10
رىملىق يۈزبېشىغا پەرىشتىنىڭ كۆرۈنۈشى
قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيەلىكلەر» قىسمىنىڭ يۈزبېشى ئىدى. ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى. «كورنىلىي ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى...» ــ كورنىلىي بەلكىم سىناگوگقا قاتناشقان «خۇدادىن قورققۇچى» دەپ ئاتالغان يات ئەللىكلەردىن بىرى ئىدى. گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ رىملىقلارغا خۇشى بولمىسىمۇ، ئۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن يەھۇدىي نامراتلارغا شۇنداق خەيرلىك ئىشلارنى قىلاتتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى:
ــ كورنىلىي! ــ دەپ چاقىردى. «چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە» ــ قانائان (پەلەستىن) ۋاقتى بىلەن «سائەت توققۇزلاردا».
كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ:
ــ تەقسىر، نېمە ئىش؟ ــ دەپ سورىدى.
پەرىشتە ئۇنىڭغا:
ــ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك بېرىپ يەتتى. ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى.
ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى.
 
خۇدانىڭ پېترۇسقا ۋەھىي بېرىشى
ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. «چۈش ۋاقتى» ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت ئالتىدە».   2پاد. 4‏:33؛ مات. 6‏:6. 10 ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلاۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى. 11 ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى. 12 داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىدى. 13 ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ
«ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!»
14 ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس. «ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن!» ــ داستىخاندىكى ھەرخىل ھايۋانلار ئىچىدە تەۋرات قانۇنى ھارام دەپ بېكىتكەن نۇرغۇن جانىۋارلار بولسا كېرەك ئىدى.   لاۋ. 11‏:4؛ قان. 14‏:7.
15 ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى. مات. 15‏:11؛ رىم. 14‏:17،20؛ 1تىم. 4‏:4؛ تىت. 1‏:15.
16 بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.
17 پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى.
18 ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. «ئۇلار ، يەنى كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى» ــ 18-21-ئايەتلەردىن قارىغاندا، دەسلەپتە ھېچكىم مۇشۇ ئادەملەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى. يەھۇدىي قېرىنداشلار دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بىرنەچچە رىملىقلارنىڭ، جۈملىدىن بىر رىملىق ئەسكەرنىڭ پېترۇس توغرۇلۇق سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەلكىم جاۋاب بېرىشتىن بىرئاز قورققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
19 پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا:
ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. «مانا، روھ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى... دېدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. 20 ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى.
21 پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە:
ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى.
22 ئۇلار جاۋابەن: ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز-كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى.
23 شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى.
ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. يوپپادىكى قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. 24 ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. 25 پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى. 26 لېكىن پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:
ــ ئورنۇڭدىن تۇرغىن! مەنمۇ بىر ئىنسان، خالاس! ــ دېدى. روس. 14‏:14؛ ۋەھ. 19‏:10؛ 22‏:9.
27 ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى. 28 ئۇ ئۇلارغا:
ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى. مىس. 23‏:32؛ 34‏:15؛ قان. 7‏:2؛ يـۇھ. 4‏:9؛ 18‏:28؛ روس. 11‏:3؛ 15‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:6. 29 شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى.
30 كورنىلىي مۇنداق دېدى:
ــ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى: «سائەت ئۈچلەردە» ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت توققۇزلاردا». بەزى كونا كۆچۈمىلەردە «روزا تۇتتۇم» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ. 31 «كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. مات. 28‏:3؛ مار. 16‏:5؛ لۇقا 24‏:4. 32 شۇڭا يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلۇق سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. 33 شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرى كۈلبەمگە كېلىپ ياخشى قىلدىلا! ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىمىز.
 
خۇدا يات ئەللەرگىمۇ نىجات ئاتا قىلىدۇ
34‏-35 پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى:
ــ بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر. قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17. 36 خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛ يەش. 9‏:5؛ 52‏:7؛ يـۇھ. 16‏:33؛ رىم. 5‏:1؛ كول. 1‏:20. 37‏-38 سىلەرنىڭمۇ يەھيا پەيغەمبەر چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن ــ يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. يەش. 8‏:23؛ 9‏:1؛ مات. 4‏:12؛ مار. 1‏:14، 38، 39؛ لۇقا 4‏:14؛ زەب. 45‏:7؛ يەش. 61‏:1؛ لۇقا 4‏:18. 39 بىزمۇ ئۇنىڭ ھەم يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمدا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىشى بىلەنمۇ ئۆلتۈردى. «يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنى» ــ يەھۇدىيە. «ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈردى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇنى دەرەختە ئېسىپ ئۆلتۈردى». 40‏-41 بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. «...ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەر...» ــ گرېك تىلىدا «...ئۇنىڭ بىلەن يېگەن ۋە ئىچكەن بىزلەر...».   مار. 16‏:14؛ لۇقا 24‏:34؛ يـۇھ. 20‏:19؛ روس. 2‏:24؛ 1كور. 15‏:5. 42 ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. مات. 28‏:19؛ مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 15‏:16؛ روس. 17‏:31. 43 بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20؛ روس. 15‏:9.
44 پېترۇس تېخى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ سۆز-كالامنى ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىگە چۈشتى. روس. 8‏:17. 45 پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. «خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر» ــ (يوپپادىن كەلگەن) يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. «يات ئەللەردىكىلەرگە» ــ دېمەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە. 46 چۈنكى ئۇلارنىڭ كارامەت نامەلۇم تىللاردا سۆزلىشىپ خۇدانى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس: مار. 16‏:17؛ روس. 2‏:4.
47 ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! ــ دېدى. روس. 8‏:36؛ 11‏:17.
48 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى.
 
 

10:2 «كورنىلىي ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى...» ــ كورنىلىي بەلكىم سىناگوگقا قاتناشقان «خۇدادىن قورققۇچى» دەپ ئاتالغان يات ئەللىكلەردىن بىرى ئىدى. گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ رىملىقلارغا خۇشى بولمىسىمۇ، ئۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن يەھۇدىي نامراتلارغا شۇنداق خەيرلىك ئىشلارنى قىلاتتى.

10:3 «چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە» ــ قانائان (پەلەستىن) ۋاقتى بىلەن «سائەت توققۇزلاردا».

10:9 «چۈش ۋاقتى» ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت ئالتىدە».

10:9 2پاد. 4‏:33؛ مات. 6‏:6.

10:14 «ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن!» ــ داستىخاندىكى ھەرخىل ھايۋانلار ئىچىدە تەۋرات قانۇنى ھارام دەپ بېكىتكەن نۇرغۇن جانىۋارلار بولسا كېرەك ئىدى.

10:14 لاۋ. 11‏:4؛ قان. 14‏:7.

10:15 مات. 15‏:11؛ رىم. 14‏:17،20؛ 1تىم. 4‏:4؛ تىت. 1‏:15.

10:18 «ئۇلار ، يەنى كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى» ــ 18-21-ئايەتلەردىن قارىغاندا، دەسلەپتە ھېچكىم مۇشۇ ئادەملەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى. يەھۇدىي قېرىنداشلار دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بىرنەچچە رىملىقلارنىڭ، جۈملىدىن بىر رىملىق ئەسكەرنىڭ پېترۇس توغرۇلۇق سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەلكىم جاۋاب بېرىشتىن بىرئاز قورققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

10:19 «مانا، روھ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى... دېدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.

10:26 روس. 14‏:14؛ ۋەھ. 19‏:10؛ 22‏:9.

10:28 مىس. 23‏:32؛ 34‏:15؛ قان. 7‏:2؛ يـۇھ. 4‏:9؛ 18‏:28؛ روس. 11‏:3؛ 15‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:6.

10:30 «سائەت ئۈچلەردە» ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت توققۇزلاردا». بەزى كونا كۆچۈمىلەردە «روزا تۇتتۇم» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.

10:31 مات. 28‏:3؛ مار. 16‏:5؛ لۇقا 24‏:4.

10:34‏-35 قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ رىم. 2‏:11؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17.

10:36 يەش. 9‏:5؛ 52‏:7؛ يـۇھ. 16‏:33؛ رىم. 5‏:1؛ كول. 1‏:20.

10:37‏-38 يەش. 8‏:23؛ 9‏:1؛ مات. 4‏:12؛ مار. 1‏:14، 38، 39؛ لۇقا 4‏:14؛ زەب. 45‏:7؛ يەش. 61‏:1؛ لۇقا 4‏:18.

10:39 «يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنى» ــ يەھۇدىيە. «ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈردى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇنى دەرەختە ئېسىپ ئۆلتۈردى».

10:40‏-41 «...ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەر...» ــ گرېك تىلىدا «...ئۇنىڭ بىلەن يېگەن ۋە ئىچكەن بىزلەر...».

10:40‏-41 مار. 16‏:14؛ لۇقا 24‏:34؛ يـۇھ. 20‏:19؛ روس. 2‏:24؛ 1كور. 15‏:5.

10:42 مات. 28‏:19؛ مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 15‏:16؛ روس. 17‏:31.

10:43 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20؛ روس. 15‏:9.

10:44 روس. 8‏:17.

10:45 «خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر» ــ (يوپپادىن كەلگەن) يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. «يات ئەللەردىكىلەرگە» ــ دېمەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە.

10:46 مار. 16‏:17؛ روس. 2‏:4.

10:47 روس. 8‏:36؛ 11‏:17.