تارىخ-تەزكىرە «1»
1
ئادەمئاتىدىن ئىبراھىمغىچە بولغان نەسەبنامە
يار. 5‏:1-32؛ 10‏:1-32؛ 11‏:10-26؛ 25‏:1-6
ئادەمئاتا، شېت، ئېنوش، كېنان، ماھالالېل، يارەد، ھانوخ، مەتۇشەلاھ، لەمەخ، نۇھ. نۇھتىن شەم، ھام، يافەتلەر تۆرەلگەن.
 
يافەتنىڭ ئەۋلادلىرى
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. گومەرنىڭ ئوغۇللىرى ئاشكىناز، دىفات ۋە توگارماھ ئىدى. «دىفات» ــ ياكى «رىفات» («يار.» 3:10نى كۆرۈڭ). ياۋاننىڭ ئوغۇللىرى ئېلىشاھ، تارشىش ئىدى، كىتتىيلار بىلەن رودانىيلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
 
ھامنىڭ ئەۋلادلىرى
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائان ئىدى. «مىسىر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىزرائىم». «پۇت» ــ پۇت لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولدى. كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائامانىڭ ئوغلى شېبا ۋە دېدان ئىدى. 10 كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى زەبەردەس بىر ئادەم بولۇپ چىقتى. 11 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، 12 پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.
13 قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. 14 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنە يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، 15 ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، 16 ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى.
 
17 شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، مەشەك ئىدى. «ئارامنىڭ ئوغۇللىرى» ــ «ئارامنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردىن يوقاپ كەتكەن. «يار.» 3:10 بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. 18 ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. «ئېبەر» ــ مەنىسى بەلكىم «(دەريادىن) ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» بەلكىم بۇ سۆزدىن چىققان. 19 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. «پەلەگ» ــ دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى «بۆلۈنۈش»كە يېقىندۇر. «ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى» ــ ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) بۇ سۆزلەر بابىل مۇنارىدىكى ۋەقەدە، خۇدانىڭ تىلنى بۆلۈشى بىلەن ئەللەرنىمۇ بۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «يەر يۈزىدىكىلەر بۆلۈنۈپ كەتكەن»لىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەر-زېمىننىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 9:1 بويىچە يەر-زېمىن ئەسلىدە بىر قۇرۇقلۇق ئىدى، ئاندىن كېيىن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتتا ھازىرقى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن)؛ (3) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ تەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شۇ ئاخىرقى ئىمكانىيەتكە مايىلمىز. 20 يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، 21 ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، 22 ئېبال، ئابىمائەل، شېبا، «ئېبال» ــ «يار.» 28:10دە «ئوبال». 23 ئوفىر، ھاۋىلاھ، يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
 
ئىبراھىمنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ نەسەبنامىسى
24 شەم، ئارفاخشات، شېلاھ، 25 ئېبەر، پەلەگ، رەئۇ، 26 سېرۇگ، ناھور، تەراھ، 27 ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى).
 
ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى
يار. 25‏:12-18
28 ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئىدى. «ئىسمائىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىشمائىل».
29 تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت بولۇپ، قالغانلىرى كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، 30 مىشما، دۇماھ، ماسسا، ھاداد، تېما، 31 يەتۇر، نافىش، قەدەماھ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
32 ئىبراھىمنىڭ توقىلى كەتۇراھدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاھ ئىدى. يوقشاننىڭ ئوغۇللىرى شېبا بىلەن دېدان ئىدى. يار. 25‏:1-6 33 مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا، ئەلدائاھ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى.
 
34 ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئىسھاقنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ئىسرائىل ئىدى. «ئىسرائىل» ــ تۇنجى ئىسمى ياقۇپ، ئەلۋەتتە.   يار. 25‏:24-27؛ 35‏:27-29 35 ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى ئېلىفاز، رېئۇئەل، يەئۇش، يائالام ۋە كوراھ ئىدى. 36 ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى تېمان، ئومار، زەفى، گاتام، كېناز، تىمنا ۋە ئامالەك ئىدى. «زەفى» ــ ياكى «زەفو» ــ «يار.» 11:36نى كۆرۈڭ. «تىمنا ۋە ئامالەك» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تىمنادىن بولغان ئامالەك». «يار.» 12:36نى كۆرۈڭ. 37 رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى ناھات، زەراھ، شامماھ بىلەن مىززاھ ئىدى.
 
سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى
يار. 36‏:20-30
38 سېئىرنىڭ ئوغۇللىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. 39 ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى). «تىمنا لوتنانىڭ سىڭلىسى» ــ بۇ «تىمنا» بەلكىم 36-ئايەتتىكى «تىمنا». 36-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 40 شوبالنىڭ ئوغۇللىرى ئاليان، ماناھات، ئەبال، شەفى بىلەن ئونام ئىدى. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى ئاياھ بىلەن ئاناھ ئىدى. «ئاليان» ــ ياكى «ئالۋان» ــ «يار.» 23:36نى كۆرۈڭ. «شەفى» ــ ياكى «شېفو» ــ «يار.» 23:36نى كۆرۈڭ. 41 ئاناھنىڭ ئوغلى دىشون ئىدى. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى ھامران، ئەشبان، ئىتران بىلەن كېران ئىدى. «ھامران» ــ «يار.» 23:36دە «ھەمدان». 42 ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى بىلھان، زائاۋان، يائاكان ئىدى. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى ئۇز بىلەن ئارران ئىدى. «يائاكان» ــ «يار.» 27:36دە باشقا شەكلىدە «ئاكان» دەپ ئوقۇلىدۇ. «دىشان» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «دىشون» تېپىلىدۇ. «دىشان» توغرىدۇر. 38-ئايەتنى ۋە «يار.» 28:36نى كۆرۈڭ.
 
ئېدوم پادىشاھلىرى
يار. 36‏:31-43
43 ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولمىغان زامانلاردا، ئېدوم زېمىنىغا پادىشاھ بولغانلار مۇنۇ كىشىلەر: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا؛ ئۇنىڭ پايتەختى دىنھاباھ دەپ ئاتىلاتتى. 44 بېلا ئۆلگەندىن كېيىن بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 45 يوباب ئۆلگەندىن كېيىن تەمانلارنىڭ يۇرتىدىن بولغان ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 46 ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى؛ ھاداد دېگەن بۇ ئادەم موئاب دالاسىدا مىدىيانلارنى تارمار قىلغان، ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. 47 ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 48 ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن دەريا بويىدىكى رەھوبوتتىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. «دەريا» ــ بەلكىم ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ. 49 سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 50 بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن ھاداد ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پايتەختىنىڭ ئىسمى پاي ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، مەي-زاھابنىڭ نەۋرىسى، ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. «پاي» ــ ياكى «پائۇ» ــ «يار.» 39:36نى كۆرۈڭ. 51 ئاندىن ھاداد ئۆلدى.
 
ئېدومدىكى قەبىلە باشلىقلىرى
52 ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى: قەبىلە باشلىقى تىمنا، قەبىلە باشلىقى ئالىيا ، قەبىلە باشلىقى يەتەت، قەبىلە باشلىقى ئوھولىباماھ، قەبىلە باشلىقى ئەلاھ، قەبىلە باشلىقى پىنون، «ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى» ــ بۇنىڭ ئاۋۋالقى خەۋەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەنەنىۋىي تەرتىپدىكى 1-ئايەتتىن 2-ئايەتكە كۆچۈرۈپ قويدۇق. «ئالىيا» ــ ياكى «ئالۋا» ــ «يار.» 40:36نى كۆرۈڭ. 53 قەبىلە باشلىقى كېناز، قەبىلە باشلىقى تېمان، قەبىلە باشلىقى مىبزار، 54 قەبىلە باشلىقى ماگدىيەل، قەبىلە باشلىقى ئىرام؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېدومدىكى قەبىلە باشلىقلىرىدۇر.
 
 

1:6 «دىفات» ــ ياكى «رىفات» («يار.» 3:10نى كۆرۈڭ).

1:8 «مىسىر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىزرائىم». «پۇت» ــ پۇت لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولدى.

1:17 «ئارامنىڭ ئوغۇللىرى» ــ «ئارامنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردىن يوقاپ كەتكەن. «يار.» 3:10 بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.

1:18 «ئېبەر» ــ مەنىسى بەلكىم «(دەريادىن) ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» بەلكىم بۇ سۆزدىن چىققان.

1:19 «پەلەگ» ــ دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى «بۆلۈنۈش»كە يېقىندۇر. «ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى» ــ ئۈچ ئىمكانىيەت بار: (1) بۇ سۆزلەر بابىل مۇنارىدىكى ۋەقەدە، خۇدانىڭ تىلنى بۆلۈشى بىلەن ئەللەرنىمۇ بۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «يەر يۈزىدىكىلەر بۆلۈنۈپ كەتكەن»لىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەر-زېمىننىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 9:1 بويىچە يەر-زېمىن ئەسلىدە بىر قۇرۇقلۇق ئىدى، ئاندىن كېيىن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتتا ھازىرقى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن)؛ (3) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ تەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شۇ ئاخىرقى ئىمكانىيەتكە مايىلمىز.

1:22 «ئېبال» ــ «يار.» 28:10دە «ئوبال».

1:28 «ئىسمائىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىشمائىل».

1:32 يار. 25‏:1-6

1:34 «ئىسرائىل» ــ تۇنجى ئىسمى ياقۇپ، ئەلۋەتتە.

1:34 يار. 25‏:24-27؛ 35‏:27-29

1:36 «زەفى» ــ ياكى «زەفو» ــ «يار.» 11:36نى كۆرۈڭ. «تىمنا ۋە ئامالەك» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تىمنادىن بولغان ئامالەك». «يار.» 12:36نى كۆرۈڭ.

1:39 «تىمنا لوتنانىڭ سىڭلىسى» ــ بۇ «تىمنا» بەلكىم 36-ئايەتتىكى «تىمنا». 36-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

1:40 «ئاليان» ــ ياكى «ئالۋان» ــ «يار.» 23:36نى كۆرۈڭ. «شەفى» ــ ياكى «شېفو» ــ «يار.» 23:36نى كۆرۈڭ.

1:41 «ھامران» ــ «يار.» 23:36دە «ھەمدان».

1:42 «يائاكان» ــ «يار.» 27:36دە باشقا شەكلىدە «ئاكان» دەپ ئوقۇلىدۇ. «دىشان» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «دىشون» تېپىلىدۇ. «دىشان» توغرىدۇر. 38-ئايەتنى ۋە «يار.» 28:36نى كۆرۈڭ.

1:48 «دەريا» ــ بەلكىم ئەفرات دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.

1:50 «پاي» ــ ياكى «پائۇ» ــ «يار.» 39:36نى كۆرۈڭ.

1:52 «ئېدوملۇقلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى» ــ بۇنىڭ ئاۋۋالقى خەۋەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئەنەنىۋىي تەرتىپدىكى 1-ئايەتتىن 2-ئايەتكە كۆچۈرۈپ قويدۇق. «ئالىيا» ــ ياكى «ئالۋا» ــ «يار.» 40:36نى كۆرۈڭ.