3
«يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار»
سىلەر مەسىھ بىلەن تەڭ تىرىلدۈرۈلگەن بولساڭلار، ئەمدى يۇقىرىدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ ئىزدىنىڭلار؛ مەسىھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ. ئ‍ەف. 1‏:20. كۆڭۈل-زېھنىڭلارنى يەردىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى ئىشلارغا قويۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۆلگەنسىلەر، ۋە ھاياتىڭلار مەسىھ بىلەن بىللە خۇدادا يوشۇرۇن تۇرىدۇ. رىم. 6‏:2؛ 8‏:24؛ 2كور. 5‏:7. ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر. «ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.   فىل. 3‏:21؛ 1يۇھ. 3‏:2.
شۇڭا يەرگە تەۋە ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلارنى، يەنى بۇزۇقلۇق، ناپاكلىك، ئىپلاس ھېسسىياتلار، رەزىل خاھىشلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك (ئۇ بۇتپەرەسلىككە باراۋەردۇر)نى ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىڭلار؛ «يەرگە تەۋە بولغان ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلار...» ــ ئەسلى گرېك تىلىدا «يەرگە تەۋە بولغان ئەزالىرىڭلار...». «يەرگە تەۋە» دېگەننىڭ مەنىسى «بۇ رەزىل دۇنياغا تەۋە» دېگەنلىكتۇر.   رىم. 7‏:5، 23؛ ئ‍ەف. 4‏:22؛ 5‏:3، 5؛ 1تېس. 4‏:5. چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ. «چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ» ــ «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى، ئىتائەتسىز ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» بولسا خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئايلىنىدۇ (5-، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ).   1كور. 6‏:10؛ گال. 5‏:19؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15. سىلەر بۇلار ئارىسىدا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، بۇنداق ئىشلاردىمۇ ماڭغانسىلەر. 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:1؛ تىت. 3‏:3.
ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار. ئ‍ەف. 4‏:22؛ ئىبر. 12‏:1؛ ياق. 1‏:21؛ 1پېت. 2‏:1. بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار؛ چۈنكى سىلەر كونا ئادەمنى قىلمىشلىرى بىلەن سېلىۋەتكەنسىلەر، ئ‍ەف. 4‏:25. 10 ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا؛ «ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا» ــ «كونا ئادەم» (9-ئايەت) ئادەمئاتىدىن مىراس قىلىنغان گۇناھكار ھاياتنى كۆرسىتىدۇ؛ «يېڭى ئادەم» بولسا مەسىھدە بولغان يېڭى ھاياتنى كۆرسىتىدۇ.   يار. 1‏:26؛ 5‏:1؛ 9‏:6؛ رىم. 6‏:4؛ 1كور. 11‏:7. 11 ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر. «ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، ... مەۋجۇت ئەمەستۇر» ــ «يات مەدەنىيەتلىك» ــ گرېك تىلىدا «ساقاللىق» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى گرېكلار ئادەتتە ساقال قويمايتتى. بۇ سۆز ئادەتتە گرېك ياكى لاتىن تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلارنى كۆرسىتەتتى؛ ئادەتتە گرېكلار ۋە لاتىنلار ئۇنداق كىشىلەرنى كەمسىتىپ «ساقاللىق» دېگەن سۆزنى «ياۋايى ئادەملەر» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتەتتى. «... يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر» ــ «سكىتلار» ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى.   1كور. 7‏:21،22؛ 12‏:13؛ گال. 3‏:28؛ 5‏:6؛ 6‏:15.
12 شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق، ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىدىغان باغىرلارنى، مېھرىبانلىق، كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار؛ «شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق ... كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار» ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ «يۇۋاشلىق ئىمان-ئىشەنچ بىلەن» دېگەندەك ئالاھىدە مەنىسى باردۇر. مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرى ياكى ئىمتىيازلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا ئىمان بىلەن توغرا ماڭغان بولسا، خۇدا مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزىگە كاپالەت قىلغان دەپ خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   ئ‍ەف. 4‏:32؛ 6‏:11؛ 1تېس. 1‏:4. 13 بىر-بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار، نارازىلىق ئىش بولسا بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار؛ مەسىھ سىلەرنى قانداق كەچۈرۈم قىلغان بولسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار. مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ ئ‍ەف. 4‏:32. 14 مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار. «... كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار» ــ ياكى «... كامىل رىشتە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار».   يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ 5‏:2؛ كول. 2‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. 15 مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن (سىلەر بىر تەن بولۇپ بۇ خاتىرجەملىكتە بولۇشقا چاقىرىلغان ئىكەنسىلەر) ۋە شۇنداقلا رەھمەت ئېيتىشلاردا بولۇڭلار. «مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن» ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
16 مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛ «... چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار» ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ («1كور.» 15:14نىمۇ كۆرۈڭ). 17 ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار. ئ‍ەف. 5‏:20؛ 1تېس. 5‏:18.
 
ئائىلىدىكىلەرگە بولغان جېكىلەشلەر
18 سىلەر ئاياللار، رەبدە بولغان سۈپىتىڭلارغا لايىق ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1. 19 سىلەر ئەرلەر، ئۆز ئاياللىرىڭلارغا مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ ئۇلارغا ئاچچىق قىلماڭلار. ئ‍ەف. 5‏:25.
20 سىلەر بالىلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ھەممە ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇنداق قىلىش رەبدە بولغان گۈزەل ئىشتۇر. ئ‍ەف. 6‏:1.
21 سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار؛ ئۇنداق قىلساڭلار كۆڭلى يارا بولىدۇ.
22 سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار؛ پەقەت كۆز ئالىدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئىنسانلارنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى رەبدىن ئەيمىنىپ چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئىش كۆرۈڭلار. «سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار» ــ «ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلار» دېگىنى، يەنە «سىلەرنىڭ ئەرشتە بولغان خوجايىنىڭلارمۇ بار» دەپ پۇرىتىدۇ.   ئ‍ەف. 6‏:5؛ 1تىم. 6‏:1؛ تىت. 2‏:9؛ 1پېت. 2‏:18.
23 نېمە ئىشنى قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئالدىدا ئەمەس، بەلكى رەب ئالدىدا قىلغاندەك جان-دىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەڭلار؛ 24 چۈنكى مىراسنىڭ ئىنئامىغا رەبدىن مۇيەسسەر قىلىنغانلىقىڭلارنى بىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر رەب مەسىھنىڭ ئىبادەت-قۇللۇقىدىدۇرسىلەر. 25 ئەمما كىم ھەققانىيسىزلىق قىلسا قىلغان ھەققانىيسىزلىقى ئۆز بېشىغا چۈشىدۇ؛ بۇ ئىشتا ھېچقانداق يۈز-خاتىرە قىلىنىش يوقتۇر.
 
 

3:1 ئ‍ەف. 1‏:20.

3:3 رىم. 6‏:2؛ 8‏:24؛ 2كور. 5‏:7.

3:4 «ئەمما ھاياتىمىز بولغان مەسىھ ئاشكارىلانغان چاغدا، شۇئان سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئاشكارىلىنىدىغان بولىسىلەر» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

3:4 فىل. 3‏:21؛ 1يۇھ. 3‏:2.

3:5 «يەرگە تەۋە بولغان ئىشلارنى قىلغۇچى ھەرقانداق ئەزالىرىڭلار...» ــ ئەسلى گرېك تىلىدا «يەرگە تەۋە بولغان ئەزالىرىڭلار...». «يەرگە تەۋە» دېگەننىڭ مەنىسى «بۇ رەزىل دۇنياغا تەۋە» دېگەنلىكتۇر.

3:5 رىم. 7‏:5، 23؛ ئ‍ەف. 4‏:22؛ 5‏:3، 5؛ 1تېس. 4‏:5.

3:6 «چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىز پەرزەنتلەرگە چۈشىدۇ» ــ «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» دېگەن ئىبارە ئىنساننىڭ ئەسلى تۈپ تەبىئىتىدە ئىتائەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى، ئىتائەتسىز ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «ئىتائەتسىز پەرزەنتلەر» بولسا خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئايلىنىدۇ (5-، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ).

3:6 1كور. 6‏:10؛ گال. 5‏:19؛ ئ‍ەف. 5‏:5؛ ۋەھ. 22‏:15.

3:7 1كور. 6‏:11؛ ئ‍ەف. 2‏:1؛ تىت. 3‏:3.

3:8 ئ‍ەف. 4‏:22؛ ئىبر. 12‏:1؛ ياق. 1‏:21؛ 1پېت. 2‏:1.

3:9 ئ‍ەف. 4‏:25.

3:10 «ۋە يېڭى ئادەمنى كىيگەنسىلەر؛ يېڭى ئادەم بولسا ئۆزىنى ياراتقۇچىنىڭ سۈرەت-ئوبرازى بويىچە تولۇق بىلىشتە دائىم يېڭىلىماقتا» ــ «كونا ئادەم» (9-ئايەت) ئادەمئاتىدىن مىراس قىلىنغان گۇناھكار ھاياتنى كۆرسىتىدۇ؛ «يېڭى ئادەم» بولسا مەسىھدە بولغان يېڭى ھاياتنى كۆرسىتىدۇ.

3:10 يار. 1‏:26؛ 5‏:1؛ 9‏:6؛ رىم. 6‏:4؛ 1كور. 11‏:7.

3:11 «ئۇنىڭدا ھېچقانداق يۇنانلىق ياكى يەھۇدىي، سۈننەتلىك ياكى سۈننەتسىز، يات مەدىنىيەتلىك، ... مەۋجۇت ئەمەستۇر» ــ «يات مەدەنىيەتلىك» ــ گرېك تىلىدا «ساقاللىق» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى گرېكلار ئادەتتە ساقال قويمايتتى. بۇ سۆز ئادەتتە گرېك ياكى لاتىن تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغانلارنى كۆرسىتەتتى؛ ئادەتتە گرېكلار ۋە لاتىنلار ئۇنداق كىشىلەرنى كەمسىتىپ «ساقاللىق» دېگەن سۆزنى «ياۋايى ئادەملەر» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتەتتى. «... يات مەدىنىيەتلىك، سكىت، قۇل ياكى ھۆرلەر مەۋجۇت ئەمەستۇر؛ بەلكى مەسىھ ھەممىدۇر، ۋە ھەممىدىدۇر» ــ «سكىتلار» ئادەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقنىڭ ئومۇمىي نامى ئىدى.

3:11 1كور. 7‏:21،22؛ 12‏:13؛ گال. 3‏:28؛ 5‏:6؛ 6‏:15.

3:12 «شۇڭا، خۇدانىڭ تاللىۋالغانلىرىغا، پاك-مۇقەددەس ۋە سۆيۈنگەنلەرگە لايىق ... كىچىك پېئىللىق، مۆمىنلىك ۋە سەۋر-تاقەتلىكنى كىيىۋېلىڭلار» ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ «يۇۋاشلىق ئىمان-ئىشەنچ بىلەن» دېگەندەك ئالاھىدە مەنىسى باردۇر. مۆمىن ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرى ياكى ئىمتىيازلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا ئىمان بىلەن توغرا ماڭغان بولسا، خۇدا مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزىگە كاپالەت قىلغان دەپ خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:12 ئ‍ەف. 4‏:32؛ 6‏:11؛ 1تېس. 1‏:4.

3:13 مات. 6‏:14؛ مار. 11‏:25؛ ئ‍ەف. 4‏:32.

3:14 «... كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار» ــ ياكى «... كامىل رىشتە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار».

3:14 يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 4‏:3؛ 5‏:2؛ كول. 2‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21.

3:15 «مەسىھنىڭ خاتىرجەملىكى قەلبىڭلاردا ھۆكۈم سۈرسۇن» ــ بۇ مۇھىم سۆز توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:16 «... چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار» ــ «زەبۇر-نەغمىلەر» بەلكىم سازغا تەڭكەش قىلىنىپ ئېيتىلىدىغان ناخشىلار؛ «مەدھىيە كۈيلىرى» بەلكىم سازسىز ناخشىلار؛ «روھىي ناخشىلار» بەلكىم ستىخىيىلىكتىن، ئۆزلىكىدىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن ئېيتىلغان ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ («1كور.» 15:14نىمۇ كۆرۈڭ).

3:17 ئ‍ەف. 5‏:20؛ 1تېس. 5‏:18.

3:18 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:22؛ تىت. 2‏:5؛ 1پېت. 3‏:1.

3:19 ئ‍ەف. 5‏:25.

3:20 ئ‍ەف. 6‏:1.

3:22 «سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا ھەممە ئىشتا ئىتائەت قىلىڭلار» ــ «ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلار» دېگىنى، يەنە «سىلەرنىڭ ئەرشتە بولغان خوجايىنىڭلارمۇ بار» دەپ پۇرىتىدۇ.

3:22 ئ‍ەف. 6‏:5؛ 1تىم. 6‏:1؛ تىت. 2‏:9؛ 1پېت. 2‏:18.