3
ئاخىر زامان
1 ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. ◼  ◘ 2 ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، 3 كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، 4 ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، 5 سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. ◼  ◘ 6 چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ. ◼  ◘ 7 بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 8 ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر. ◼  ◘ 9 لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى ياننىس بىلەن يامبرىسنىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ.
 
پاۋلۇسنىڭ ۋەسىيەتلىرى؛ ئۆگەنگەنلىرىڭدە داۋاملىق ماڭغىن
10‏-11 لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. ◼  ◘ 12 دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ◘ 13 لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ. 14 لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، ◼ 15 ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. 16 پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. ◼
  ◘
17 بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.
 
 
◼ 3:1 «ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ» ــ «ئېغىر كۈنلەر» گرېك تىلىدا يەنە «خەتەرلىك كۈنلەر»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. ◘ 3:1 1تىم. 4‏:1؛ 2پېت. 2‏:3؛ يەھ. 18. ◼ 3:5 «...سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر» ــ 1-5-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز. ◘ 3:5 مات. 18‏:17؛ رىم. 16‏:17؛ 2تېـس. 3‏:6؛ تىت. 3‏:10؛ 2يۇھ. 10. ◼ 3:6 «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللار...» ــ ياكى «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاجىز ئاياللار...». ◘ 3:6 مات. 23‏:14؛ تىت. 1‏:11. ◼ 3:8 «ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ» ــ «مىس.» 11:7، 22، 7:8، 18نى كۆرۈڭ. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىشتىن بۇرۇن، مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرى مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى (ياننىس بىلەن يامبرىس) تەۋراتتا دېيىلگەن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ باشقا تارىخىي كىتابلىرىدا تېپىلىدۇ. ◘ 3:8 مىس. 7‏:11. ◼ 3:10‏-11 «جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ...» ــ «ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەر»: ــ بۇ بىر-بىرىگە يېقىن ئۈچ يۇرتتا بولغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مەلۇماتلار «روس.» 13-14-بابتا تېپىلىدۇ. تىموتىي ئۆزى لىسترالىق ئىدى؛ پاۋلۇس دۇچ كەلگەن بۇ زىيانكەشلىكلەر تىموتىينىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ◘ 3:10‏-11 زەب. 34‏:19؛ روس. 13‏:50؛ 14‏:19؛ 2كور. 1‏:10 ◘ 3:12 مات. 16‏:24؛ لۇقا 24‏:26؛ يـۇھ. 17‏:14؛ روس. 14‏:22؛ 1تېس. 3‏:3. ◼ 3:14 «چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كىملەر» دەپ دېيىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «كىم» دەپ ئوقۇش توغرا، چۈنكى پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئۈلگە بولغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيدۇ. تۆۋەندىكى 15-ئايەتتە ئۇ باشقا كىشىلەر (تىموتىينىڭ چوڭ ئانا ۋە ئانىسى)نىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ◼ 3:16 «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى» دېگەن ئىبارە يازمىلاردىكى ھەربىر سۆز-ئايەتنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان» گرېك تىلىدا «خۇدا نەپىسى بىلەن كىرگۈزۈپ يېزىلغان» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «نەپەس» بىر سۆز. ◘ 3:16 2پېت. 1‏:21.