26
داۋۇت سائۇلنى يەنە رەھىم قىلىپ ئايايدۇ
ئەمدى زىفلىقلار گىبېئاھغا سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ داۋۇت يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
سائۇل قوپۇپ ئىسرائىلدىن خىللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇتنى ئىزدىگىلى ئۇ يەرگە باردى. سائۇل بولسا يول بويىدا، يەشىمونغا يېقىن ھاقىلاھ ئېگىزلىكىدە چېدىر تىكتى. داۋۇت چۆلدە تۇرۇۋاتاتتى؛ ئۇ سائۇلنىڭ چۆلگە ئۆز كەينىدىن چىققىنىدىن خەۋەر تاپقاندا داۋۇت پايلاقچىلارنى ماڭدۇرۇپ سائۇلنىڭ راستلا كەلگەنلىكىنى بىلدى. داۋۇت قوپۇپ سائۇل چېدىر تىككەن جايغا باردى؛ ئۇ سائۇل بىلەن قوشۇن سەردارى، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ياتقان يەرنى كۆردى. سائۇل بولسا قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى، ئادەملىرى چېدىرلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تىككەنىدى.
داۋۇت ئەمدى ھىتتىيلاردىن بولغان ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئىنىسى زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشايغا: ــ كىم مەن بىلەن لەشكەرگاھغا چۈشۈپ، سائۇلنىڭ يېنىغا بارىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئابىشاي: ــ مەن سېنىڭ بىلەن باراي، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئابىشاي كېچىدە قوشۇن بار يەرگە بېرىۋىدى، مانا سائۇل قوشۇن ئىستىھكامى ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقانىدى؛ ئۇنىڭ نەيزىسى تەكىيىسىنىڭ يېنىدا يەرگە قاداقلىق تۇراتتى؛ ئابنەر بىلەن ئادەملىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتاتتى. ئابىشاي داۋۇتقا: ــ خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى قولۇڭغا تاپشۇردى. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا نەيزە بىلەن بىرلا سانجىپ ئۇنى يەرگە قاداپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيسەن! ئىككى قېتىم سانجىشىمنىڭ لازىمى يوقتۇر، دېدى.
داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى.
10  داۋۇت يەنە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار جەزمەن ئۇنى ئۇرىدۇ؛ يا ئۇنىڭ ئۆلىدىغان كۈنى كېلىدۇ يا ئۇ جەڭگە چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. 11  پەرۋەردىگار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشىدىن ساقلىغاي! ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇ ئىدىشىنى ئالغىن، ئاندىن كېتەيلى، دېدى. 12  شۇنىڭ بىلەن داۋۇت نەيزە بىلەن ئىدىشنى سائۇلنىڭ بېشىنىڭ يېنىدىن ئېلىپ، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما ھېچكىم كۆرمىدى، تۇيۇپمۇ قالمىدى ھەم ئويغىنىپ كەتمىدى، بەلكى ھەممىسى ئۇخلاۋەردى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىر قاتتىق ئۇيقۇنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەنىدى.
13  داۋۇت ئۇدۇلدىكى تەرەپكە ئۆتۈپ يىراقراق بىر دۆڭنىڭ تۆپىسىدە تۇردى؛ ئۇلارنىڭ ئارىلىقى يىراق ئىدى. 14  داۋۇت قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە توۋلاپ: ــ جاۋاب بەرمەمسەن، ئى ئابنەر! ــ دېدى. ئابنەر: ــ پادىشاھقا توۋلىغۇچى كىم سەن؟ ــ دېدى.
15  داۋۇت ئابنەرگە: ــ سەن باتۇر ئەمەسمۇ؟ ئىسرائىلدا ساڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى خەلقتىن بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ھالاك قىلغىلى كىرىپتۇ. 16  سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس! پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار مەسىھ قىلغان غوجاڭلارنى قوغدىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ نەيزىسى ۋە بېشىنىڭ يېنىدىكى سۇ ئىدىشىنىڭ قەيەردىلىكىگە قاراپ بېقىڭلار، دېدى.
17  سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: ــ بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئى ئوغلۇم داۋۇت! ــ دېدى. داۋۇت: ــ ئى غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر، دېدى. 18  ئۇ يەنە: ــ نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟ 19  ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ. «... پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي...» ــ مەنىسى: (1) داۋۇت مەلۇم يامانلىق قىلغان بولسا، پەرۋەردىگار ئۇنى قۇربانلىق ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىدۇ؛ (2) پەرۋەردىگار سائۇلنى جازالاش ئۈچۈن ئۇنى داۋۇتقا قارشى چىقىشقا قوزغىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، ئۇ قۇربانلىق ئارقىلىق سائۇلنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. «چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلماقچى...» ــ مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگارنىڭ مىراسى»: (1) خۇدا ئىسرائىلغا ۋەدە قىلغان قانائان زېمىنىنى؛ (2) خۇدانىڭ ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈمى ئارقىلىق بولغان كۆپ ئىمتىيازلاردىن، جۈملىدىن كاھىن-لاۋىيلار ئارقىلىق خۇدانىڭ تەلىم-كالامىنى ئاڭلاشتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇلارنىڭ مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ» ــ داۋۇت ئۆزى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدە تۇرمىغان بولغاچقا، خۇدانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا بارالمايدۇ. 20  ئەمدى مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەرگە تۆكۈلمىسۇن؛ چۈنكى تاغلاردا بىر كەكلىكنى ئوۋلىغاندەك ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر يالغۇز بۈرگىنى ئىزدىگىلى چىقىپتۇ، دېدى.1سام. 24‏:15
21  سائۇل: ــ مەن گۇناھ قىلدىم؛ يېنىپ كەلگىن ئى ئوغلۇم داۋۇت؛ مېنىڭ جېنىم بۈگۈن كۆزلىرىڭدە ئەزىز سانالغىنى ئۈچۈن مەن ساڭا بۇندىن كېيىن ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن؛ مانا، ئەخمەقلىق قىلدىم، بەك ئېزىپتىمەن، دېدى.
22  داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ مانا پادىشاھنىڭ نەيزىسى، غۇلاملاردىن بىرى كېلىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئالسۇن. 23  پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن سادىقلىقىغا قاراپ ياندۇرغاي. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار سىلىنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم. 24  مانا، بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ كۆزلىرىمدە ئەزىز بولغاندەك مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئەزىز بولغاي، ئۇ مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكتىن قۇتقۇزغاي، دېدى.
25  سائۇل داۋۇتقا: ــ ئەي ئوغلۇم داۋۇت، بەرىكەتلەنگەيسەن. سەن جەزمەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن، ئىشلىرىڭ جەزمەن راۋاجلىق بولىدۇ، دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆز جايىغا يېنىپ باردى.
 
 

26:19 «... پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي...» ــ مەنىسى: (1) داۋۇت مەلۇم يامانلىق قىلغان بولسا، پەرۋەردىگار ئۇنى قۇربانلىق ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىدۇ؛ (2) پەرۋەردىگار سائۇلنى جازالاش ئۈچۈن ئۇنى داۋۇتقا قارشى چىقىشقا قوزغىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، ئۇ قۇربانلىق ئارقىلىق سائۇلنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. «چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلماقچى...» ــ مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگارنىڭ مىراسى»: (1) خۇدا ئىسرائىلغا ۋەدە قىلغان قانائان زېمىنىنى؛ (2) خۇدانىڭ ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈمى ئارقىلىق بولغان كۆپ ئىمتىيازلاردىن، جۈملىدىن كاھىن-لاۋىيلار ئارقىلىق خۇدانىڭ تەلىم-كالامىنى ئاڭلاشتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇلارنىڭ مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ» ــ داۋۇت ئۆزى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدە تۇرمىغان بولغاچقا، خۇدانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا بارالمايدۇ.

26:20 1سام. 24‏:15