سامۇئىل «2»
1
سائۇل ۋە يوناتان ئۈچۈن ھەسرەت چېكىش
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى. 1سام. 30‏:17 ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى.
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دېدى. ئۇ: خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى.
داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى. ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم.
ئۇ: ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم.
ئۇ يەنە ماڭا: ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى. «مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن» ــ ياكى «مېنىڭ بېشىم ئايلىنىۋاتىدۇ».
10  شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى. «شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، ... ئاندىن ... تاجنى ۋە ... بىلەزۈكنى ئېلىپ ... غوجامغا ئېلىپ كەلدىم» ــ «1سام.» 30-بابتىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، بۇ يىگىتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، داۋۇتتىن مەلۇم ئىنئام ياكى مەرتىۋىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئېيتقان بولسا كېرەك؛ لېكىن يالغانچىلىقى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدۇ.
11  شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما-تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. 2سام. 3‏:31؛ 13‏:31 12  ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ-زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى.
13  داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن: قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى.
14  داۋۇت ئۇنىڭغا: سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى. «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» ــ خۇدا بېكىتكەن پادىساھ، دېمەكچى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
15  ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، ئامالەك ئۆلدى.
16  داۋۇت ئۇنىڭغا: قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى.
17  شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى 18  (ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى): ــ «دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» «ئوقيا» دەپ ئاتالغان نەزمىنىڭ ئۆزىنى ياكى داۋۇتنىڭ بۇ نەزمىنى ئۆگەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئوقيا» دېگەن نەزمە بولسا بەلكىم تۆۋەندىكى 19-27-ئايەتتىكى مەرسىيەنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ««ياشار» دېگەن كىتاب» ــ ھازىر يوقىلىپ كەتكەن قەدىمكى بىر كىتاب («يە.» 12:10-13نى كۆرۈڭ).   يە. 10‏:13
19 ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ!
پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ «سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ گۈزىلىڭ». بۇ ئىسرائىلنىڭ پەزىلەتلىك قەھرىمانلىرى بولغان سائۇل ۋە يوناتاننى كۆرسىتىدۇ.
20  گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار،
ئاشكېلوننىڭ كوچىلىرىدا ئۇنى ئېلان قىلماڭلار،
فىلىستىيىنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن،
خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى تەنتەنە قىلمىسۇن! مىك. 1‏:10
21  ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن،
نە سىلەردە كۆتۈرۈلمە ھەدىيەلەر ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن!
چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى؛
سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان بولدى. «ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن،... ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن!» ــ سائۇل ۋە يوناتان گىلبوئا تاغلىرى ئۈستىدە يىقىلىپ ئۆلگەنىدى. «پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى» ــ ياكى «پالۋانلارنىڭ قالقىنى ھاقارەت قىلىندى» ياكى «پالۋانلارنىڭ قالقىنى لەنەتلىك نەرسىدەك تاشلاندى». «سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان» ــ كونا زامانلاردا جەڭچىلەر قالقاننىڭ تېرىسى (قالقاننىڭ بىر قىسمىغا تېرە ئىشلىتەتتى) قۇرۇپ يېرىلىپ كەتمىسۇن دەپ، قالقانلارغا ماي سۈرەتتى. مۇشۇ يەردە «سۈرۈش» ئىبرانىي تىلىدا «مەسىھ قىلىش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
22  قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي،
پالۋانلارنىڭ تېنىدىكى يېغىنى چاپماي،
يوناتاننىڭ ئوقياسى ھېچقاچان جەڭدىن يانغان ئەمەس،
سائۇلنىڭ قىلىچى ھېچقاچان قىنىغا قايتقان ئەمەس.
23  سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى،
ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى؛
ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى.
24  ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار،
ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ،
كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بىلەن زىننەتلىگەنىدى. «ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ...» ــ قىزىل ياكى قىزغۇچ رەخت ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى.
25  پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟
يوناتان يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ!
26  سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ!
ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى،
ھەتتا قىز-ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق ئىدى. «ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى» ــ «قالتىس» ياكى «كارامەت» دېگەن بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە خۇداغا خاس بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
27  پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!
جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!»
 
 

1:1 1سام. 30‏:17

1:9 «مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن» ــ ياكى «مېنىڭ بېشىم ئايلىنىۋاتىدۇ».

1:10 «شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، ... ئاندىن ... تاجنى ۋە ... بىلەزۈكنى ئېلىپ ... غوجامغا ئېلىپ كەلدىم» ــ «1سام.» 30-بابتىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، بۇ يىگىتنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان، داۋۇتتىن مەلۇم ئىنئام ياكى مەرتىۋىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئېيتقان بولسا كېرەك؛ لېكىن يالغانچىلىقى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدۇ.

1:11 2سام. 3‏:31؛ 13‏:31

1:14 «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» ــ خۇدا بېكىتكەن پادىساھ، دېمەكچى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.

1:18 «دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» «ئوقيا» دەپ ئاتالغان نەزمىنىڭ ئۆزىنى ياكى داۋۇتنىڭ بۇ نەزمىنى ئۆگەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئوقيا» دېگەن نەزمە بولسا بەلكىم تۆۋەندىكى 19-27-ئايەتتىكى مەرسىيەنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ««ياشار» دېگەن كىتاب» ــ ھازىر يوقىلىپ كەتكەن قەدىمكى بىر كىتاب («يە.» 12:10-13نى كۆرۈڭ).

1:18 يە. 10‏:13

1:19 «سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ گۈزىلىڭ». بۇ ئىسرائىلنىڭ پەزىلەتلىك قەھرىمانلىرى بولغان سائۇل ۋە يوناتاننى كۆرسىتىدۇ.

1:20 مىك. 1‏:10

1:21 «ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن،... ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن!» ــ سائۇل ۋە يوناتان گىلبوئا تاغلىرى ئۈستىدە يىقىلىپ ئۆلگەنىدى. «پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى» ــ ياكى «پالۋانلارنىڭ قالقىنى ھاقارەت قىلىندى» ياكى «پالۋانلارنىڭ قالقىنى لەنەتلىك نەرسىدەك تاشلاندى». «سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان» ــ كونا زامانلاردا جەڭچىلەر قالقاننىڭ تېرىسى (قالقاننىڭ بىر قىسمىغا تېرە ئىشلىتەتتى) قۇرۇپ يېرىلىپ كەتمىسۇن دەپ، قالقانلارغا ماي سۈرەتتى. مۇشۇ يەردە «سۈرۈش» ئىبرانىي تىلىدا «مەسىھ قىلىش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:24 «ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ...» ــ قىزىل ياكى قىزغۇچ رەخت ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدى.

1:26 «ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى» ــ «قالتىس» ياكى «كارامەت» دېگەن بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە خۇداغا خاس بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.