5
شۇلامىت سۇلايمانغا جاۋاب بېرىدۇ
1 «مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم،
مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛
مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم،
ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛
شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم».
«دوستلىرىم، يەڭلار!
ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق-مەشۇقلار!»
ئىككىنچى قىسىم {5:2-8:14} •••• ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتتىكى ياخشىلىنىشلار ــ مۇھەببەتنىڭ يېڭى ئىپادىلىرى •••• تۆتىنچى خاتىرە ــ مۇھەببەتنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى بىر چۈش ــ ئۇ توغرۇلۇق ئويلىنىشلار {5:2-6:9} •••• سەككىزىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنى باسقان قورقۇنچلۇق چۈش {5:2-6:3} •••• شۇلامىت سۆز قىلىدۇ ــ ئۇنى قارا باسىدۇ
2 «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى: ــ
ــ سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى!
مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ: ــ
ــ «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛
مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛
چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن،
چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل-ھۆل بولۇپ كەتتى!»
3 «مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن،
قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟
مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم،
قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟»
4 سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛
مېنىڭ ئىچ-باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛
5 سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛
قوللىرىمدىن مۇرمەككى،
بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى،
تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛
6 سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛
بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى.
ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛
ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛
ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛
7 شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛
سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى.
8 ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار،
ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟
ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ: «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! ــ دېدى، دەڭلار».
يېرۇسالېم قىزلىرى شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
9 «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار،
ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟
سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ
سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟».
شۇلامىت جاۋاب بېرىدۇ
10 «مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت،
ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛
11 ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر،
بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك،
تاغ قاغىسىدەك قارا.
12 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك،
سۈت بىلەن يۇيۇلغان،
يارىشىقىدا قويۇلغان؛
13 ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛
ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛
ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر،
ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛
14 ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار،
ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان.
قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان،
كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن.
15 ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر،
ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن.
ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك،
كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم-ھەيۋەتلىكتۇر.
16 ئۇنىڭ ئاغزى بەكمۇ شېرىندۇر؛
بەرھەق، ئۇ پۈتۈنلەي گۈزەلدۇر؛
بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ــ
بەرھەق، بۇ مېنىڭ ئامرىقىم،
ئى يېرۇسالېم قىزلىرى!»