2
ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر
لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. «لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ئوخشاش يولدا ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ» ــ «خەلق» بولسا ئىسرائىل خەلقى.   قان. 13‏:2؛ مات. 24‏:11؛ روس. 20‏:29؛ 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ. يەھ. 4.
چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە، «چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە...» ــ «تەھتىسارانىڭ ھاڭى» گرېك تىلىدا «تارتارۇس» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ جاي تەھتىسارادىن ئايرىم تۇرىدۇ؛ قارىغاندا، بۇ يەر مۇشۇنداق گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرگە ئالاھىيتەن تەييارلانغان.
«زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر» ــ ياكى «زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى ئۆڭكۈرلەردە».
مۇشۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان پەرىشتىلەر ئەسلى شەيتان بىلەن بىللە خۇداغا ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنى ئەمەس، بەلكى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە گۇناھ قىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «يار.» 1:6-5 ۋە ئىزاھاتلار، «يەھ.» 6-7-ئايەتلەرنى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.
   يەھ. 6؛ ۋەھ. 20‏:3. شۇنداقلا قەدىمكى دۇنيادىكىلەرنىمۇ ئاياپ قويماي، خۇداسىزلىققا بېرىلگەن دۇنيانى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە ــ «پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە...» ــ گرېك تىلىدا «پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى سەككىزىنچى كىشى نۇھنى ساقلاپ قالغان يەردە ...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   يار. 7‏:23؛ 1پېت. 3‏:19. ھەمدە كېيىن سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى خۇداسىزلىققا بېرىلگەنلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ بېكىتىپ، بېشىغا كۈلپەتلىك جازانى چۈشۈرۈپ كۈل قىلغان، يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ئ‍ەز. 16‏:49؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ يەھ. 7. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىدىن يىرگىنىپ ئازابلانغان، ھەققانىي بولغان لۇتنى ئۇلار ئارىسىدىن قۇتۇلدۇرغان يەردە ــ يار. 19‏:7، 8. (ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان ھەققانىي لۇتنىڭ ھەققانىي قەلبى ھەر كۈنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىتائەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئازابلىناتتى) زەب. 119‏:158. ئەمدى شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رەب ئىخلاسمەنلەرنى دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ھەققانىيسىزلارنى سوراق كۈنىگىچە جازالىنىشقا ساقلاپ قويۇشنى بىلىدۇ. 1كور. 10‏:13. 10 بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «روھىي ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر. «بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ» ــ «ھوقۇق ئىگىلىرى» دېگەنلىك شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە پادىشاھلار، ۋالىيلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەمەلدارلارنى، شۇنداقلا خۇدا بېكىتكەن ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «روھىي ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر» ــ «روھىي ئۇلۇغلار» ئەينى تېكىستتە «روھىي» دېگەن سۆز يوق. لېكىن 11-ئايەتكە قارىغاندا چوقۇم ئەرشتىكى (يامان) كۈچلەر، يەنى جىن-شەيتانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. 11 ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «ئۇلۇغلار»نى ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ. «ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ...» ــ «ئۇلاردىن» ــ بەزىلەر مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار»نى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «ئۇلار» ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەر ئەلۋەتتە جىن-شەيتانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ! «... پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «ئۇلۇغلار»نى ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ» ــ مەسىلەن، «يەھ.» 9-ئايەتنى كۆرۈڭ. 12 ئەمما بۇلار خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك كېلىپ، ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە ھاقارەتلىك سۆز قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ، «...شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ» ــ «ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى» دېگەننىڭ باشقا مەنىسى «ئۇلار (يەنى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»)نىڭ ھالاكىتى» بولۇشى مۇمكىن. گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇلارنىڭ ھالاكىتى» دېيىلىدۇ.   يەر. 12‏:3؛ يەھ. 10. 13 شۇنداقلا ئۆز ھەققانىيسىزلىقىغا تۇشلۇق جازانىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلار سىلەرگە نومۇس ۋە داغ كەلتۈرۈپ سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئۆز مەككارلىقلىرىدىن زوقلىنىدۇ. 14 ئۇلارنىڭ زىناخورلۇق بىلەن تولغان كۆزلىرى گۇناھ سادىر قىلىشتىن ئۈزۈلمەيدۇ؛ ئۇلار تۇتامى يوق كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ ئۇلار قەلبىنى ئاچكۆزلۈككە كۆندۈرگەن، لەنەتكە يېقىن بالىلاردۇر! 15 ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى، «ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى» ــ «چۆل.» 22-24-بابلاردا، بالائامنىڭ ئاتىسى «بېئور» دەپ ئاتىلىدۇ. «بوسور» ئۇنىڭ باشقا ئىسمى بولسا كېرەك.   چۆل. 22‏:21،7؛ يەھ. 11. 16 لېكىن ئۇ قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى). «لېكىن ئۇ (بالائام «پەيغەمبەر») قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى)» ــ «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام» توغرۇلۇق: مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدىكى پادىشاھلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئاشۇ پادىشاھلاردىن بىرى بېئورنىڭ ئوغلى بالائام دېگەن «پەيغەمبەر»نى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئەگەر ئۇ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇسا، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل بەرمەكچى بولىدۇ. خۇدا بالائامنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمىسىمۇ، بالائام بەرىبىر پۇلنى دەپ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇماقچى بولۇپ يولغا چىقىدۇ. مانا بۇ «بالائام پەيغەمبەرنىڭ يولى» دېيىلىدۇ. بىراق خۇدا بالائامنىڭ ئېشىكىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق: «مانا سېنىڭ ئېشىكىڭ مېنىڭ ئاۋازىمنى سەندىن ياخشى تونۇيدۇ» دېگەندەك، شۇ يولنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. «چۆل.» 22-24-بابلارنى كۆرۈڭ.   چۆل. 22‏:21. 17 مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان. «مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان» ــ قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھالى 4-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ.   يەھ. 12. 18 چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ. «چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ» ــ «ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرى» ــ «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدىكى «ئەت» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ.
«ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ» ــ ياكى «ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى ئاران قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ».
19 ئۇلار مۇشۇ كىشىلەرگە «سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز» دەپ ۋەدە قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بۇزۇقلۇقنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. يـۇھ. 8‏:34؛ رىم. 6‏:16. 20 چۈنكى ئەگەر ئۇلار رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ پاسىقلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇلارغا يەنە باغلىنىپ، بويسۇندۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ. مات. 12‏:45؛ ئىبر. 6‏:4؛ 10‏:26. 21 چۈنكى ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى ئەسلىدىنلا بىلمىگىنى ئەۋزەل بولاتتى. 22 مۇشۇ ئىشەنچلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۇلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: ــ
«ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا قايتىدىن پاتقاقتا ئېغىنار». «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ــ بىرىنچى ھېكمەتلىك سۆز «پەند.» 11:26دىن ئېلىنغان. ئىككىنچىسىنىڭ مەنبەسى نامەلۇم.   پەند. 26‏:11.
 
 

2:1 «لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ئوخشاش يولدا ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ» ــ «خەلق» بولسا ئىسرائىل خەلقى.

2:1 قان. 13‏:2؛ مات. 24‏:11؛ روس. 20‏:29؛ 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1.

2:3 يەھ. 4.

2:4 «چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە...» ــ «تەھتىسارانىڭ ھاڭى» گرېك تىلىدا «تارتارۇس» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ جاي تەھتىسارادىن ئايرىم تۇرىدۇ؛ قارىغاندا، بۇ يەر مۇشۇنداق گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرگە ئالاھىيتەن تەييارلانغان. «زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر» ــ ياكى «زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى ئۆڭكۈرلەردە». مۇشۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان پەرىشتىلەر ئەسلى شەيتان بىلەن بىللە خۇداغا ئىسيان كۆتۈرگەنلەرنى ئەمەس، بەلكى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە گۇناھ قىلغان پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «يار.» 1:6-5 ۋە ئىزاھاتلار، «يەھ.» 6-7-ئايەتلەرنى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.

2:4 يەھ. 6؛ ۋەھ. 20‏:3.

2:5 «پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى نۇھنى باشقا يەتتىسى بىلەن ساقلاپ قالغان يەردە...» ــ گرېك تىلىدا «پەقەت ھەققانىيلىققا دەۋەت قىلغۇچى سەككىزىنچى كىشى نۇھنى ساقلاپ قالغان يەردە ...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

2:5 يار. 7‏:23؛ 1پېت. 3‏:19.

2:6 يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ئ‍ەز. 16‏:49؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ يەھ. 7.

2:7 يار. 19‏:7، 8.

2:8 زەب. 119‏:158.

2:9 1كور. 10‏:13.

2:10 «بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئەتلىرىگە ئەگىشىپ پاسىق ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن، شۇنداقلا ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغانلارنىڭ جازاسى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ» ــ «ھوقۇق ئىگىلىرى» دېگەنلىك شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە پادىشاھلار، ۋالىيلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەمەلدارلارنى، شۇنداقلا خۇدا بېكىتكەن ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مۇشۇنداق كىشىلەر ھالى چوڭ، مەنمەنچىلەردۇر، ئۇلار «روھىي ئۇلۇغلار»غا ھاقارەت قىلىشتىن ھېچ قورقمايدىغانلاردۇر» ــ «روھىي ئۇلۇغلار» ئەينى تېكىستتە «روھىي» دېگەن سۆز يوق. لېكىن 11-ئايەتكە قارىغاندا چوقۇم ئەرشتىكى (يامان) كۈچلەر، يەنى جىن-شەيتانلارنى كۆرسەتسە كېرەك.

2:11 «ھەتتا ئۇلاردىن كۈچ-قۇدرەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان پەرىشتىلەرمۇ...» ــ «ئۇلاردىن» ــ بەزىلەر مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار»نى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «ئۇلار» ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەر ئەلۋەتتە جىن-شەيتانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ! «... پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ «ئۇلۇغلار»نى ھاقارەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ» ــ مەسىلەن، «يەھ.» 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.

2:12 «...شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى بىلەن تولۇق ھالاك بولىدۇ» ــ «ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەت ئىشلىرى» دېگەننىڭ باشقا مەنىسى «ئۇلار (يەنى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»)نىڭ ھالاكىتى» بولۇشى مۇمكىن. گرېك تىلىدا پەقەت «ئۇلارنىڭ ھالاكىتى» دېيىلىدۇ.

2:12 يەر. 12‏:3؛ يەھ. 10.

2:15 «ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى» ــ «چۆل.» 22-24-بابلاردا، بالائامنىڭ ئاتىسى «بېئور» دەپ ئاتىلىدۇ. «بوسور» ئۇنىڭ باشقا ئىسمى بولسا كېرەك.

2:15 چۆل. 22‏:21،7؛ يەھ. 11.

2:16 «لېكىن ئۇ (بالائام «پەيغەمبەر») قىلغان قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن تەنبىھىنى يېدى (زۇۋانسىز ئېشەك ئىنساننىڭ ئاۋازى بىلەن سۆزلەپ پەيغەمبەرنىڭ ئەخمىقانە ئىشىنى توستى)» ــ «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام» توغرۇلۇق: مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدىكى پادىشاھلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئاشۇ پادىشاھلاردىن بىرى بېئورنىڭ ئوغلى بالائام دېگەن «پەيغەمبەر»نى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئەگەر ئۇ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇسا، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل بەرمەكچى بولىدۇ. خۇدا بالائامنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمىسىمۇ، بالائام بەرىبىر پۇلنى دەپ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇماقچى بولۇپ يولغا چىقىدۇ. مانا بۇ «بالائام پەيغەمبەرنىڭ يولى» دېيىلىدۇ. بىراق خۇدا بالائامنىڭ ئېشىكىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق: «مانا سېنىڭ ئېشىكىڭ مېنىڭ ئاۋازىمنى سەندىن ياخشى تونۇيدۇ» دېگەندەك، شۇ يولنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. «چۆل.» 22-24-بابلارنى كۆرۈڭ.

2:16 چۆل. 22‏:21.

2:17 «مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان» ــ قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھالى 4-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ.

2:17 يەھ. 12.

2:18 «چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ» ــ «ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرى» ــ «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدىكى «ئەت» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ. «ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ» ــ ياكى «ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى ئاران قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ».

2:19 يـۇھ. 8‏:34؛ رىم. 6‏:16.

2:20 مات. 12‏:45؛ ئىبر. 6‏:4؛ 10‏:26.

2:22 «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ــ بىرىنچى ھېكمەتلىك سۆز «پەند.» 11:26دىن ئېلىنغان. ئىككىنچىسىنىڭ مەنبەسى نامەلۇم.

2:22 پەند. 26‏:11.