10
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننى ئىزدەپ كېلىدۇ
2تار. 9‏:1-12
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى بولسا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان داڭق-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن چىگىش-سوئاللار بىلەن سىنىغىلى كەلدى. ئۇ خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىنتايىن تولا ئالتۇن ۋە ياقۇت-گۆھەرلەر ئارتىلغان تۆگىلەرنى ئېلىپ، چوڭ دەبدەبە بىلەن يېرۇسالېمغا كەلدى. سۇلايماننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ھەممە ئىش توغرۇلۇق ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. 2تار. 9‏:1؛ مات. 12‏:42؛ لۇقا 11‏:31 سۇلايمان ئۇنىڭ ھەممە سورىغانلىرىغا جاۋاب بەردى. ھېچنېمە پادىشاھقا قاراڭغۇ ئەمەس ئىدى، بەلكى ھەممىسىدە ئۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىغا، ياسىغان ئوردا-سارايغا، داستىخاندىكى تائاملارغا، ئەمەلدارلارنىڭ قاتار-قاتار ئولتۇرۇشلىرىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ قاتار-قاتار تۇرۇشلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە، ئۇنىڭ ساقىيلىرىغا ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئاتاپ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىغا قاراپ، ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.«(...ئۇنىڭ ، يەنى شېبانىڭ ئايال پادىشاھنىڭ... ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭدا روھ قالمىدى». دېمەك، ئىنتايىن ھەيران قالدى.
 
ئۇ پادىشاھقا: ــ مەن ئۆز يۇرتۇمدا سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە دانالىقلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغان خەۋەر راست ئىكەن؛ ئەمما مەن كېلىپ ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرمىگۈچە بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىگەنىدىم؛ ۋە مانا، مەن يېرىمىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن؛ سىلىنىڭ دانالىقلىرى بىلەن بەرىكەت-باياشاتلىقلىرى مەن ئاڭلىغان خەۋەردىن زىيادە ئىكەن. سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! سىلىدىن سۆيۈنگەن، سىلىنى ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى مۇبارەكتۇر! پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك باغلىغان مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئۇ سىلىنى توغرا ھۆكۈم ۋە ئادالەت سۈرگىلى پادىشاھ قىلدى، دېدى.
10  ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس 11  (ھىرامنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئەپكېلىدىغان كېمىلىرىمۇ ئوفىردىن يەنە ئىنتايىن زور مىقداردىكى سەندەل ياغىچى ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 12  پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى). 2تار. 9‏:11 13  سۇلايمان پادىشاھ شېبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ئۆز شاھانە ساخاۋىتىدىن بەرگەندىن باشقا، ئايال پادىشاھنىڭ كۆڭلى تارتقان ھەممىنى ــ نېمە سورىسا، شۇنى بەردى؛ ئاندىن ئۇ خىزمەتكارلىرى بىلەن يولغا چىقىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.
 
سۇلايماننىڭ بايلىقلىرى
2تار.9‏:13-28
14  سۇلايمانغا ھەر يىلى كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ئۆزى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە تالانت ئىدى. «666 تالانت» ــ 22 توننا. 15  بۇ كىرىمدىن باشقا، تىجارەتچىلەردىن، ئوقەتچىلەرنىڭ سودىسىدىن، بارلىق ئەرەبىيە پادىشاھلىرىدىن ۋە ئۆز زېمىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن ھەم ئالتۇن كەلتۈرۈلدى.
16  سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى؛ «600 شەكەل» ــ 600 شەكەل بەلكىم 7 كىلوگرامغا يېقىن.  1پاد. 14‏:26 17  شۇنداقلا ئۈچ يۈز قالقاننى ياپىلاقلانغان ئالتۇندىن ياسىدى؛ ھەربىر قالقاننى ياساشقا ئۈچ مىنا ئالتۇن ئىشلىتىلدى؛ پادىشاھ ئۇلارنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئېسىپ قويدى.«ئۈچ مىنا ئالتۇن» ــ «مىنا» ئېغىرلىق بىرلىكى ئىدى، ھازىرقى بىرلىكلەردە قانچە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.  1پاد. 7‏:2
18  پادىشاھ پىل چىشلىرىدىن چوڭ بىر تەختنى ياساپ، ئۇنى تاۋلانغان ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 2تار. 9‏:17 19  تەختنىڭ ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار ئىدى. تەختنىڭ باش يۆلەنچۈكى يۇمىلاق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئىككى يېنىدا تايانغۇچىسى بار ئىدى، ھەربىر تايانغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 20  ئالتە قەۋەتلىك پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە ئۆرە تۇرغان ئون ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ھەربىر باسقۇچنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىردىن بار ئىدى؛ باشقا ھېچقانداق ئەلدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسالغىنى يوق ئىدى.
21  سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق جام-پىيالىلىرى ئالتۇندىن ياسالغان؛ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بارلىق قاچا-قۇچىلار تاۋلانغان ئالتۇندىن ياسالغان؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۈمۈشتىن ياسالمىغان؛ سۇلايماننىڭ كۈنلىرىدە كۈمۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. 22  چۈنكى پادىشاھقا قاراشلىق دېڭىزدا يۈرىدىغان، ھىرامنىڭ كېمىلىرىگە قوشۇلۇپ «تارشىش كېمە» ئەترىتىمۇ بار ئىدى؛ «تارشىش كېمە ئەترىتى» ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كېلىپ ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشلىرى، مايمۇنلار ۋە توزلارنى ئەكېلەتتى.«تارشىش كېمە» ــ بەلكىم تارشىش دېگەن پورتقا بېرىپ كېلىش سەپىرىگە چىداملىق بولغان كېمىنى كۆرسىتەتتى. «تارشىش» دېگەن ئىسىم ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى برىتانىيەنى ياكى ئۈچىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئلىملار سومالىيەنىڭ (شەرقىي ئافرىقانىڭ) دېڭىز بويىدا تۆتىنچى بىر تارشىشمۇ بولغان، دەپ قارايدۇ.
23  سۇلايمان پادىشاھ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلاردىن بايلىقتا ۋە دانالىقتا ئۈستۈن ئىدى. 1پاد. 3‏:12، 13 24  خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى. 25  كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى. «تېتىتقۇلار» ــ ياكى «خۇشبۇي بۇيۇملار». «ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى» ــ ياكى «يىلمۇيىل ئۇلار شۇنداق قىلاتتى».
26  ۋە سۇلايمان جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى يىغدى؛ ئۇنىڭ بىر مىڭ تۆت يۈز جەڭ ھارۋىسى، ئون ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى؛ ئۇ ئۇلارنى «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»گە ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى.1پاد. 5‏:20؛ 2تار. 1‏:14؛ 9‏:25
27  پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى تاشتەك كۆپ، كېدىر دەرەخلىرىنى جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن قىلدى.«كېدىر دەرەخلىرىنى...» ــ ياكى «كېدىر ياغىچىنى...». لېكىن بىزنىڭچە سۇلايمان كېدىر ياغىچىنى ئىشلىتىپلا قالماي، شۇ چىرايلىق دەرەخلەردىن يېرۇسالېم ئەتراپىغا كۆپ تىكتۈردى («توپ.» 5:2نى كۆرۈڭ). «جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەفەلاھدىكى...». «شەفەلاھ» بۇ يەرنىڭ (تۈزلەڭلىكنىڭ) ئىسمى.  2تار. 1‏:15؛ 9‏:27
28  سۇلايمان ئالغان ئاتلار مىسىردىن ۋە كۇۋەدىن ئىدى؛ پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى. «پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى» ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كارۋانغا قوشۇپ ئالاتتى». «كۇۋە» بولسا ھازىرقى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە.  2تار. 1‏:16؛ 9‏:28 29  مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە، ھەر ئات بولسا يۈز ئەللىك تەڭگە ئىدى؛ ۋە ئۇلار يەنە ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرى ھەم سۇرىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش باھادا ئېلىپ چىقتى.«بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «تەڭگە»نىڭ قىممىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئەگەر «شەكەل» بولسا 11.4 گرامنى كۆرسىتىدۇ.  2تار. 1‏:17
 
 

10:2 2تار. 9‏:1؛ مات. 12‏:42؛ لۇقا 11‏:31

10:5 «(...ئۇنىڭ ، يەنى شېبانىڭ ئايال پادىشاھنىڭ... ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭدا روھ قالمىدى». دېمەك، ئىنتايىن ھەيران قالدى.

10:12 2تار. 9‏:11

10:14 «666 تالانت» ــ 22 توننا.

10:16 «600 شەكەل» ــ 600 شەكەل بەلكىم 7 كىلوگرامغا يېقىن.

10:16 1پاد. 14‏:26

10:17 «ئۈچ مىنا ئالتۇن» ــ «مىنا» ئېغىرلىق بىرلىكى ئىدى، ھازىرقى بىرلىكلەردە قانچە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

10:17 1پاد. 7‏:2

10:18 2تار. 9‏:17

10:22 «تارشىش كېمە» ــ بەلكىم تارشىش دېگەن پورتقا بېرىپ كېلىش سەپىرىگە چىداملىق بولغان كېمىنى كۆرسىتەتتى. «تارشىش» دېگەن ئىسىم ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا ياكى برىتانىيەنى ياكى ئۈچىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئلىملار سومالىيەنىڭ (شەرقىي ئافرىقانىڭ) دېڭىز بويىدا تۆتىنچى بىر تارشىشمۇ بولغان، دەپ قارايدۇ.

10:23 1پاد. 3‏:12، 13

10:25 «تېتىتقۇلار» ــ ياكى «خۇشبۇي بۇيۇملار». «ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى» ــ ياكى «يىلمۇيىل ئۇلار شۇنداق قىلاتتى».

10:26 1پاد. 5‏:20؛ 2تار. 1‏:14؛ 9‏:25

10:27 «كېدىر دەرەخلىرىنى...» ــ ياكى «كېدىر ياغىچىنى...». لېكىن بىزنىڭچە سۇلايمان كېدىر ياغىچىنى ئىشلىتىپلا قالماي، شۇ چىرايلىق دەرەخلەردىن يېرۇسالېم ئەتراپىغا كۆپ تىكتۈردى («توپ.» 5:2نى كۆرۈڭ). «جەنۇبىي تۈزلەڭلىكتىكى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەفەلاھدىكى...». «شەفەلاھ» بۇ يەرنىڭ (تۈزلەڭلىكنىڭ) ئىسمى.

10:27 2تار. 1‏:15؛ 9‏:27

10:28 «پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كۇۋەدىن بېكىتىلگەن باھادا ئالاتتى» ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پادىشاھنىڭ تىجارەتچىلىرى ئۇلارنى كارۋانغا قوشۇپ ئالاتتى». «كۇۋە» بولسا ھازىرقى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە.

10:28 2تار. 1‏:16؛ 9‏:28

10:29 «بىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ باھاسى ئالتە يۈز كۈمۈش تەڭگە...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «تەڭگە»نىڭ قىممىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئەگەر «شەكەل» بولسا 11.4 گرامنى كۆرسىتىدۇ.

10:29 2تار. 1‏:17