8
8-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىنسان بالىسىغا بولغان ئۇلۇغ پىلانى
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز،
پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! ◼
2 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن،
دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە،
بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭ. ◘
3 مەن بارماقلىرىڭ ياسىغان ئاسمانلىرىڭغا،
سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا،
4 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن،
ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟
سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن،
ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ ◘
5 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن،
سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. ◼
6 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛
سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، ◘
7 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار،
دالادىكى بارلىق جانىۋارلار،
8 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار،
دېڭىزدىكى بېلىقلار،
دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ.
9 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە!
 
 
◼ 8:1 ««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز. ◘ 8:2 مات. 21‏:16 ◘ 8:4 ئايۇپ 7‏:17؛ زەب. 144‏:3؛ ئىبر. 2‏:6 ◼ 8:5 «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن». ◘ 8:6 1كور. 15‏:27