دانىيال
1
دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى •••• دانىيال نېبوقادنەسارنىڭ ئوردىسىدا
يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىم تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. 2پاد. 24‏:2، 3؛ 2تار. 36‏:6 رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى. «خۇدانىڭ ئۆيى» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە.
پادىشاھ نېبوقادنەسار باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىنازغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىللار ئىچىدىن خان جەمەتىدىكىلەردىن ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىدىن تاللاپ ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. «باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىناز» ــ «ئاغۋات» پادىشاھ سارايىدىكى كېنىزەكلەرگە قارايدىغان، پىچىلغان ئەر كىشى. ئۇلارنىڭ باشقا ۋەزىپىلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، مۇشۇ يەردە «باش ئاغۋات غوجىدارى» پادىشاھلارنىڭ بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ بېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ توغرا بولسا «باش ئەمەلدار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.   يەش. 39‏:7 بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. «يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر ناھىيە ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى. پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە ھەر كۈنى پادىشاھ يەيدىغان نازۇ-نېمەتلەر ۋە شارابلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، مۇددەت توشقاندا پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولسۇن دەپ بېكىتتى. تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى. ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى. «ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى» ــ بۇ قويغان ئىسمىلار، ئاساسەن بۇتپەرەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلى ۋە يېڭى ئىسمىلىرىنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ
دانىيال ــ «خۇدا مېنىڭ سوت قىلغۇچۇمدۇر»
بەلتەشاسار ــ «بەل (بىر مەبۇد) ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغدىسۇن»
ھانانىيا ــ «پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىكتۇر»
شادراك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)نىڭ بۇيرۇقى»
مىشائېل ــ «خۇداغا كىم ئوخشىيالىسۇن؟»
مىشاك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)غا كىم ئوخشىيالىسۇن؟»
ئازارىيا ــ «پەرۋەردىگار ياردەمچىمدۇر»
ئەبەدنېگو ــ «نېگو (نۇر چاچىدىغان مەبۇد)نىڭ قۇلى»
دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى. «دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى» ــ دانىيال يەھۇدىي بولغاچقا، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بەزى گۆشلەر، مەسىلەن چوشقا، تۆگە، توشقان گۆشىنى يېيىشكە بولمايتتى. قان چىقارماي بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، يېيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل ئوردىسىدىكىلەر يېگەن گۆشلەر ۋە ئىچكەن شارابلار مەبۇدلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاشۇ مەبۇدلارنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن يەپ-ئىچىلەتتى.   لاۋ. 15‏:1-35؛ 17‏:12؛ قان. 14‏:3-21؛ 1كور. 8‏:4؛ 8-10 ئەمدى خۇدا ئاغۋات بېشىنى دانىيالغا ئىلتىپات ۋە شاپائەت كۆرسىتىدىغان قىلغانىدى. 10 لېكىن ئاغۋات بېشى دانىيالغا:
ــ مەن ئۆز غوجام پادىشاھتىن قورقىمەن. سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن؛ ئۇ ئەگەر سىلەرنى باشقا قۇرداش يىگىتلەردەك ساغلام چىراي ئەمەس ئىكەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا سىلەر پادىشاھقا مېنىڭ كاللامنى ئالدۇرغۇچى بولىسىلەر، ــ دېدى.
11 شۇنىڭ بىلەن دانىيال كېلىپ ئاغۋات بېشى ئۆزىگە ۋە ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا تەيىنلىگەن غوجىداردىن تەلەپ قىلىپ: 12 ــ كەمىنىلىرىنى ئۇماچ، كۆكتات ۋە سۇ بىلەنلا بېقىپ ئون كۈنلۈك سىناق قىلسىلا.
13 ئاندىن بىزنىڭ چىرايىمىز بىلەن پادىشاھنىڭ ئېسىل تامىقىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، ئاندىن كۆزىتىشلىرى بويىچە كەمىنىلىرىگە ئىش كۆرگەيلا! ــ دېدى. 14 غوجىدار ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ كۆرۈشكە ماقۇل بولدى. 15 ئون كۈندىن كېيىن قارىسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىنمۇ نۇرلۇق ۋە تولغان كۆرۈندى. 16 شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى.
17 بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى. 18 پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا، ئاغۋات بېشى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. «پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا...» ــ يەنى ئۈچ يىل (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). 19 پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى. 20 پادىشاھقا دانالىق-ھېكمەت كېرەك بولغاندا ياكى يورۇتۇش كېرەك بولغان ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەلتەنىتىدىكى بارلىق رەمچى-پالچى ياكى پىر-ئۇستازلىرىنىڭكىدىن ئون ھەسسە توغرا چىقاتتى. 21 دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى. «دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى» ــ پارس پادىشاھى قورەش 66 يىلدىن كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسىنى ئىستېلا قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى).
 
 

1:1 2پاد. 24‏:2، 3؛ 2تار. 36‏:6

1:2 «خۇدانىڭ ئۆيى» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە.

1:3 «باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىناز» ــ «ئاغۋات» پادىشاھ سارايىدىكى كېنىزەكلەرگە قارايدىغان، پىچىلغان ئەر كىشى. ئۇلارنىڭ باشقا ۋەزىپىلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، مۇشۇ يەردە «باش ئاغۋات غوجىدارى» پادىشاھلارنىڭ بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ بېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ توغرا بولسا «باش ئەمەلدار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

1:3 يەش. 39‏:7

1:4 «يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر ناھىيە ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى.

1:7 «ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى» ــ بۇ قويغان ئىسمىلار، ئاساسەن بۇتپەرەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلى ۋە يېڭى ئىسمىلىرىنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ دانىيال ــ «خۇدا مېنىڭ سوت قىلغۇچۇمدۇر» بەلتەشاسار ــ «بەل (بىر مەبۇد) ئۇنىڭ ھاياتىنى قوغدىسۇن» ھانانىيا ــ «پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىكتۇر» شادراك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)نىڭ بۇيرۇقى» مىشائېل ــ «خۇداغا كىم ئوخشىيالىسۇن؟» مىشاك ــ «ئاكۇ (بىر مەبۇد)غا كىم ئوخشىيالىسۇن؟» ئازارىيا ــ «پەرۋەردىگار ياردەمچىمدۇر» ئەبەدنېگو ــ «نېگو (نۇر چاچىدىغان مەبۇد)نىڭ قۇلى»

1:8 «دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى» ــ دانىيال يەھۇدىي بولغاچقا، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بەزى گۆشلەر، مەسىلەن چوشقا، تۆگە، توشقان گۆشىنى يېيىشكە بولمايتتى. قان چىقارماي بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، يېيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل ئوردىسىدىكىلەر يېگەن گۆشلەر ۋە ئىچكەن شارابلار مەبۇدلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاشۇ مەبۇدلارنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن يەپ-ئىچىلەتتى.

1:8 لاۋ. 15‏:1-35؛ 17‏:12؛ قان. 14‏:3-21؛ 1كور. 8‏:4؛ 8-10

1:18 «پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا...» ــ يەنى ئۈچ يىل (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).

1:21 «دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى» ــ پارس پادىشاھى قورەش 66 يىلدىن كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسىنى ئىستېلا قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى).