روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى
1
مۇقەددىمە
1‏-2 ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى. «مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى» ــ دېمەك، «لۇقا» دېگەن كىتابتا ««ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى» خاتىرلىنىدۇ؛ «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە بولسا ئەيسانىڭ «بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرى»نىڭ داۋامى خاتىرلىنىدۇ.   لۇقا 1‏:1-3؛ مار. 16‏:19؛ لۇقا 9‏:51؛ يـۇھ. 20‏:21؛ ئ‍ەف. 2‏:17؛ 1تىم. 3‏:16.
ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 21‏:1؛ 1كور. 15‏:5. ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. «ئاتىنىڭ ۋەدىسى» ــ مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.   لۇقا 24‏:48، 49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7. چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر». يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27-29؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 2‏:4؛ 11‏:15، 16؛ 19‏:4.
 
ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى
روسۇللار ئۇنىڭ بىلەن جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. «مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟» ــ ياكى «مۇشۇ ۋاقىتتا پادىشاھلىقنى ئىسرائىلغا قايتۇرامسەن؟».   مات. 24‏:3.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق. «ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ.   مات. 24‏:36. بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. يەش. 2‏:3؛ لۇقا 24‏:48؛ يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 2‏:4،32؛ ئ‍ەز.11‏:23؛ زەك.4‏:14
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:51. 10 ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: «ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ...» ــ بۇ «ئادەملەر» پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.   مات. 28‏:3.
11 ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى. «سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ» ــ «دان.» 13:7-14، «زەك.» 1:14-3نى كۆرۈڭ.   دان. 7‏:13؛ زەك.14‏:4؛ مات. 24‏:30؛ مار. 13‏:26؛ لۇقا 21‏:27؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.
 
يەھۇدانىڭ ئورنىغا ماتتىياسنىڭ تاللىنىشى
12 ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. «ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدىن شابات كۈنلۈك بىر سەپەر يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...)». 13 ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. «شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى» ــ گرېك تىلىدا «شۇ يەردە پېترۇس بىلەن يۇھاننا ۋە ياقۇپ بىلەن ئاندىرىياس، فىلىپ ۋە توماس، بارتولوماي ۋە ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى». 14 بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. مات. 13‏:55.
15 شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى:
16 ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. «داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...» ــ گرېك تىلىدا «داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...».   زەب. 41‏:9؛ مات. 26‏:23، 47؛ مار. 14‏:43؛ يـۇھ. 13‏:18؛ 18‏:3. 17 چۈنكى يەھۇدامۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە خۇدانىڭ بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى مات. 10‏:4؛ مار. 3‏:19؛ لۇقا 6‏:16. 18 (ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ 2سام. 17‏:23؛ مات. 27‏:5. 19 بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) مات. 27‏:8. 20 چۈنكى زەبۇردا يەھۇداغا قارىتىلغان مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ
«ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن،
ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!»
ۋە: ــ
«ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ــ «زەب.» 25:69. «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» ــ «زەب.» 8:108.   زەب. 69‏:25؛ 109‏:8
21‏-22 شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى. «رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك» ــ دېمەك، يەھۇدانىڭ ئورنىغا «گۇۋاقلاق بېرىش» ئۈچۈن.   روس. 6‏:3.
23 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: روس. 6‏:6.
24‏-25 ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن! 1سام. 16‏:17؛ 1تار. 28‏:9؛ 29‏:17؛ زەب. 7‏:9؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ روس. 15‏:8؛ ۋەھ. 2‏:23.
26 ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى. «ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى» ــ «ئون ئىككىنچى روسۇل» دېگەن تېما توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
 
 

1:1‏-2 «مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى» ــ دېمەك، «لۇقا» دېگەن كىتابتا ««ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى» خاتىرلىنىدۇ؛ «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە بولسا ئەيسانىڭ «بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرى»نىڭ داۋامى خاتىرلىنىدۇ.

1:1‏-2 لۇقا 1‏:1-3؛ مار. 16‏:19؛ لۇقا 9‏:51؛ يـۇھ. 20‏:21؛ ئ‍ەف. 2‏:17؛ 1تىم. 3‏:16.

1:3 مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 21‏:1؛ 1كور. 15‏:5.

1:4 «ئاتىنىڭ ۋەدىسى» ــ مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.

1:4 لۇقا 24‏:48، 49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:7.

1:5 يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27-29؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 2‏:4؛ 11‏:15، 16؛ 19‏:4.

1:6 «مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟» ــ ياكى «مۇشۇ ۋاقىتتا پادىشاھلىقنى ئىسرائىلغا قايتۇرامسەن؟».

1:6 مات. 24‏:3.

1:7 «ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ.

1:7 مات. 24‏:36.

1:8 يەش. 2‏:3؛ لۇقا 24‏:48؛ يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 2‏:4،32؛ ئ‍ەز.11‏:23؛ زەك.4‏:14

1:9 مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:51.

1:10 «ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ...» ــ بۇ «ئادەملەر» پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.

1:10 مات. 28‏:3.

1:11 «سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ» ــ «دان.» 13:7-14، «زەك.» 1:14-3نى كۆرۈڭ.

1:11 دان. 7‏:13؛ زەك.14‏:4؛ مات. 24‏:30؛ مار. 13‏:26؛ لۇقا 21‏:27؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.

1:12 «ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدىن شابات كۈنلۈك بىر سەپەر يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...)».

1:13 «شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى» ــ گرېك تىلىدا «شۇ يەردە پېترۇس بىلەن يۇھاننا ۋە ياقۇپ بىلەن ئاندىرىياس، فىلىپ ۋە توماس، بارتولوماي ۋە ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى».

1:14 مات. 13‏:55.

1:16 «داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...» ــ گرېك تىلىدا «داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...».

1:16 زەب. 41‏:9؛ مات. 26‏:23، 47؛ مار. 14‏:43؛ يـۇھ. 13‏:18؛ 18‏:3.

1:17 مات. 10‏:4؛ مار. 3‏:19؛ لۇقا 6‏:16.

1:18 2سام. 17‏:23؛ مات. 27‏:5.

1:19 مات. 27‏:8.

1:20 «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ــ «زەب.» 25:69. «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» ــ «زەب.» 8:108.

1:20 زەب. 69‏:25؛ 109‏:8

1:21‏-22 «رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك» ــ دېمەك، يەھۇدانىڭ ئورنىغا «گۇۋاقلاق بېرىش» ئۈچۈن.

1:21‏-22 روس. 6‏:3.

1:23 روس. 6‏:6.

1:24‏-25 1سام. 16‏:17؛ 1تار. 28‏:9؛ 29‏:17؛ زەب. 7‏:9؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ روس. 15‏:8؛ ۋەھ. 2‏:23.

1:26 «ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى» ــ «ئون ئىككىنچى روسۇل» دېگەن تېما توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.