4
ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭلار
سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر «ۋەھىي قىلغۇچى» روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي-جايلارغا پەيدا بولدى.«سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر «ۋەھىي قىلغۇچى» روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار» ــ ««ۋەھىي قىلغۇچى» روھ» بەلكىم ئېتىقادچىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىغا يېقىن كېلىپ «ساڭا ۋەھىي قىلىمەن» دەيدىغان روھنى، ياكى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن بولغىنى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ياكى ھەتتا جامائەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن تۇرۇپ «مەن سىلەرگە خۇدانىڭ ۋەھىيىنى ھازىر يەتكۈزىمەن» دېگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى دەل مۇشۇ «ساختا پەيغەمبەرلەر»نى كۆرسىتىدۇ.  يەر. 29‏:8؛ مات. 7‏:15، 16؛ 24‏:4، 5، 24؛ 1كور. 14‏:29؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2پېت. 2‏:1؛ 2يۇھ. 7. خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر: ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ.«ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ...» ــ «ئىنسانىي تەندە» (ياكى «ئىنسان تېنىدە») گرېك تىلىدا «ئەتتە» بىلەن بىلدۈرىلىدۇ. «ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «روھ» مەلۇم ئىنساننىڭ ئاغزى ئارقىلىق گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالقىلىق مەسىلە: ــ مەلۇم بىرسى جامائەتتە سۆز قىلىپ «خۇدانىڭ ۋەھىيىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن» دېسە، بىراق «ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھ»نى ئېتىراپ قىلمىسا، ئەمدى ئۇنىڭدا سۆز قىلىدىغان روھ خۇدانىڭ روھى ئەمەس، بەلكى جىن-شەيتانلارنىڭ بىرى ياكى بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىنسانىي روھ بولىدۇ، خالاس. ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى.«ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس» ــ شۇ ۋاقىتلاردا، بەزىلەر ئەيسا مەسىھنى «ھەقىقىي ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ شەكلىدە نامايان بولغان بىر خىل روھ، خالاس» دېگەن يالغان تەلىم تارقالغانىدى. «...بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «دەججال»نىڭ مەنىسى «مەسىھگە قارشى» ھەم «مەسىھنىڭ ئورنىنى تالاشقۇچى»دۇر (يۇقىرىدىكى 18:2، 20:2 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).  2تېـس. 2‏:7؛ 1يۇھ. 2‏:18، 22.
ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر.«ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار» ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە تەلىم بەرگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر» ــ «سىلەردە تۇرغۇچى» مۇقەددەس روھنى، «بۇ دۇنيادا تۇرغۇچى» ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ.«ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ» ــ «ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ» ياكى «ئۇلار بۇ دۇنيادىن سۆزلەيدۇ» ياكى «ئۇلار بۇ دۇنيا توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ». بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز.«مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز» ــ «ھەقىقەتنىڭ روھى» مۇقەددەس روھنى، «ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھى» شەيتاننىڭ ئۆزى ياكى جىنلارنى كۆرسىتىدۇ.  يـۇھ. 8‏:47؛ 10‏:27.
 
خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى. يـۇھ. 3‏:16؛ رىم. 5‏:8. 10 مېھىر-مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر.رىم. 3‏:24، 25؛ 2كور. 5‏:19؛ كول. 1‏:19؛ 1يۇھ. 2‏:2.
11 ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز. 12 ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس؛ لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا بىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزدە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 1تىم. 1‏:17؛ 6‏:16؛ 1يۇھ. 3‏:24. 13 بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان. «بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان» ــ «ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان» گرېك تىلىدا «ئۇ ئۆز روھىدىن بىزگە ئاتا قىلغان» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 14 بىز شۇنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئاتا ئوغۇلنى دۇنياغا قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. 15 ئەگەر كىمدەكىم ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. 16 بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. 17 مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز. «شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز» ــ «سوراق كۈنى» ياكى «قىيامەت كۈنى». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، «قىيامەت كۈنى»نى ئەتراپلىق چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات-ئىنجىلدا ئۇنىڭ توغرىسىدىكى كۆپ تەپسىلاتلار بار. «چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز» ــ گرېك تىلىدا «چۈنكى ئۇ قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز». دېمەك، بىز بۇ دۇنيادا ئەيسادەك ئادىل، ھەققانىي، راستچىل، كەمتەر، مېھرىبان، مۇھەببەتلىك.... بولىمىز. تەكىتلەنگىنى «بۇ دۇنيادا» ــ چۈنكى بۇ دۇنيادا ئۇنداق بولۇش پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە تولۇق كۈچ-قۇدرىتى بولسا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ. 18 مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر.«مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ» ــ ياكى «مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ».
19 بىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتى. 20 ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ 1يۇھ. 2‏:4. 21 شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر.لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23.
 
 

4:1 «سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر «ۋەھىي قىلغۇچى» روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار» ــ ««ۋەھىي قىلغۇچى» روھ» بەلكىم ئېتىقادچىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىغا يېقىن كېلىپ «ساڭا ۋەھىي قىلىمەن» دەيدىغان روھنى، ياكى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن بولغىنى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا كەلگەن ياكى ھەتتا جامائەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن تۇرۇپ «مەن سىلەرگە خۇدانىڭ ۋەھىيىنى ھازىر يەتكۈزىمەن» دېگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى دەل مۇشۇ «ساختا پەيغەمبەرلەر»نى كۆرسىتىدۇ.

4:1 يەر. 29‏:8؛ مات. 7‏:15، 16؛ 24‏:4، 5، 24؛ 1كور. 14‏:29؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18؛ 2پېت. 2‏:1؛ 2يۇھ. 7.

4:2 «ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ...» ــ «ئىنسانىي تەندە» (ياكى «ئىنسان تېنىدە») گرېك تىلىدا «ئەتتە» بىلەن بىلدۈرىلىدۇ. «ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «روھ» مەلۇم ئىنساننىڭ ئاغزى ئارقىلىق گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالقىلىق مەسىلە: ــ مەلۇم بىرسى جامائەتتە سۆز قىلىپ «خۇدانىڭ ۋەھىيىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن» دېسە، بىراق «ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھ»نى ئېتىراپ قىلمىسا، ئەمدى ئۇنىڭدا سۆز قىلىدىغان روھ خۇدانىڭ روھى ئەمەس، بەلكى جىن-شەيتانلارنىڭ بىرى ياكى بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىنسانىي روھ بولىدۇ، خالاس.

4:3 «ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس» ــ شۇ ۋاقىتلاردا، بەزىلەر ئەيسا مەسىھنى «ھەقىقىي ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ شەكلىدە نامايان بولغان بىر خىل روھ، خالاس» دېگەن يالغان تەلىم تارقالغانىدى. «...بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «دەججال»نىڭ مەنىسى «مەسىھگە قارشى» ھەم «مەسىھنىڭ ئورنىنى تالاشقۇچى»دۇر (يۇقىرىدىكى 18:2، 20:2 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).

4:3 2تېـس. 2‏:7؛ 1يۇھ. 2‏:18، 22.

4:4 «ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار» ــ «ئۇلار» مۇشۇ يەردە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە تەلىم بەرگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر» ــ «سىلەردە تۇرغۇچى» مۇقەددەس روھنى، «بۇ دۇنيادا تۇرغۇچى» ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.

4:5 «ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ» ــ «ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ» ياكى «ئۇلار بۇ دۇنيادىن سۆزلەيدۇ» ياكى «ئۇلار بۇ دۇنيا توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ».

4:6 «مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز» ــ «ھەقىقەتنىڭ روھى» مۇقەددەس روھنى، «ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھى» شەيتاننىڭ ئۆزى ياكى جىنلارنى كۆرسىتىدۇ.

4:6 يـۇھ. 8‏:47؛ 10‏:27.

4:9 يـۇھ. 3‏:16؛ رىم. 5‏:8.

4:10 رىم. 3‏:24، 25؛ 2كور. 5‏:19؛ كول. 1‏:19؛ 1يۇھ. 2‏:2.

4:12 مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 1تىم. 1‏:17؛ 6‏:16؛ 1يۇھ. 3‏:24.

4:13 «بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان» ــ «ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان» گرېك تىلىدا «ئۇ ئۆز روھىدىن بىزگە ئاتا قىلغان» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

4:17 «شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم-قورقماس بولالايمىز» ــ «سوراق كۈنى» ياكى «قىيامەت كۈنى». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، «قىيامەت كۈنى»نى ئەتراپلىق چۈشىنىش ئۈچۈن تەۋرات-ئىنجىلدا ئۇنىڭ توغرىسىدىكى كۆپ تەپسىلاتلار بار. «چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز» ــ گرېك تىلىدا «چۈنكى ئۇ قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز». دېمەك، بىز بۇ دۇنيادا ئەيسادەك ئادىل، ھەققانىي، راستچىل، كەمتەر، مېھرىبان، مۇھەببەتلىك.... بولىمىز. تەكىتلەنگىنى «بۇ دۇنيادا» ــ چۈنكى بۇ دۇنيادا ئۇنداق بولۇش پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە تولۇق كۈچ-قۇدرىتى بولسا ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ.

4:18 «مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ» ــ ياكى «مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ».

4:20 1يۇھ. 2‏:4.

4:21 لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23.