تېسالونىكالىقلارغا «1»
1
روسۇل پاۋلۇس تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان بىرىنچى مەكتۇپ •••• پاۋلۇسنىڭ سالاملىرى، تەشەككۈر ئېتىشلىرى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلىرى
مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام.
سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام» ــ «تېسالونىكا» دېگەن شەھەر ھازىرقى گرېتسىيە (ماكېدونىيە) ھازىرقى ئىسمى «سالونىكا». كونا زاماندا «تېسالونىكا» دەپ ئاتالغان.   رىم. 1‏:7؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.
بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛ ئ‍ەف. 1‏:16؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 2تېـس. 1‏:3. خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلار...» ــ گرېك تىلىدا «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمىلىڭ...».   يـۇھ. 6‏:29 چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان. چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر. 1كور. 2‏:4؛ 4‏:20؛ 1تېس. 2‏:1.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار، 1كور. 4‏:16؛ 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 2تېـس. 3‏:9. شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛ چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. «چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. » ــ دېمەك، پاۋلۇس ۋە خىزمەتداشلىرى قايسى يەرلەرگە بارمىسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئاللىقاچان تېسالونىكادىكىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىدىن خەۋەر تاپقان، شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ خۇش خەۋەردىن خەۋەردار بولغان. 9‏-10 چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى، سىلەرنىڭ بۇتلاردىن قانداق ۋاز كېچىپ تىرىك ۋە ھەقىقىي خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن، كەلگۈسىدە كېلىدىغان غەزەپتىن بىزنى قۇتقۇزغۇچى ئەيسانىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى كۈتۈشكە خۇداغا باققانلىقىڭلارنى بايان قىلىشىدۇ. «چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى... بايان قىلىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا: «چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرىشىمىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى... بايان قىلىشىدۇ».   روس. 1‏:11؛ فىل. 3‏:20؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.
 
 

1:1 «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام» ــ «تېسالونىكا» دېگەن شەھەر ھازىرقى گرېتسىيە (ماكېدونىيە) ھازىرقى ئىسمى «سالونىكا». كونا زاماندا «تېسالونىكا» دەپ ئاتالغان.

1:1 رىم. 1‏:7؛ ئ‍ەف. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.

1:2 ئ‍ەف. 1‏:16؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 2تېـس. 1‏:3.

1:3 «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلار...» ــ گرېك تىلىدا «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمىلىڭ...».

1:3 يـۇھ. 6‏:29

1:5 1كور. 2‏:4؛ 4‏:20؛ 1تېس. 2‏:1.

1:6 1كور. 4‏:16؛ 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 2تېـس. 3‏:9.

1:8 «چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. » ــ دېمەك، پاۋلۇس ۋە خىزمەتداشلىرى قايسى يەرلەرگە بارمىسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئاللىقاچان تېسالونىكادىكىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىدىن خەۋەر تاپقان، شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ خۇش خەۋەردىن خەۋەردار بولغان.

1:9‏-10 «چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى قانداق قارشى ئالغانلىقىڭلارنى... بايان قىلىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا: «چۈنكى بىز بارغانلىكى جايدىكى كىشىلەر بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرىشىمىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى... بايان قىلىشىدۇ».

1:9‏-10 روس. 1‏:11؛ فىل. 3‏:20؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.