8
داۋۇت ئەتراپىدىكى ئەللەرنى ئۆزىگە بېقىندۈرىدۇ
1تار. 18‏:1-14
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى.«...مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى» ــ ياكى «مەتتەگ-ئامماھ شەھىرىنى ئالدى».
ئۇ ھەم موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، تانا بىلەن ئۆلچەپ، ئىككى تانا كەلگەنلەرنى ئۆلتۈردى، بىر تانا كەلگەنلەرنى تىرىك قالدۇردى. موئابىيلار بولسا داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى.
ئاندىن زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەر ئەفرات دەرياسىغا چىقىپ، شۇ يەردىكى ھاكىمىيەتنى ئۆزىگە قايتىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندا، داۋۇت ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى. داۋۇت ئۇنىڭ قوشۇنىدىن بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەرنى ۋە يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئەسىر قىلدى؛ داۋۇت ھارۋا ئاتلىرىنىڭ پىيىنى كەستۈردى، لېكىن ئۆزىگە يۈز ھارۋىلىق ئاتنى قالدۇرۇپ قويدى.«بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەر» ــ ياكى «بىر مىڭ يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىسى».  1تار. 18‏:4
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقتى، لېكىن داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. «دەمەشقتىكى سۇرىيلەر» ــ يەنى «دەمەشقتىكى سۇرىيەلىكلەر». ئاندىن داۋۇت بىرنەچچە بارگاھ ئەسكەرلەرنى دەمەشقتىكى سۇرىيلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغۇزدى؛ شۇنىڭ بىلەن سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ ئۇنىڭغا سېلىق تاپشۇردى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى.«سۇرىيلەر» ــ ياكى «ئارامىيلار». ھازىرقى سۇرىيەدىكىلەر ئۇلاردىن، يەنى ئارامىيلاردىن چىققان.
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ غۇلاملىرىغا تەمىنلەنگەن ئالتۇن قالقاننى تارتىۋېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلتۈردى ۋە ھادادئېزەرنىڭ شەھەرلىرى بولغان بىتاھ بىلەن بىروتاي شەھەرلىرىدىنمۇ ئىنتايىن كۆپ مىسنى قولغا چۈشۈردى.«بىتاھ» ــ ياكى «تېباھ» ــ «1تار.» 8:18نى كۆرۈڭ.
خاماتنىڭ پادىشاھى توي داۋۇتنىڭ ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، 10  ئۆز ئوغلى يورامنى داۋۇتنىڭ ھالىنى سوراشقا ۋە داۋۇتنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغىنىغا ئۇنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى ھادادئېزەر دائىم توي بىلەن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتاتتى. يورام بولسا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە مىس قاچا-بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. «توي ... ئۆز ئوغلى يورامنى ... تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى» ــ «1تار.» 10:18دە «يورام» «خادورام» دېگەن باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ. 11‏-12 داۋۇت پادىشاھ مۇشۇلارنى ۋە ئۆزى بېقىندۇرغان ھەممە ئەللەردىن، جۈملىدىن سۇرىيلەردىن، موئابىيلاردىن، ئاممونىيلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىدى. بۇلار زوباھنىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادئېزەردىن ئالغان ئولجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «سۇرىيلەردىن» ــ ياكى «ئېدوملاردىن» ــ 14-ئايەتنى ۋە «1تار.» 11:18نى كۆرۈڭ.
13  داۋۇت سۇرىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنى ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى «شور ۋادىسى»دا ئۆلتۈرۈپ يانغاندا، ئۇنىڭ نام-داڭقى خېلى چىققانىدى. زەب. 60‏:1-4 14  ئۇ ئېدومدا ئەسكەر بارگاھلىرىنى تۇرغۇزدى؛ پۈتۈن ئېدومدا بارگاھلارنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئېدومىيلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى.
15  داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پۈتكۈل خەلقىنى سوراپ، ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزەتتى.
 
ئوردا ئەمەلدارلىرى
2سام. 20‏:23-26؛ 1تار. 18‏:15-17
16  زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇننىڭ سەردارى بولدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا بولدى؛ 17  ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك كاھىن بولدى؛ سېرايا دىۋان بېگى بولدى. 18  يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى بولدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى.«كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر» ــ بەلكىم داۋۇتقا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچىلەر ياكى ئالاھىدە زەربىدار ئەسكەرلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى» ــ مۇشۇ يەردە «كاھىن» بەلكىم (1) ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادىتىدە ئادەتتىكى كاھىنلاردىن باشقا ئالاھىدە ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى؛ (2) ھاكىمىيەتتە بىرخىل ۋەزىرلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1تار.» 17:18نىمۇ كۆرۈڭ).
 
 

8:1 «...مەركىزىي شەھەرنىڭ ھوقۇقىنى ئالدى» ــ ياكى «مەتتەگ-ئامماھ شەھىرىنى ئالدى».

8:4 «بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەر» ــ ياكى «بىر مىڭ يەتتە يۈز جەڭ ھارۋىسى».

8:4 1تار. 18‏:4

8:5 «دەمەشقتىكى سۇرىيلەر» ــ يەنى «دەمەشقتىكى سۇرىيەلىكلەر».

8:6 «سۇرىيلەر» ــ ياكى «ئارامىيلار». ھازىرقى سۇرىيەدىكىلەر ئۇلاردىن، يەنى ئارامىيلاردىن چىققان.

8:8 «بىتاھ» ــ ياكى «تېباھ» ــ «1تار.» 8:18نى كۆرۈڭ.

8:10 «توي ... ئۆز ئوغلى يورامنى ... تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى» ــ «1تار.» 10:18دە «يورام» «خادورام» دېگەن باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىدۇ.

8:11‏-12 «سۇرىيلەردىن» ــ ياكى «ئېدوملاردىن» ــ 14-ئايەتنى ۋە «1تار.» 11:18نى كۆرۈڭ.

8:13 زەب. 60‏:1-4

8:18 «كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر» ــ بەلكىم داۋۇتقا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچىلەر ياكى ئالاھىدە زەربىدار ئەسكەرلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرىمۇ كاھىن بولدى» ــ مۇشۇ يەردە «كاھىن» بەلكىم (1) ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادىتىدە ئادەتتىكى كاھىنلاردىن باشقا ئالاھىدە ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى؛ (2) ھاكىمىيەتتە بىرخىل ۋەزىرلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1تار.» 17:18نىمۇ كۆرۈڭ).