ئاموس
1
ئاموس پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىرى
ئۇززىيا يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تەكوئادىكى چارۋىچىلار ئارىسىدىكى ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى: ــ «ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى» ــ ئادەتتە بۇ كىتابتا «ئىسرائىل» ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ئاموس يەھۇدانىڭ تەكوئا يېزىسىدىن بولغىنى بىلەن يەتكۈزىدىغان بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر.   زەك. 14‏:5
ئۇ: «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ،
يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛
پادىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ،
كارمەل چوققىسى غازاڭلىشىدۇ» ــ دېدى. «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ» ــ بۇ بېشارەت يەر تەۋرەشنى كۆرسەتسە كېرەك.
«كارمەل» بولسا ئىسرائىلدا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي؛ ئۇ «غازاڭلاشقان» بولسا، باشقا جايلار تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى.
   يەر. 25‏:30؛ يو. 3‏:16
 
خۇدانىڭ ئىسرائىلغا قوشنا قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈمى •••• سۇرىيە ھەققىدە
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن،
چۈنكى ئۇلار گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى؛ «ئۇلار (سۇرىيەلىكلەر) گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى» ــ «2پاد.» 32:10-33، 3:13-5-ئايەتتە گىلېئادتىكىلەرنىڭ سۇرىيە تەرىپىدىن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى خاتىرىلەنگەن؛ مۇشۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغىنى شۇ بوزەك قىلىنىشنى كۆرسەتسە كېرەك.
شۇنداقلا ھازائەلنىڭ ئۆيىگە بىر ئوت ئەۋەتىمەن،
ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. «ھازائەل» ــ دەمەشق پادىشاھى بولۇپ، «بەن-ھاداد» ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى.
دەمەشق دەرۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقنى سۇندۇرىۋېتىمەن،
ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچىنى، بەيت-ئېدەندە شاھانە ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛
سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. «ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەزىللىك جىلغىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ دېمەك، يەنى دەمەشق پادىشاھىنى ئىپادىلەيدۇ. «سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ «كىر» مېسوپوتامىيە (ھازىرقى ئىراق)دىكى بىر يۇرت. سۇرىيەلىكلەر ئەسلىدە شۇ جايدىن چىققانىدى (7:9-ئايەتنى كۆرۈڭ).«ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەزىللىك جىلغىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ دېمەك، يەنى دەمەشق پادىشاھىنى ئىپادىلەيدۇ.   2پاد. 16‏:9؛ يەش. 17‏:1-11؛ يەر. 49‏:23-27
 
فىلىستىيە ھەققىدە
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن،
چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. «چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى» ــ «تۇتقۇنلار» ئىسرائىلدىن ياكى يەھۇدادىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كېرەك. قارىغاندا گازانىڭ (يەنى فىلىستىيلەرنىڭ) مەقسىتى ئىسرائىللاردىن ئۆچ ئېلىش ئىدى.   2تار. 21‏:16، 17؛ 28‏:18
ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن،
ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
مەن ئاشدودتا تۇرغۇچىنى، ئاشكېلوندا شاھانە ھاسىنى تۇتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن،
ئەكرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن؛
فىلىستىيلەرنىڭ قالدۇقى يوقىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
 
تۇر شەھىرى ھەققىدە
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«تۇرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن،
چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى،
شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى. «چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى» ــ بۇ «تۇتقۇنلار» بەلكىم يەنە ئىسرائىلدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. «ئەھدە» ــ سۇلايمان پادىشاھ ئەسلى تۇرنىڭ پادىشاھى بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. بىراق تۇتقۇنلارنىڭ نەدىن كېلىشى، تۇرنىڭ كىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس؛ مۇھىمى، خۇدا ئۇلارنى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقتەك ۋىجدانسىزلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ.
10 ھەم مەن تۇرنىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن،
ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
 
ئېدوم ھەققىدە
11 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن،
چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ،
قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛
ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ،
دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛ «ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ غەزەپ بىلەن ھەمىشە ئادەملەرنى يىرتىۋېتىپ،...».
12 ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن،
ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ».
 
ئاممونىيلار ھەققىدە
13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئامموننىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن،
چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى. «چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى» ــ ئۇلار گىلېئادتا تۇرۇۋاتقان باشقىلارنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئەلۋەتتە. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئاجايىب رەھىمسىزلىكنىڭ مەقسىتى، ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرگۈدەك ھېچ ئادەم، ھەتتا بوۋاقلارنىڭمۇ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى رابباھ شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
14 ھەم مەن رابباھنىڭ سېپىلىغا ئوت ياقىمەن،
جەڭ كۈنىدە قىيا-چىيالار ئىچىدە،
قارا قۇيۇننىڭ كۈنىدە قاتتىق بوران ئىچىدە،
ئوت ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
15 ھەم ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئەسىرگە چۈشىدۇ،
ــ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
 

1:1 «ئاموسنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى» ــ ئادەتتە بۇ كىتابتا «ئىسرائىل» ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ئاموس يەھۇدانىڭ تەكوئا يېزىسىدىن بولغىنى بىلەن يەتكۈزىدىغان بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر.

1:1 زەك. 14‏:5

1:2 «پەرۋەردىگار زىئون تېغىدىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ» ــ بۇ بېشارەت يەر تەۋرەشنى كۆرسەتسە كېرەك. «كارمەل» بولسا ئىسرائىلدا ھۆل-يېغىن ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي؛ ئۇ «غازاڭلاشقان» بولسا، باشقا جايلار تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى.

1:2 يەر. 25‏:30؛ يو. 3‏:16

1:3 «ئۇلار (سۇرىيەلىكلەر) گىلېئادتىكىلەرنى تۆمۈر تىرنىلىق سۆرەملەر بىلەن سوققانىدى» ــ «2پاد.» 32:10-33، 3:13-5-ئايەتتە گىلېئادتىكىلەرنىڭ سۇرىيە تەرىپىدىن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى خاتىرىلەنگەن؛ مۇشۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغىنى شۇ بوزەك قىلىنىشنى كۆرسەتسە كېرەك.

1:4 «ھازائەل» ــ دەمەشق پادىشاھى بولۇپ، «بەن-ھاداد» ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى.

1:5 «ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەزىللىك جىلغىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ دېمەك، يەنى دەمەشق پادىشاھىنى ئىپادىلەيدۇ. «سۇرىيەنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ كىرغا ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ «كىر» مېسوپوتامىيە (ھازىرقى ئىراق)دىكى بىر يۇرت. سۇرىيەلىكلەر ئەسلىدە شۇ جايدىن چىققانىدى (7:9-ئايەتنى كۆرۈڭ).«ئاۋەن جىلغىسىدا تۇرغۇچى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەزىللىك جىلغىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ دېمەك، يەنى دەمەشق پادىشاھىنى ئىپادىلەيدۇ.

1:5 2پاد. 16‏:9؛ يەش. 17‏:1-11؛ يەر. 49‏:23-27

1:6 «چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى» ــ «تۇتقۇنلار» ئىسرائىلدىن ياكى يەھۇدادىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كېرەك. قارىغاندا گازانىڭ (يەنى فىلىستىيلەرنىڭ) مەقسىتى ئىسرائىللاردىن ئۆچ ئېلىش ئىدى.

1:6 2تار. 21‏:16، 17؛ 28‏:18

1:9 «چۈنكى ئۇلار بارلىق تۇتقۇنلارنى ئېدومغا تاپشۇرۇۋەتتى، شۇنداقلا قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالمىدى» ــ بۇ «تۇتقۇنلار» بەلكىم يەنە ئىسرائىلدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. «ئەھدە» ــ سۇلايمان پادىشاھ ئەسلى تۇرنىڭ پادىشاھى بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. بىراق تۇتقۇنلارنىڭ نەدىن كېلىشى، تۇرنىڭ كىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس؛ مۇھىمى، خۇدا ئۇلارنى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقتەك ۋىجدانسىزلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ.

1:11 «ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ غەزەپ بىلەن ھەمىشە ئادەملەرنى يىرتىۋېتىپ،...».

1:13 «چۈنكى ئۇلار چېگرىمىزنى كېڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى» ــ ئۇلار گىلېئادتا تۇرۇۋاتقان باشقىلارنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئەلۋەتتە. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئاجايىب رەھىمسىزلىكنىڭ مەقسىتى، ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرگۈدەك ھېچ ئادەم، ھەتتا بوۋاقلارنىڭمۇ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى رابباھ شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.