3
1 ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟
2 ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.
3 ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟
4 ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە يېزىلغىنىدەك: ــ
«سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن،
شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن».
5 لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟
6 مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟
7 بەزىلەر يەنە: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن.
8 ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر!
ھەققانىي ئادەم يوقتۇر
9 ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق.
10 دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ
«ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر،
11 يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر،
خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر.
12 ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى،
ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى.
مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.
13 ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر،
تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛
كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛
14 ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان.
15 «پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛
16 بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر.
17 تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس».
18 «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر».
19 تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر.
20 شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ.
خۇدانىڭ ئىنساننى ھەققانىي قىلىشى
21 بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛
22 يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر
23 (چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى)
24 چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ.
25 خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن قۇربانلىق ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
26 بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ قۇربانلىق ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى.
27 ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى!
ــ نېمە پرىنسىپقا ئاساسەن؟ قانۇنغا ئىنتىلىش پرىنسىپى بىلەنمۇ؟
ــ ياق! «ئېتىقاد» پرىنسىپى بىلەن!
28 چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز!
29 ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر.
30 خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ.
31 ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.