ مەسىلەن: «شىلوھ» دېگەن جايدا «مۇقەددەس چېدىر» بار ئىدى («يە.» 1:18). خۇدانىڭ نامىنى يوقىتىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 74:9 «پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى» ــ بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار دانىيال ھەم ئەزاكىيال پەيغەمبەرلەرنى سۈرگۈن قىلىپ بابىلغا بالدۇر ئېلىپ كەتكەنىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا بىر تۈركۈم لۈكچەكلەر تەرىپىدىن مىسىرغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى. 74:12 «يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر» ــ «يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسى» بەلكىم «ئوتتۇرا شەرق»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 74:13 مىس. 14‏:21-31 74:14 «دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ،...» ــ «لېۋىئاتان» دېڭىز چوڭقۇر تەكتىدە ياشايدىغان قورقۇنچلۇق ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھايۋان. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «...ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ» ــ «ئەجدىھالار» (13-ئايەت) ھەم «لېۋىئاتان» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ يەردە جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن ئازاد قىلغاندا، ئۇ مۇشۇ قۇدرەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. مۇشۇ ئايەت بويىچە «لېۋىئاتان»نىڭ بېشى كۆپ بولىدۇ. ئىنجىل «ۋەھىي» قىسمىدا ئۇنىڭ بېشى يەتتە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. تەۋرات «ئايۇپ» -41باب، -1ئايەتتىكى، «يەشايا» 1:27-ئايەتتىكى ئىزاھاتلىرىمىزنى ھەم ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» 12- ھەم 13-بابلارنى كۆرۈڭ. 74:15 «يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ» ــ مۇشۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش» ھەم «يەشۇئا» دېگەن قىسىملارنى كۆرۈڭ. 74:15 مىس. 17‏:5، 6؛ چۆل. 20‏:11؛ يە. 3‏:13؛ زەب. 105‏:41؛ يەش. 48‏:21 74:16 يار. 1‏:14-19