28
مالتا ئارىلىدا
بىز قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى؛ چۈنكى ئۇ چاغدا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. «يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى» ــ «يەرلىك خەلق» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «ساقاللىقلار» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ يات تىللىق (دېمەك، ئىبرانىي، گرېك ياكى لاتىن تىللىق ئەمەس) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن ئېتىلىپ چىققان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىنى چىشلىگىنىچە چاپلىشىۋالدى. شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە:
ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى. «دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى» ــ «ئادىللىق» دېگەن ئۇلار چوقۇنىدىغان بۇتلاردىن بىرى بولغان ئايال ئىلاھ بولسا كېرەك.
لېكىن پاۋلۇس يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە سىلكىپ ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. مار. 16‏:18؛ لۇقا 10‏:19. خەلق ئۇنىڭغا بەدىنى ئىششىپ كېتىدۇ ياكى ئۇ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلىدۇ دەپ قاراپ تۇراتتى. لېكىن ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىنورمال ھالەتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويلىغىنىدىن يېنىپ:
ــ بۇ بىر ئىلاھ بولسا كېرەك! ــ دېيىشتى. روس. 14‏:11.
ئۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتا، ئارال باشلىقى (پۇبلىيۇس دەپ ئاتالغان)نىڭ بىرنەچچە يەر-ئېتىزلىرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، ئۈچ كۈن قىزغىن مېھمان قىلىپ كۈتتى. ئۇ چاغدا شۇنداق بولدىكى، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، تولغاق بولۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارالدىكى قالغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ساقايتىلدى. 10 ئۇلار بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە نۇرغۇن سوۋغاتلارنى بېغىشلىغان بولۇپ، ئاخىردا بۇ يەردىن يەنە يولغا چىققان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولغا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.
 
مالتادىن رىم شەھىرىگە بېرىش
11 مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيەدىن كەلگەن، بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. ئارالدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. «بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە» ــ «ساماۋىي قوشكېزەك» بولسا رىملىقلارنىڭ چوقۇنغان ئىلاھلىرى «كاستور بىلەن پوللۇكس» (گرېك تىلىدا «دىئوسكۇرى») ئىدى. دېڭىزچىلار ئۇلارنى دېڭىز سەپەرلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىدۇ، دەپ قارايتتى. 12 سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. 13 ئاندىن ئايلىنىپ مېڭىپ، ئىتالىيەدىكى رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى شامال يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ جەنۇبتىن چىقىشى بىلەن، ئىككىنچى كۈنى پۇتېئولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 14 ئۇ يەردە بىرنەچچە قېرىنداشلارنى تاپتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشلىرى بىلەن بىز ئۇلاردا بىر ھەپتە تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. 15 كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلارنى كۆرگەندە، خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، غەيرەتلەندى. «شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى» ــ «ئاپىيۇس بازىرى» رىمدىن 71 كىلومېتر، «ئۈچ ساراي» 55 كىلومېتر يىراق ئىدى.
 
پاۋلۇس رىم شەھىرىدە
16 رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى» ــ مۇشۇ سۆزلۆر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.   روس. 24‏:23؛ 27‏:3. 17 ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇلار جەم بولغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى:
ــ قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالدۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا تۇرغىنىمدا تۇتقۇن قىلىنىپ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. روس. 24‏:12؛ 25‏:8. 18 رىملىقلار مېنى سوراققا تارتىپ، مەندە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغۇدەك بىرەر جىنايەت بولمىغاچقا، مېنى قويۇۋەتمەكچى بولدى. 19 لېكىن يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇلارنى دېگىنىم بىلەن، بۇ مېنىڭ ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن شىكايىتىم بار دېگەنلىكىم ئەمەس. 20 شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يەرگە چاقىردىم. چۈنكى بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىشنىڭ سەۋەبى دەل ئىسرائىلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدۇر. روس. 23‏:6؛ 24‏:21.
21 ئۇلار پاۋلۇسقا:
ــ بىز بولساق يەھۇدىيەدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق، ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. 22 لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ سەن تەۋە بولغان بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى.
23 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا سۆز-كالامنى شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى. «ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا سۆز-كالامنى شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى» ــ «تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى» توغرۇلۇق 14:24 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە «تەۋرات» گرېك تىلىدا«مۇسانىڭ (تەۋرات) قانۇنى».   يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20. 24 ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندۈرۈلدى، بەزىلەر ئىشىنىشنى رەت قىلدى. روس. 17‏:4. 25 ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان:
26 ــ «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ
«سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛
كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. يەش. 6‏:9؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ رىم. 11‏:8.
27 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن،
ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان،
ئۇلار كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان؛
ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ،
قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ،
كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ،
ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن،
مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم»». «چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ... ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم» ــ «يەش.» 9:6-10دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.   يەش. 6‏:9،10.
28‏-29 شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ بۇ نىجاتلىقى يات ئەللىكلەرگە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي قالمايدۇ! ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. «ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.
30  پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تولۇق ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، 31 تولىمۇ يۈرەكلىك بىلەن ھەم ھېچ توسالغۇغا ئۇچرىماي، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىپ، رەب ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزۈپ تەلىم بەردى.

28:2 «يەرلىك خەلق بىزگە ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى» ــ «يەرلىك خەلق» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «ساقاللىقلار» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ يات تىللىق (دېمەك، ئىبرانىي، گرېك ياكى لاتىن تىللىق ئەمەس) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

28:4 «دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى» ــ «ئادىللىق» دېگەن ئۇلار چوقۇنىدىغان بۇتلاردىن بىرى بولغان ئايال ئىلاھ بولسا كېرەك.

28:5 مار. 16‏:18؛ لۇقا 10‏:19.

28:6 روس. 14‏:11.

28:11 «بېشىغا «ساماۋىي قوشكېزەك» ئىلاھلىرىنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە» ــ «ساماۋىي قوشكېزەك» بولسا رىملىقلارنىڭ چوقۇنغان ئىلاھلىرى «كاستور بىلەن پوللۇكس» (گرېك تىلىدا «دىئوسكۇرى») ئىدى. دېڭىزچىلار ئۇلارنى دېڭىز سەپەرلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىدۇ، دەپ قارايتتى.

28:15 «شۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىن چىقىپ ھەتتا «ئاپىيۇس بازىرى»غىچە، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي»غىچە كەلگەنىدى» ــ «ئاپىيۇس بازىرى» رىمدىن 71 كىلومېتر، «ئۈچ ساراي» 55 كىلومېتر يىراق ئىدى.

28:16 يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى» ــ مۇشۇ سۆزلۆر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.

28:16 روس. 24‏:23؛ 27‏:3.

28:17 روس. 24‏:12؛ 25‏:8.

28:20 روس. 23‏:6؛ 24‏:21.

28:23 «ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا سۆز-كالامنى شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى» ــ «تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى» توغرۇلۇق 14:24 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە «تەۋرات» گرېك تىلىدا«مۇسانىڭ (تەۋرات) قانۇنى».

28:23 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24؛ مىك. 7‏:20.

28:24 روس. 17‏:4.

28:26 يەش. 6‏:9؛ ئ‍ەز. 12‏:2؛ مات. 13‏:14؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ رىم. 11‏:8.

28:27 «چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، ... ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم» ــ «يەش.» 9:6-10دىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

28:27 يەش. 6‏:9،10.

28:28‏-29 «ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يەھۇدىيلار ئۆز-ئارا قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى» ــ مۇشۇ سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ.