15
«يەتتە چىنە» ــ ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت
1 ئاسماندا زور ھەم كارامەتلىك يەنە بىر ئالامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەتنى تۇتۇپ تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم (ئاخىرقى بالايىئاپەت دېيىلىشتىكى سەۋەب، خۇدانىڭ غەزىپى بۇلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ). ◘
 
2 مەن يەنە ئوت ئارىلاش ئەينەك دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى ھەم ئەينەك دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، دىۋە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلى ۋە نامىنىڭ رەقىمى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، ◘ 3 ئۇلار خۇدانىڭ قۇل-خىزمەتكارى بولغان مۇسانىڭ كۈيىنى ھەم قوزىنىڭ كۈيىنى ئېيتىشاتتى: ــ
 
«ئۇلۇغ ۋە كارامەت سېنىڭ قىلغانلىرىڭ،
ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر،
ئى پۈتكۈل ئەللەرنىڭ پادىشاھى! ◘
4 ئى پەرۋەردىگار، كىم سەندىن قورقمايدىغان،
نامىڭنى ئۇلۇغلىمايدىغان بولالىسۇن؟
چۈنكى بىردىنبىر مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن؛
بارلىق ئەللەر ئالدىڭغا كېلىدۇ،
ساڭا سەجدە قىلىدۇ؛
چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى». ◼  ◘
 
5 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن كۆردۈمكى، مانا ئەرشتىكى ئىبادەتخانا، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئېچىلدى! ◼  ◘ 6 يەتتە بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان لىباس كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. ◘ 7 تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ قەھرى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن لىق تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى ئاياغلاشمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. ◼  ◘
 
 
◘ 15:1 ۋەھ. 11‏:14. ◘ 15:2 ۋەھ. 4‏:6؛ مىك. 7‏:18. ◘ 15:3 زەب. 111‏:2؛ 139‏:14؛ 145‏:17. ◼ 15:4 «چۈنكى ھەققانىي قىلغانلىرىڭ ئاشكارە بولدى» ــ «ھەققانىي قىلغانلىرىڭ» ياكى «چۈنكى ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئاشكارە بولدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەر.» 10:7، «زەب.» 9:86-10. ◘ 15:4 زەب. 86؛10-9؛ يەر. 10‏:7. ◼ 15:5 «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىبادەت چېدىرى «ئەھدە ساندۇقى» ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئون پەرمان»نىڭ ماكانى بولغانىدى. بۇ «ئون پەرمان» خۇدانىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغاچ، چېدىر بەزىدە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى» ياكى «ئەھدە-گۇۋاھلىق چېدىرى» دەپ ئاتالغانىدى. ئەرشتىكى «مۇقەددەس چېدىر» ئۇنىڭغا ئوخشاشلا خۇدانىڭ تەبىئىتى توغرۇلۇق ئالاھىدە گۇۋاھلىق بەرسە كېرەك. ◘ 15:5 ۋەھ. 11‏:19. ◘ 15:6 ۋەھ. 1‏:13. ◼ 15:8 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 34:40-36، «1پاد.» 11:8-12. ◘ 15:8 مىس. 40‏:36-34؛ 1پاد. 8‏:12-10؛ يەش. 6‏:4.