14
خۇدا يەنە يەروبوئامنى ئاگاھلاندۇرىدۇ
ئۇ ۋاقىتتا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ئابىياھ كېسەل بولۇپ قالدى. يەروبوئام ئايالىغا: ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. 1پاد. 11‏:31 قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ يىگىتىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ، دېدى.
يەروبوئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، شىلوھقا بېرىپ ئاخىياھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىياھنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولۇپ كۆرەلمەيتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياھقا: ــ مانا، يەروبوئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا مۇنداق-مۇنداق دېگىن؛ چۈنكى ئۇ كەلگەندە باشقا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولىدۇ، دەپ ئېيتقانىدى.
ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئاخىياھ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: ــ «ھەي، يەروبوئامنىڭ ئايالى، كىرگىن؛ نېمىشقا باشقا قىياپەتكە كىرىۋالدىڭ؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى. «ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى» ــ «ماڭا بۇيرۇلدى» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا: «مەن ئەۋەتىلدىم» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بېرىپ يەروبوئامغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ 1پاد. 12‏:15 پادىشاھلىقنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋېتىپ، ساڭا بەردىم؛ لېكىن سەن مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، نەزىرىمدە پەقەت دۇرۇس بولغاننىلا قىلىشتا پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگەشكەن قۇلۇم داۋۇتقا ئوخشاش بولمىدىڭ، بەلكى ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇق رەزىللىك قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئارقاڭغا تاشلاپ، بېرىپ ئۆزۈڭگە غەيرىي ئىلاھلارنى، قۇيما مەبۇدلارنى ياساتتىڭ. 10  شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە بالا چۈشۈرۈپ، يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلدىكى خاندانىدىن ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قالغىنىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن.«ھەممە ئەركەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تامغا قاراپ سىيىدىغان ھەربىرى» دېگەنلىك بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «...ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ياكى كىچىك ياكى چوڭ بولسا، ھەممىسىنى تاشلايمەن». «ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك ... يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن» ــ ياكى «ئادەملەر تېزەك كۆيدۈرگەندەك ... يوق بولغۇچە كۆيدۈرىۋېتىمەن».  1سام. 25‏:22، 34؛ 1پاد. 15‏:29؛ 16‏:11؛ 21‏:21؛ 2پاد. 9‏:8
11  يەروبوئامدىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغاندۇر. 12  ئەمدى سەن بولساڭ، قوپۇپ ئۆز ئۆيۈڭگە بارغىن؛ ئايىغىڭ شەھەرگە كىرگەن ھامان، بالا ئۆلىدۇ. 13  پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قەبرىگە قويۇلىدىغان يالغۇز شۇلا بولىدۇ؛ چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەقەت شۇنىڭدا پەزىلەت تېپىلدى.
14  ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇ پات ئارىدا بولىدۇ! 1پاد. 15‏:28، 29 15  پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، خۇددى سۇدا لىڭشىپ قالغان قۇمۇشتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان بۇ ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۇلارنى ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە «ئاشەراھ بۇتلار»نى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزىغىدى. «ئاشەراھ بۇتلار» ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.  2پاد. 17‏:18 16  يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، خۇدا ئىسرائىلنى تاشلاپ بېرىدۇ!»».
17  شۇنىڭ بىلەن يەروبوئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ تىرزاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا بالا ئۆلدى. 18  ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى ئاخىياھ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدەك، پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
19  ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى، يەنى جەڭلىرى ۋە قانداق سەلتەنەت قىلغانلىرى توغرىسىدا مانا، «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» دېگەن كىتاب ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ مۇئەللىپلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالغانىدى. 20  يەروبوئامنىڭ سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىدا ھۆكۈم سۈردى.
 
رەھوبوئامنىڭ سەلتەنىتى
2تار. 12‏:1-16
21  ۋە سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بولسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. رەھوبوئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز نامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئاممونىي ئىدى. 2تار. 12‏:13 22  يەھۇدالار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى سادىر قىلغانلىرىدىن زىيادە گۇناھلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەتلىك غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 23  چۈنكى ئۇلار «يۇقىرى جايلار»نى، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ۋە ھەم ھەربىر ئېگىز دۆڭلار ئۈستىدە، ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «ئاشەراھ» بۇتلارنى ياسىدى. 24  ۋە زېمىندا كەسپىي بەچچىۋازلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ھارام ئىشلىرىنى قىلاتتى. «كەسپىي بەچچىۋازلار» ــ بۇ كىشىلەر بۇتپەرەسلىككە ياكى بۇتخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۇل ئۈچۈن بەچچىۋازلىق قىلاتتى.
25  رەھوبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. 2تار. 12‏:2 26  ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپارلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. 1پاد. 10‏:16، 17؛ 2تار. 9‏:15 27  ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. 28  شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكىرىپ قويۇشاتتى. 29  ئەمما رەھوبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟«يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» دېگەن كىتاب ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ مۇئەللىپلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلار ئالغانىدى.
30  رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇرغانىدى. 31  رەھوبوئام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، بىر ئاممونىي ئىدى. رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.«رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام» ــ مۇشۇ يەردە ۋە 1:15-8دە ئىبرانىي تىلىدا «ئابىياھ»نىڭ ئىملاسى «ئابىيام» بولىدۇ.
 
 

14:2 1پاد. 11‏:31

14:6 «ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى» ــ «ماڭا بۇيرۇلدى» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا: «مەن ئەۋەتىلدىم» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

14:7 1پاد. 12‏:15

14:10 «ھەممە ئەركەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تامغا قاراپ سىيىدىغان ھەربىرى» دېگەنلىك بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «...ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ياكى كىچىك ياكى چوڭ بولسا، ھەممىسىنى تاشلايمەن». «ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك ... يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن» ــ ياكى «ئادەملەر تېزەك كۆيدۈرگەندەك ... يوق بولغۇچە كۆيدۈرىۋېتىمەن».

14:10 1سام. 25‏:22، 34؛ 1پاد. 15‏:29؛ 16‏:11؛ 21‏:21؛ 2پاد. 9‏:8

14:14 1پاد. 15‏:28، 29

14:15 «ئاشەراھ بۇتلار» ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم ئايال بۇت شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

14:15 2پاد. 17‏:18

14:19 «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» دېگەن كىتاب ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ مۇئەللىپلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالغانىدى.

14:21 2تار. 12‏:13

14:24 «كەسپىي بەچچىۋازلار» ــ بۇ كىشىلەر بۇتپەرەسلىككە ياكى بۇتخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۇل ئۈچۈن بەچچىۋازلىق قىلاتتى.

14:25 2تار. 12‏:2

14:26 1پاد. 10‏:16، 17؛ 2تار. 9‏:15

14:29 «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە» دېگەن كىتاب ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، تەۋراتتىكى «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ مۇئەللىپلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلار ئالغانىدى.

14:31 «رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام» ــ مۇشۇ يەردە ۋە 1:15-8دە ئىبرانىي تىلىدا «ئابىياھ»نىڭ ئىملاسى «ئابىيام» بولىدۇ.