2
جامائەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى
1 مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، ئېتىقادچىلارغا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى، 2 بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. ◘ 3 بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 4 چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ. ◘ 5 چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. ◼  ◘ 6 ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى. ◼  ◘ 7 مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم. ◘ 8 شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. ◘
9 ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، ◘ 10 بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ. 11 جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. ◼ 12 لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. ◼  ◘ 13 چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. ◘ 14 ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋائانا ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. ◘ 15 لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ. ◼
 
 
◘ 2:2 يەر. 29‏:7. ◘ 2:4 ئ‍ەز. 18‏:23؛ 2پېت. 3‏:9. ◼ 2:5 «چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر» ــ ياكى «چۈنكى خۇدا بىردۇر» ــ «قان.» 4:6 («پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر») ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. ◘ 2:5 يـۇھ. 17‏:3؛ رىم. 3‏:30؛ گال. 3‏:19؛ ئىبر. 9‏:15. ◼ 2:6 «ئۇ (مەسىھ) بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى» ــ بۇ «ھۆر قىلىش» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن. «شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئۇلۇغ ئىشقا (يەنى مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى) بېكىتىلگەن ۋاقتى-سائىتىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى». لېكىن بىزنىڭچە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى شۇ «گۇۋاھلىق»تۇر ــ دېمەك، ئەيسانىڭ قۇربانلىقى خۇدانىڭ چەكسىز مۇھەببەت ۋە نىجاتلىق پىلانى توغرۇلۇق بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئاشكارىلاندى. ◘ 2:6 مات. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14. ◘ 2:7 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 2تىم. 1‏:11. ◘ 2:8 زەب. 134‏:1-2؛ يـۇھ. 4‏:21. ◘ 2:9 تىت. 2‏:3؛ 1پېت. 3‏:3. ◼ 2:11 «جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن» ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئايال كىشىلەر خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئۆگەنمەسلىك كېرەك ئىدى، شۇڭا روسۇلنىڭ بۇ سۆزى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىدى. ◼ 2:12 «لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن» ــ بۇ تەلىم توغرۇلۇق، شۇنداقلا ئاچا-سىڭىللارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتلار توغرۇلۇق «1كور.» 34:14-35 ۋە «كورىنتلىقلار (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. ◘ 2:12 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:24. ◘ 2:13 يار. 1‏:27؛ 2‏:22. ◘ 2:14 يار. 3‏:6. ◼ 2:15 «لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر-مۇھەببەت ۋە پاك-مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق-سالامەت قۇتۇلىدۇ» ــ دېمەك، «ئاياللار خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن تۇغۇتى قىيىن ۋە خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ». بۇ 14-15-ئايەتنى: «ئاياللار ئەرلەرگە تەلىم بېرىش، ئەرلەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشتە ئەمەس، بەلكى بالا تۇغۇش ۋە ئۇنى بېقىش جەريانىدا، ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىدىغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەن باشقا بىر مەنىدە چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئايەتنىڭ: «بىراق ئاياللار ھاۋائانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن يەنە بىر چۈشەنچىسى ئەينى تېكىستكە ئانچە يېقىن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمىز.