8
كېلىدىغان جازالار
رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە.«رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە» ــ بۇ ئىشنى (ھەم 7-باب، 4-، 7-ئايەتتىكى ئىشلارنىمۇ) ئاموس بېشارەتلىك غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاندىن ئۇ مەندىن: ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم.
پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن، ــ دېدى.«مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى... ــ دېدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يازلىق مېۋە» بىلەن «زاۋال» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ــ شۇ كۈنى ئوردىدىكى قىزلارنىڭ ناخشىلىرى قىيا-چىيالارغا ئايلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ــ جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!«جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!» ــ دېمەك، شۇ چاغدا ماتەم تۇتقاندا، ئاۋاز چىقىرىشقا بولمايدۇ.
بۇنى ئاڭلاڭلار، ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر،
زېمىندىكى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوقاتماقچى بولغانلار ــ «ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەي، مىسكىنلەرنى يۇتۇۋالغۇچىلار...».
«ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار،
بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ دەيدىغانلار،
ــ شۇنداقلا «ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ،
ئالدامچىلىق ئۈچۈن تارازىنى يالغان قىلغانلار! «ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ «يېڭى ئاي» كۈنىدە ھەم «شابات كۈنى» (شەنبە كۈنى)دە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە دەم ئېلىش كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇ كىشىلەر ئاچكۆزلۈكتىن دەم ئېلىشقىمۇ نارازى ئىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇلار بۇغداينى ئۆلچەيدىغان كۈرىنى كىچىك، تەڭگىلەرنى جىڭلايدىغان تارازا تېشىنى چوڭ قىلىپ خەقلەرنى ئالدايدۇ (كېيىنكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). ««ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ،..» ــ «ئەفاھ» ھەجىم بىرلىكى، «شەكەل» پۇلنىڭ ياكى ئېغىرلىقنىڭ بىرلىكى ئىدى. بىر «ئەفاھ» (ياكى «كۈرە») 40 لىترچە، بىر «شەكەل» («مىسقال») 14 گرام كېلىدۇ. بۇ تولۇق ئايەت سودىگەرلەرنىڭ ئاددىي پۇقرالارنى ئۆلچەم بىرلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، قاقاتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  ھوش. 12‏:8
ــ نامراتلارنى كۈمۈشكە،
مىسكىن ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلار،
بۇغداينى سۈپۈرۈندىسى بىلەن قوشۇپ ساتماقچى بولغانلار!ئام. 2‏:6
پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى،
ــ بەرھەق، مەن ھەرگىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايمەن!«پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى،...» ــ بەزى ئالىملار: ««ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن» دېگەننى «ياقۇپنىڭ پەخرى بىلەن»، دېمەك «ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان خۇدا بىلەن» دەپ چۈشىنىدۇ. بىراق 6-باب، 8-ئايەت بويىچە خۇدا «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى» ياكى «ياقۇپنىڭ پەخرى»گە ئۆچ ئىدى. ئادەتتە قەسەم ئىچىشتە قەسەم قىلغۇچىلار ناھايىتى مۇقىم، ئۆزگەرمەس بىر نەرسە بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ خۇدانىڭ «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن» قەسەم ئىچىشى بولسا ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ، «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى»نىڭ ھېچ ئۆزگەرمەس، ناھايىتى جاھىل ئىكەنلىكىنى پۇرىتىدۇ.
زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟
ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟
ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ،
ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.«زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتە ئاموس يەر تەۋرەش توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ (1:1نى كۆرۈڭ). نىل دەرياسى ھەر يىلى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، بىر مەزگىل كەلكۈن كېلىپ، زېمىننى بېسىپ كېتىدۇ. قانائان (پەلەستىن) زېمىنىمۇ ئەمدى نىل دەرياسىغا ئوخشاش «ئۆرلەپ كېتىدۇ» (يەر تەۋرەش بىلەن ئېگىز-پەس بولىدۇ).
شۇ كۈنى شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
ــ قۇياشنى چۈشتە پاتقۇزىمەن،
زېمىننى شۇ ئوچۇق كۈندە قاراڭغۇلاشتۇرىمەن.
10 ھېيتلىرىڭلارنى مۇسىبەتكە،
ھەممە ناخشىلىرىڭلارنى ئاھ-زارلارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن؛
ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن،
ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىدا تاقىرلىق پەيدا قىلىمەن؛
بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك،
ھېيتنىڭ ئاخىرىنى دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن قىلىۋېتىمەن.«ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن» ــ «بۆز رەخت»كە ئورۇنىۋېلىش، چاچلارنى چۈشۈرىۋېتىش قاتتىق ماتەمنى ياكى توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. «بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك... قىلىۋېتىمەن» ــ بېشارەتتە ئۆلگەن «يەككە-يېگانە ئوغۇل» زادى كىمدۇ؟ مەزكۇر سوئال ئىسرائىل ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە باشنى قاتۇرىدىغان مەسىلە.
 
سۈرگۈن بولۇپ، خۇدانىڭ سۆزىدىن ئايرىلىش
11 مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، ــ
ــ نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن.
12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ،
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ.«كېزىپ ماڭىدۇ» ــ ياكى «سەرسان بولۇپ ماڭىدۇ» ياكى «ئەلەڭشىپ ماڭىدۇ». «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ... تاپالمايدۇ» ــ بىرىنچىدىن، «دېڭىزدىن دېڭىزغا» دېگەنلىك بەلكىم ««ئوتتۇرا دېڭىز»دىن «ئۆلۈك دېڭىز»غا»، يەنى «غەربتىن شەرققە» دەپ بىلدۈرىدۇ. تېكىستتە «جەنۇبقا» تىلغا ئېلىنمايدۇ. بەلكىم بۇ ئىسرائىلدىكىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ ــ ئۇلار يەھۇدادىن، ياكى يەھۇدادىن كەلگەن پەيغەمبەردىن (مەسىلەن، ئاموستىن) ھەقىقەتنى ئىزدىمەيدۇ.
تولۇق بېشارەت بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى، بولۇپمۇ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك ــ ئۇلار ئىنجىلنى، يەنى «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلمىغاچقا، ئۆزلىرى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ھېچ چۈشەنچە تاپالمايدۇ.
13 شۇ كۈنى گۈزەل قىزلار ھەم يىگىتلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىدۇ؛
14 ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر،
يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ
ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ.«سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر» ــ «سامارىيەنىڭ گۇناھى» ئۇلارنىڭ بۇتلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك.
«بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول بىلەن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بەئەر-شېبادىكى يولنىڭ تىرىكلىكى بىلەن» دېيىلىدۇ.

«داننىڭ ئىلاھى» ھەم «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول» ــ شۇ ئىككى يەرنىڭ بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
«يول» ئىبرانىي تىلىدا «دەرەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەرىقە» ۋە «تەرىقەت» دېگەن سۆزلەر ئەرەب تىلى ئارقىلىق مۇشۇ سۆزدىن كەلگەن.
  ئام. 5‏:5
 
 

8:1 «رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە» ــ بۇ ئىشنى (ھەم 7-باب، 4-، 7-ئايەتتىكى ئىشلارنىمۇ) ئاموس بېشارەتلىك غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.

8:2 «مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى... ــ دېدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يازلىق مېۋە» بىلەن «زاۋال» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

8:3 «جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!» ــ دېمەك، شۇ چاغدا ماتەم تۇتقاندا، ئاۋاز چىقىرىشقا بولمايدۇ.

8:4 «ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەي، مىسكىنلەرنى يۇتۇۋالغۇچىلار...».

8:5 «ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ «يېڭى ئاي» كۈنىدە ھەم «شابات كۈنى» (شەنبە كۈنى)دە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە دەم ئېلىش كېرەك ئىدى. ئەمدى بۇ كىشىلەر ئاچكۆزلۈكتىن دەم ئېلىشقىمۇ نارازى ئىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇلار بۇغداينى ئۆلچەيدىغان كۈرىنى كىچىك، تەڭگىلەرنى جىڭلايدىغان تارازا تېشىنى چوڭ قىلىپ خەقلەرنى ئالدايدۇ (كېيىنكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). ««ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ،..» ــ «ئەفاھ» ھەجىم بىرلىكى، «شەكەل» پۇلنىڭ ياكى ئېغىرلىقنىڭ بىرلىكى ئىدى. بىر «ئەفاھ» (ياكى «كۈرە») 40 لىترچە، بىر «شەكەل» («مىسقال») 14 گرام كېلىدۇ. بۇ تولۇق ئايەت سودىگەرلەرنىڭ ئاددىي پۇقرالارنى ئۆلچەم بىرلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، قاقاتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

8:5 ھوش. 12‏:8

8:6 ئام. 2‏:6

8:7 «پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى،...» ــ بەزى ئالىملار: ««ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن» دېگەننى «ياقۇپنىڭ پەخرى بىلەن»، دېمەك «ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان خۇدا بىلەن» دەپ چۈشىنىدۇ. بىراق 6-باب، 8-ئايەت بويىچە خۇدا «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى» ياكى «ياقۇپنىڭ پەخرى»گە ئۆچ ئىدى. ئادەتتە قەسەم ئىچىشتە قەسەم قىلغۇچىلار ناھايىتى مۇقىم، ئۆزگەرمەس بىر نەرسە بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ خۇدانىڭ «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن» قەسەم ئىچىشى بولسا ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ، «ياقۇپنىڭ غۇرۇرى»نىڭ ھېچ ئۆزگەرمەس، ناھايىتى جاھىل ئىكەنلىكىنى پۇرىتىدۇ.

8:8 «زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتە ئاموس يەر تەۋرەش توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ (1:1نى كۆرۈڭ). نىل دەرياسى ھەر يىلى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، بىر مەزگىل كەلكۈن كېلىپ، زېمىننى بېسىپ كېتىدۇ. قانائان (پەلەستىن) زېمىنىمۇ ئەمدى نىل دەرياسىغا ئوخشاش «ئۆرلەپ كېتىدۇ» (يەر تەۋرەش بىلەن ئېگىز-پەس بولىدۇ).

8:10 «ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن» ــ «بۆز رەخت»كە ئورۇنىۋېلىش، چاچلارنى چۈشۈرىۋېتىش قاتتىق ماتەمنى ياكى توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. «بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك... قىلىۋېتىمەن» ــ بېشارەتتە ئۆلگەن «يەككە-يېگانە ئوغۇل» زادى كىمدۇ؟ مەزكۇر سوئال ئىسرائىل ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە باشنى قاتۇرىدىغان مەسىلە.

8:12 «كېزىپ ماڭىدۇ» ــ ياكى «سەرسان بولۇپ ماڭىدۇ» ياكى «ئەلەڭشىپ ماڭىدۇ». «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ... تاپالمايدۇ» ــ بىرىنچىدىن، «دېڭىزدىن دېڭىزغا» دېگەنلىك بەلكىم ««ئوتتۇرا دېڭىز»دىن «ئۆلۈك دېڭىز»غا»، يەنى «غەربتىن شەرققە» دەپ بىلدۈرىدۇ. تېكىستتە «جەنۇبقا» تىلغا ئېلىنمايدۇ. بەلكىم بۇ ئىسرائىلدىكىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ ــ ئۇلار يەھۇدادىن، ياكى يەھۇدادىن كەلگەن پەيغەمبەردىن (مەسىلەن، ئاموستىن) ھەقىقەتنى ئىزدىمەيدۇ. تولۇق بېشارەت بەلكىم يەھۇدىيلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكى، بولۇپمۇ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك ــ ئۇلار ئىنجىلنى، يەنى «خۇش خەۋەر»نى قوبۇل قىلمىغاچقا، ئۆزلىرى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ھېچ چۈشەنچە تاپالمايدۇ.

8:14 «سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر» ــ «سامارىيەنىڭ گۇناھى» ئۇلارنىڭ بۇتلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول بىلەن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بەئەر-شېبادىكى يولنىڭ تىرىكلىكى بىلەن» دېيىلىدۇ. «داننىڭ ئىلاھى» ھەم «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول» ــ شۇ ئىككى يەرنىڭ بۇتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «يول» ئىبرانىي تىلىدا «دەرەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەرىقە» ۋە «تەرىقەت» دېگەن سۆزلەر ئەرەب تىلى ئارقىلىق مۇشۇ سۆزدىن كەلگەن.

8:14 ئام. 5‏:5