10
پەرىشتە ۋە كىچىك ئورام يازما
1 ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛ ◘ 2 قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، 3 شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى.
4 يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ
«يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ◼  ◘ 5 دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ◘ 6 ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ:
ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛ ◘ 7 بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. ◘
8 مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ:
ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى.
9 مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا:
ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى. ◼  ◘
10 مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. ◼ 11 شۇنىڭ بىلەن ماڭا:
ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى.
 
 
◘ 10:1 مات. 17‏:2؛ ۋەھ. 1‏:15. ◼ 10:4 «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» ــ دېمەك، بۇ سۆزلەرنى مەخپىي تۇت. ◘ 10:4 دان. 8‏:26؛ 12‏:4. ◘ 10:5 دان. 12‏:7. ◘ 10:6 ۋەھ. 11‏:15. ◘ 10:7 يەش. 13:27؛ زەك. 14:9؛ مات. 31:24؛ 1كور. 52:15؛ 1تېس. 16:4؛ ۋەھ. 15:11 ◼ 10:9 «...بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ» ــ كۆچمە مەنىسى «ساڭا ئاۋۋال بىرخىل خۇشاللىق يەتكۈزىدۇ، لېكىن كېيىن يۈرىكىڭنى ئېچىشتۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «ئەز.» 6:2-3:3. ◘ 10:9 ئ‍ەز. 3‏:1. ◼ 10:10 «مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم...» ــ «ئورام يازمىنى يېيىش» بىزنىڭچە يۇھاننا مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشى كېرەك بولىدىغان، تۆۋەندىكى 11-19-بابلاردىكى بېشارەتلەر بىلەن باغلىق. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.