تىموتىيغا «2»
1
روسۇل پاۋلۇس تىموتىيغا يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ
1‏-2 مەسىھ ئەيسادا ۋەدە قىلىنغان ھاياتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام: خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! «ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام» ــ دېمىسەكمۇ، تىموتىي پاۋلۇسنىڭ «روھىي جەھەتتە» ئوغلى ئىدى.   گال. 1‏:3؛ 1تىم. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2. مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىنى بېسىپ ساپ ۋىجدانىم بىلەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، چۈنكى كېچە-كۈندۈز دۇئالىرىمدا سېنى توختاۋسىز ئەسلەپ تۇرىمەن؛ روس. 22‏:3؛ رىم. 1‏:9؛ 1تېس. 1‏:2؛ 3‏:10. كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، شادلىققا چۆمۈشۈم ئۈچۈن سەن بىلەن يەنە دىدارلىشىشقا قاتتىق تەلپۈنۈپ يۈرمەكتىمەن؛ چۈنكى سېنىڭدە بولغان ساختىلىقسىز ئېتىقاد ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىستا، ئاندىن ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان، ئەمدى ھازىر سەندىمۇ بار ئىكەن دەپ خاتىرجەمدۇرمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى قايتىدىن ساڭا ئەسلىتىمەنكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويۇشۇم بىلەن سەندە بولغان، خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپاتنى قايتىدىن يالقۇنلىتىپ جارى قىلغىن. «قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغىنىم بىلەن سەندە بولغان، خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپات» ــ ئىشىنىمىزكى، بۇ دەل -1خەتتە («1تىم.» 14:4-15) تىلغا ئېلىنغان روھىي ئىلتىپاتتىن باشقا ئىش ئەمەس. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.   روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 4‏:14؛ 5‏:22. چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى. رىم. 8‏:15. شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن؛ «شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما» ــ پاۋلۇس بۇ مەكتۇپنى يازغاندا رىمدىكى زىنداندا ياتاتتى. شۈبھىسىزكى، رىملىقلار پاۋلۇسنى «بىزنىڭ مەھبۇسىمىز» دەپ ئويلايتتى ــ لېكىن پاۋلۇس ئىشقا باشقىچە قارايتتى. رىملىقلارنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولۇپ، شۇ ئىش بىلەن «يات ئەللىكلەر»دىن بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ پايدا كۆرىدىغانلىقىغا پاۋلۇسنىڭ كۆزى يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مەن رەبنىڭ مەھبۇسى» دەيدۇ. «خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن» ــ گرېك تىلىدا بەلكىم «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە بىرگە تارتقىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. دېمەك، ھەر دەۋردە ئېتىقادچىلار تارتىشقا تېگىشلىك ئوقۇبەت-مۇشەققەت بار؛ تىموتىينىڭ پاۋلۇس (ۋە باشقا ئېتىقادچىلار) بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە «ئۆز ھەسسىسى بويىچە» ئوقۇبەت-مۇشەققەت تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ.   روس. 21‏:33؛ رىم.1‏:16؛ ئ‍ەف. 3‏:1؛ 4‏:1؛ كول. 4‏:18؛ فلم. 1‏:1، 9، 13. خۇدا بىزنى ئۆز ئەمەللىرىمىزگە ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز مۇددىئاسى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇپ، پاك-مۇقەددەس چاقىرىقى بىلەن چاقىردى؛ ئۇنىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا مەسىھ ئەيسادا بىزگە بېغىشلانغاندۇر؛ ئ‍ەف. 1‏:3؛ تىت. 3‏:4، 5، 6. 10 لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ھازىر ئايان بولدى؛ ئۇ ئۆلۈمنى بىكار قىلىۋېتىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ھاياتلىق ۋە چىرىماسلىقنى يورۇقلۇقتا ئايان قىلدى. يەش. 25‏:8؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ تىت. 1‏:2؛ ئىبر. 2‏:14؛ 1پېت. 1‏:20. 11 مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. «مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن» ــ «ئەللەر» بولسا «يات ئەللىكلەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر».   روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7. 12 مەن شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى بۇ خارلىق-مۇشەققەتلەرنى تارتماقتىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن؛ چۈنكى مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم. «... ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم» ــ «ماڭا تاپشۇرۇلغان ئامانەت» بىزنىڭچە خۇدا پاۋلۇسقا جامائەتنى دەپ تاپشۇرغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋەھىيلەرنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
«شۇ كۈن» ــ ئەيسا دۇنياغا قايتىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. پاۋلۇسنىڭ كۆزقارىشىدا پەقەت بىرلا كۈن مۇھىمدۇر، ئۇ دائىم ئۇ كۈننى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى «شۇ كۈن» دەيدۇ.
ئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى «ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە («شۇ كۈنگىچە») چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.
13 مەندىن ئاڭلىغان ساغلام تەلىم سۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك بىر ئۈزۈندىسىنى ساقلاپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد بىلەن چىڭ تۇتقىن؛ 2تىم. 3‏:14. 14 بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا. «بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا» ــ يۇقىرىدا 12-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، «ساڭا تاپشۇرۇلغان گۈزەل ئامانەت» مۇقەددەس روھ جامائەتكە يەتكۈزمەكچى بولغان، خۇدا ئۆزىنىڭ نىجاتلىق پىلانى ۋە جامائەت توغرۇلۇق ۋەھىي قىلىنغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
15 سەن بىلگىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەندىن يۈز ئۆرىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېلۇس ۋە خېرموگېنېسمۇ بار. «ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەندىن يۈز ئۆرىدى» ــ بۇ يەردىكى «ئاسىيا ئۆلكىسى» ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار» شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى پەقەت رىم شەھىرىدە تۇرغان، ئەسلىدە زىنداندا ياتقان پاۋلۇسقا مەدەت بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. گرېك تىلىدا «ئاسىيا ئۆلكىسىدە («ئۆلكىسىدىن» ئەمەس) بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن يۈز ئۆرىدى» دېيىلگەچكە، بىز ئۇنداق قارىمايمىز.
بۇ مۇھىم ۋەقە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
   روس. 19‏:10. 16 رەب ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى. «ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى» ــ «مەھبۇس بولغانلىقىمدىن» گرېك تىلىدا «مېنىڭ زەنجىر-كىشەنلىرىمدىن...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   2تىم. 4‏:19. 17 ئۇ رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە مېنى تاپقۇچە كۆپ ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپتۇ. 18 رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي؛ ئۇنىڭ ئەفەسۇس شەھىرىدە ماڭا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. «رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي» ــ «شۇ كۈنى» ئەيسا دۇنياغا قايتىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. 12-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
 
 

1:1‏-2 «ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سۆيۈملۈك بالام تىموتىيغا سالام» ــ دېمىسەكمۇ، تىموتىي پاۋلۇسنىڭ «روھىي جەھەتتە» ئوغلى ئىدى.

1:1‏-2 گال. 1‏:3؛ 1تىم. 1‏:2؛ 1پېت. 1‏:2.

1:3 روس. 22‏:3؛ رىم. 1‏:9؛ 1تېس. 1‏:2؛ 3‏:10.

1:6 «قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغىنىم بىلەن سەندە بولغان، خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغان ئىلتىپات» ــ ئىشىنىمىزكى، بۇ دەل -1خەتتە («1تىم.» 14:4-15) تىلغا ئېلىنغان روھىي ئىلتىپاتتىن باشقا ئىش ئەمەس. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

1:6 روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 4‏:14؛ 5‏:22.

1:7 رىم. 8‏:15.

1:8 «شۇڭا رەببىمىز ھەققىدىكى خەۋەر-گۇۋاھلىقتىن، ياكى ئۇنىڭ مەھبۇسى بولغان مەندىن نومۇس قىلما» ــ پاۋلۇس بۇ مەكتۇپنى يازغاندا رىمدىكى زىنداندا ياتاتتى. شۈبھىسىزكى، رىملىقلار پاۋلۇسنى «بىزنىڭ مەھبۇسىمىز» دەپ ئويلايتتى ــ لېكىن پاۋلۇس ئىشقا باشقىچە قارايتتى. رىملىقلارنىڭ ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بولۇپ، شۇ ئىش بىلەن «يات ئەللىكلەر»دىن بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ پايدا كۆرىدىغانلىقىغا پاۋلۇسنىڭ كۆزى يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ «مەن رەبنىڭ مەھبۇسى» دەيدۇ. «خۇش خەۋەرنى جاكارلاش يولىدىكى خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن» ــ گرېك تىلىدا بەلكىم «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە بىرگە تارتقىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. دېمەك، ھەر دەۋردە ئېتىقادچىلار تارتىشقا تېگىشلىك ئوقۇبەت-مۇشەققەت بار؛ تىموتىينىڭ پاۋلۇس (ۋە باشقا ئېتىقادچىلار) بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە «ئۆز ھەسسىسى بويىچە» ئوقۇبەت-مۇشەققەت تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ.

1:8 روس. 21‏:33؛ رىم.1‏:16؛ ئ‍ەف. 3‏:1؛ 4‏:1؛ كول. 4‏:18؛ فلم. 1‏:1، 9، 13.

1:9 ئ‍ەف. 1‏:3؛ تىت. 3‏:4، 5، 6.

1:10 يەش. 25‏:8؛ رىم. 16‏:25؛ ئ‍ەف. 1‏:9؛ 3‏:9؛ كول. 1‏:26؛ تىت. 1‏:2؛ ئىبر. 2‏:14؛ 1پېت. 1‏:20.

1:11 «مەن بولسام ئەللەرگە بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى، روسۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن» ــ «ئەللەر» بولسا «يات ئەللىكلەر»، «يەھۇدىي ئەمەسلەر».

1:11 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7.

1:12 «... ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئامانىتىنى شۇ كۈنگىچە ساقلىيالايدىغانلىقىغا قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلدۇم» ــ «ماڭا تاپشۇرۇلغان ئامانەت» بىزنىڭچە خۇدا پاۋلۇسقا جامائەتنى دەپ تاپشۇرغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋەھىيلەرنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «شۇ كۈن» ــ ئەيسا دۇنياغا قايتىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. پاۋلۇسنىڭ كۆزقارىشىدا پەقەت بىرلا كۈن مۇھىمدۇر، ئۇ دائىم ئۇ كۈننى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى «شۇ كۈن» دەيدۇ. ئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى «ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە («شۇ كۈنگىچە») چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

1:13 2تىم. 3‏:14.

1:14 «بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ساڭا تاپشۇرۇلغان شۇ گۈزەل ئامانەتنى ساقلا» ــ يۇقىرىدا 12-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، «ساڭا تاپشۇرۇلغان گۈزەل ئامانەت» مۇقەددەس روھ جامائەتكە يەتكۈزمەكچى بولغان، خۇدا ئۆزىنىڭ نىجاتلىق پىلانى ۋە جامائەت توغرۇلۇق ۋەھىي قىلىنغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

1:15 «ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەندىن يۈز ئۆرىدى» ــ بۇ يەردىكى «ئاسىيا ئۆلكىسى» ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار» شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى پەقەت رىم شەھىرىدە تۇرغان، ئەسلىدە زىنداندا ياتقان پاۋلۇسقا مەدەت بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. گرېك تىلىدا «ئاسىيا ئۆلكىسىدە («ئۆلكىسىدىن» ئەمەس) بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن يۈز ئۆرىدى» دېيىلگەچكە، بىز ئۇنداق قارىمايمىز. بۇ مۇھىم ۋەقە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:15 روس. 19‏:10.

1:16 «ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن ھېچ نومۇس قىلماي كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ سۆيۈندۈردى» ــ «مەھبۇس بولغانلىقىمدىن» گرېك تىلىدا «مېنىڭ زەنجىر-كىشەنلىرىمدىن...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:16 2تىم. 4‏:19.

1:18 «رەب شۇ كۈنىدە ئۇنى ئۆزىدىن رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر قىلغاي» ــ «شۇ كۈنى» ئەيسا دۇنياغا قايتىدىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. 12-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.