13
1 شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ. ◘
2 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. ◼ 3 شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. ◼  ◘ 4 شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ ◼ 5 ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. ◼ 6 ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ◼
 
ھەقىقىي پادىچىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت
7 ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن. ◼  ◘ 8 زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ. 9 ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ. ◘
 
 
◘ 13:1 لاۋ. 16؛ 23‏:26-32؛ زەك. 12‏:10-14؛ رىم. 11‏:26 ◼ 13:2 «مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن» ــ بۇ پەيغەمبەرلەر ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بولسا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى دۇنياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق بولىدۇ. ◼ 13:3 «ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇدادىن شۇنچە ئەيمىنىدۇكى، ئۆز ئوغلىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىدۇ. ◘ 13:3 قان. 13‏:6-11؛ 18‏:20 ◼ 13:4 «ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ» ــ ئىلياس، ئېلىشا ۋە يەھيا پەيغەمبەرلەر مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددىي كىيىم كىيگەن. ◼ 13:5 «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئادەمنىڭ مەدىكارى بولۇپ كەلدىم». ◼ 13:6 «ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ» ــ «مەيدەڭدىكى زەخمەتلەر» ئىبرانىي تىلى بويىچە سۆزمۇسۆز ئالساق «ئىككى قولۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى زەخمەتلەر» بولىدۇ. «بۇتپەرەس پەيغەمبەرلەر» جىن-شەيتانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پات-پات ئۆز تېنىنى كېسىۋالاتتى ۋە ئاخىرقى زاماندىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن («1پاد.»، 28:18-ئايەتتە مىسال كۆرۈلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇشۇنداق زەخمەتلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ساختا پەيغەمبەر زەخمەتلىرىدىن خىجىل بولۇپ روشەن بىر يالغان باھانىنى كۆرسىتىدۇ. ◼ 13:7 «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللار ئۈستىگىمۇ قارشى چۈشۈرىمەن». بىراق بىزنىڭ تەرجىمىمىز 8-ئايەتكە ماسلىشىدۇ؛ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا ئۆزىگە تەۋە كىچىك پېئىللىقلارنى قوغدايدۇ. ◘ 13:7 قان. 37‏:42؛ يەش. 26‏:20؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ لۇقا 22‏:35-38؛ يـۇھ. 18‏:8؛ زەف. 3:2 ◘ 13:9 زەب. 50‏:3-5، 15؛ 91‏:15؛ 144‏:15؛ مال. 3‏:1-4؛ يـۇھ. 20‏:28؛ 1پېت. 1‏:6.