2
ھانناھ تەنتەنە بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ
ھانناھ دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«مېنىڭ قەلبىم پەرۋەردىگار بىلەن يايرايدۇ،
مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى؛
ئاغزىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىكتە ئېچىلدى؛
چۈنكى سېنىڭ نىجاتىڭدىن شادلىنىمەن.«مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتىنى ياكى كۈچىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «زەب.»، 17:132نى كۆرۈڭ. بۇ مۈڭگۈزلەر ئادەمنىڭ بېشىدا ئۆسكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە!  لۇقا 1‏:46.
پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛
چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق،
خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر.قان. 3‏:24؛ زەب. 86‏:8.
ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار،
يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر.
ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ.
پالۋانلارنىڭ ئوق-يالىرى سۇندۇرىلدى؛
لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بېلى بولسا قۇدرەت بىلەن باغلاندى.
قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛
لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛
ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛
لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ.زەب. 34‏:9-10؛ يىغ. 5‏:6؛ لۇقا 1‏:53.
پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛
ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛«تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھى بارىدىغان جاي.  قان. 32‏:39؛ ئ‍ەز. 37‏:11-14
پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛
ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ.
ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ،
قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛
ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛
ئۇلارنى شان-شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛
چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛
ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى.ئايۇپ 36‏:15؛ زەب. 113‏:7، 8؛ لۇقا 1‏:52؛ زەب. 24‏:1-2؛ 102‏:25؛ 104‏:5
ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛
ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛
چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ.
10  پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛
ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ.
پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا قۇدرەت بېرىدۇ،
ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!».«ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!» ــ «مەسىھلىمەك» ياكى «مەسىھ قىلىش»: خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» ياكى «مەسىھلىنىش» دەپ ئاتىلاتتى ۋە شۇنداقلا شۇ چاغدىن باشلاپ شۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھلىگىنى» دەپ ئاتىلاتتى. كاھىنلار ۋە بەزى ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەرمۇ «مەسىھ قىلىناتتى». ئىسرائىلدا شۇ چاغدا پادىشاھ بولمىغاچقا، ھانناھنىڭ بۇ سۆزى دەرۋەقە كەلگۈسى ئىشلارنى ئالدىنئالا كۆرسەتكەن بېشارەت ئىدى.  1سام. 7‏:10؛ زەب. 2‏:6؛ 21‏:8؛ 89‏:24
 
11  ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى.
 
ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق مەنسىپىدىن رەزىللىك بىلەن پايدىلىنىشلىرى
12  ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. «...ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) ئوغۇللىرىدىن بولۇپ» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس»، بەلكىم شەيتاننى كۆرسىتىدۇ. 13  كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان: ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ 14  داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان. «ئۇلارنىڭ شىلوھغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان» ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىقلار، شۈبھىسىزكى، «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى» ياكى «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» ئىدى. كاھىنلارنىڭ مۇشۇ ئادىتى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغان ئەمەس. كاھىنلارنىڭ «ھوقۇق ئۈلۈشى» بولسا «لاۋ.» 11:7-18، 28-34-ئايەتلەردە كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئاچكۆزلۈكىدىن بۇ ئادەتنى تولىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنىدى. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. 15  شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى. 16  ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ: ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛ «ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە قۇربانلىقلاردىكى بارلىق ياغلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلەتتى. ئادەمنىڭ ئۇنى يېيىشى مەنئى قىلىناتتى. 17  شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى.
18  ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. «سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى» ــ «ئەفود» دېگەن نېمە؟ خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇن بويىچە، باش كاھىن كىيدىغان بىر ئالاھىدە كالتە چاپان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىل تاش ئارقىلىق خۇدادىن يول سورىغىلى بولاتتى. سامۇئىل لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، بۇ ئايەتكە قارىغاندا «كاھىنلىق كىيىم» كىيىپ، كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتاتتى. 19  بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى. 20  ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى. 21  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى.«...يوقلاپ بەرىكەتلەپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «يوقلاپ» دېيىلىدۇ. خۇدانىڭ «يوقلىشى» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
22  ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى. «جامائەت چېدىرى» ــ يەنى «ئىبادەت چېدىرى» ياكى «مۇقەددەس چېدىر». 23  ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. 24  بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر. «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا تارقالغان خەۋەر ياخشى ئەمەس». 25  ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى. 26  ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى.لۇقا 2‏:52.
27  خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟ روس. 7‏:25. 28  مەن ئۇنى كاھىنىم بولۇش، ئۆز قۇربانگاھىمدا قۇربانلىق قىلىش، خۇشبۇي يېقىش ۋە مېنىڭ ئالدىمدا ئەفود تونىنى كېيىپ خىزمەت قىلىشقا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىمىغانىدىممۇ؟ شۇنىڭدەك مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟ «... مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟» ــ تەۋراتقا ئاساسەن، كاھىنلارنىڭ ھەرقانداق قۇربانلىقلاردىن ئۆزىگە خاس بىر ئۈلۈشنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى.  لاۋ. 10‏:14. 29  نېمىشقا مەن بۇيرۇغان، تۇرالغۇ جايىمدىكى قۇربانلىقىم بىلەن ئاشلىق ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خەلقىم ئىسرائىللار كەلتۈرگەن ھەممە ھەدىيەلەرنىڭ ئېسىلىدىن ئۆزلىرىڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مېنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىسەن؟» قان. 32‏:15. 30  ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ. مىس. 28‏:43؛ 29‏:9. 31  مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ! «... سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن» ــ «ئادەمنىڭ بىلىكى» ئۇنىڭ كۈچى، قابىلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى بىلدۈرەتتى. 32  سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن؛ ئىسرائىللار ھەرقانداق ھۇزۇر-بەختنى كۆرگىنى بىلەن، سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. «سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن» ــ ياكى «سەن تۇرالغۇ جايىمدا دۈشمەن كۆرىسەن». «سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ» ــ بۇ بېشارەت تۆۋەندىكى بابلاردا ئېچىلىدۇ. ئەلى ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرىدۇ؛ بىراق كېيىنكى كۈنلەردە، يەنى داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدىكى بەخت-بەرىكەتنى ئۇ كۆرمەيدۇ (ئەلىنىڭ جەمەتىنىڭ كېيىنكى تارىخى 22-باب، 1-22، «1پاد.» 26:2-27دە كۆرۈلىدۇ). 33  ۋە مەن قۇربانگاھىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىمىغان ئادىمىڭ بار بولسا، ئۇ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى بىلەن جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمەتىڭدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتتىن ئۆتمەي ئۆلىدۇ. «كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى» ــ بۇ ئىبارە ئادەتتە كۆز ياشلىرىنىڭ كۆپ تۆكۈلگەنلىكىدىن ياكى زور غەمكىنلىكتىن بولغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. 34 ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ. 35  ئەمما ئۆزۈمگە روھىم ۋە دىلىمدىكى نىيىتىم بويىچە ئىش كۆرىدىغان سادىق بىر كاھىننى تىكلەيمەن؛ مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جەمەت قۇرىمەن؛ ئۇ مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ. «...مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا» ــ مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ ئالدىدا، دېمەكچى. بىزنىڭچە بۇ بېشارەت ئاۋۋال سامۇئىلنىڭ ئۆزىدە ئاندىن كاھىن زادوكنىڭ جەمەتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. «مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق كۈنلەردە مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ». 36  شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھەربىر تىرىك قالغانلار بىر سەر كۈمۈش ۋە بىر چىشلەم نان تىلەشكە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «كاھىنلىق خىزمەتلىرىدىن ماڭا بىر ئورۇن بەرسىلە، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپاي دەپ ئېيتىدىغان بولىدۇ» دەيدۇ.
 
 

2:1 «مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتىنى ياكى كۈچىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «زەب.»، 17:132نى كۆرۈڭ. بۇ مۈڭگۈزلەر ئادەمنىڭ بېشىدا ئۆسكەن ئەمەس، ئەلۋەتتە!

2:1 لۇقا 1‏:46.

2:2 قان. 3‏:24؛ زەب. 86‏:8.

2:5 زەب. 34‏:9-10؛ يىغ. 5‏:6؛ لۇقا 1‏:53.

2:6 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھى بارىدىغان جاي.

2:6 قان. 32‏:39؛ ئ‍ەز. 37‏:11-14

2:8 ئايۇپ 36‏:15؛ زەب. 113‏:7، 8؛ لۇقا 1‏:52؛ زەب. 24‏:1-2؛ 102‏:25؛ 104‏:5

2:10 «ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!» ــ «مەسىھلىمەك» ياكى «مەسىھ قىلىش»: خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» ياكى «مەسىھلىنىش» دەپ ئاتىلاتتى ۋە شۇنداقلا شۇ چاغدىن باشلاپ شۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھلىگىنى» دەپ ئاتىلاتتى. كاھىنلار ۋە بەزى ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەرمۇ «مەسىھ قىلىناتتى». ئىسرائىلدا شۇ چاغدا پادىشاھ بولمىغاچقا، ھانناھنىڭ بۇ سۆزى دەرۋەقە كەلگۈسى ئىشلارنى ئالدىنئالا كۆرسەتكەن بېشارەت ئىدى.

2:10 1سام. 7‏:10؛ زەب. 2‏:6؛ 21‏:8؛ 89‏:24

2:12 «...ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بېلىئالنىڭ (ئىبلىسنىڭ) ئوغۇللىرىدىن بولۇپ» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس»، بەلكىم شەيتاننى كۆرسىتىدۇ.

2:14 «ئۇلارنىڭ شىلوھغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان» ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىقلار، شۈبھىسىزكى، «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى» ياكى «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» ئىدى. كاھىنلارنىڭ مۇشۇ ئادىتى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغان ئەمەس. كاھىنلارنىڭ «ھوقۇق ئۈلۈشى» بولسا «لاۋ.» 11:7-18، 28-34-ئايەتلەردە كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئاچكۆزلۈكىدىن بۇ ئادەتنى تولىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنىدى. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.

2:16 «ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە قۇربانلىقلاردىكى بارلىق ياغلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلەتتى. ئادەمنىڭ ئۇنى يېيىشى مەنئى قىلىناتتى.

2:18 «سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى» ــ «ئەفود» دېگەن نېمە؟ خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇن بويىچە، باش كاھىن كىيدىغان بىر ئالاھىدە كالتە چاپان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىل تاش ئارقىلىق خۇدادىن يول سورىغىلى بولاتتى. سامۇئىل لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، بۇ ئايەتكە قارىغاندا «كاھىنلىق كىيىم» كىيىپ، كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتاتتى.

2:21 «...يوقلاپ بەرىكەتلەپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «يوقلاپ» دېيىلىدۇ. خۇدانىڭ «يوقلىشى» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

2:22 «جامائەت چېدىرى» ــ يەنى «ئىبادەت چېدىرى» ياكى «مۇقەددەس چېدىر».

2:24 «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا تارقالغان خەۋەر ياخشى ئەمەس».

2:26 لۇقا 2‏:52.

2:27 روس. 7‏:25.

2:28 «... مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟» ــ تەۋراتقا ئاساسەن، كاھىنلارنىڭ ھەرقانداق قۇربانلىقلاردىن ئۆزىگە خاس بىر ئۈلۈشنى ئېلىش ھوقۇقى بار ئىدى.

2:28 لاۋ. 10‏:14.

2:29 قان. 32‏:15.

2:30 مىس. 28‏:43؛ 29‏:9.

2:31 «... سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن» ــ «ئادەمنىڭ بىلىكى» ئۇنىڭ كۈچى، قابىلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى بىلدۈرەتتى.

2:32 «سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن» ــ ياكى «سەن تۇرالغۇ جايىمدا دۈشمەن كۆرىسەن». «سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ» ــ بۇ بېشارەت تۆۋەندىكى بابلاردا ئېچىلىدۇ. ئەلى ئۆزى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرىدۇ؛ بىراق كېيىنكى كۈنلەردە، يەنى داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدىكى بەخت-بەرىكەتنى ئۇ كۆرمەيدۇ (ئەلىنىڭ جەمەتىنىڭ كېيىنكى تارىخى 22-باب، 1-22، «1پاد.» 26:2-27دە كۆرۈلىدۇ).

2:33 «كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى» ــ بۇ ئىبارە ئادەتتە كۆز ياشلىرىنىڭ كۆپ تۆكۈلگەنلىكىدىن ياكى زور غەمكىنلىكتىن بولغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

2:35 «...مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا» ــ مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ ئالدىدا، دېمەكچى. بىزنىڭچە بۇ بېشارەت ئاۋۋال سامۇئىلنىڭ ئۆزىدە ئاندىن كاھىن زادوكنىڭ جەمەتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. «مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق كۈنلەردە مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ».