11
مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم. ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ
 
بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ. «بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ...» ــ بۇ 11-بابتىكى بېشارەتلەر ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. بىز مۇشۇ يەردە تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق كۆپ ئىزاھات بەرمىدۇق، بۇلارنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە كىرگۈزدۇق. كىتابخانلارنىڭ ئۆزلىرى «ئوتتۇرا شەرق»نىڭ تارىخى توغرۇلۇق ھەرقانداق كىتابتىن بۇ بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئاساسەن بۇ ئالدىن ئېيتىلغان ئىشلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 530-164-يىللار داۋامىدا يۈز بەرگەن. لېكىن 36-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلەر ئاخىرقى زاماندىكى ئىشلارغىچە ئۆتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. «ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ» ــ بۇ پادىشاھ «بۈيۈك ئىسكەندەر»، گرېتسىيەنىڭ بىرىنچى ئىمپېراتورى. لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ. «ئۇنىڭدىكى سەردارلار» ــ ياكى «ئۇنىڭدىكى ئەمىرلىرى». «ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ» ــ بۇ بېشارەتتىكى «جەنۇبىي پادىشاھ»لار شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ)، بىرىنچىسى «پىتولىمى سوتېر» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 323-285-يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن. بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ. «جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇلار ئىتتىپاق تۈزىدۇ» دېيىلىدۇ.
بۇ بېشارەتتىكى «شىمالىي پادىشاھ» شۈبھىسىزكى تارىختا سۇرىيە دېگەن رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن. بىرىنچى «شىمالىي پادىشاھ» بولسا سىليۇقۇس نىكاتور (سىليۇقۇس I) بولۇپ، ئەسلىدە مىسىر پادىشاھى «پىتولىمى سوتېر»نىڭ چوڭ گېنېرالى ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 312-280 يىللاردا تەختكە ئولتۇرغان. «بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ قىز بىلىكىنىڭ كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ». «ئۇنىڭ بالىسى ھەم ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ تۇغقىنى...». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇنى تۇغدۇرغۇچى ھەم...» دېيىلىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ. «ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى». «... پادىشاھ بولۇپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئۇنىڭ ( يەنى جەنۇبىي پادىشاھنىڭ) ئورنىغا تۇرۇپ،...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «...بىرى، قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... بىرى، ئۇ بولسا ئۇنىڭ (شىمالىي پادىشاھنىڭ) قوشۇنىغا قارشى چىقىپ،...»
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. «قۇيما مەبۇدلىرى» ــ ياكى «ئەمىرلىرى». «بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش...» ــ ياكى «ئۇلارنىڭكى ئالتۇن-كۈمۈش...». شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ. «جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنى» ــ مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.
10 شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. «كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ،...» ــ ياكى «ئۇ قايتىپ، ئاندىن جەڭ قىلىپ،..». 11 جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ.
12 شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. 13 چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ. 14 ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئى دانىيال ــ سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. 15 شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ. 16 شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ. «گۈزەل زېمىن» ــ قانائان زېمىنى، يەنى پەلەستىن. «ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ھالاكىتى ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ». 17  شىمالىي پادىشاھ بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ؛ ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى مىسىر پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن قىزى ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ. «...كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ» ــ «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نىڭ مىسىر ئىكەنلىكى 8-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ. «ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە دۇرۇس ئادەملەر بىللە بارىدۇ؛ ئۇ ئۆز بېكىتكىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى چىرىتىش ئۈچۈن...».
18 كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. «نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ» ــ ياكى «نۇرغۇن يۇرتلارنى ئىگىلەيدۇ». 19 ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا نىشان قىلىپ دىققەت قىلىدۇ». 20 كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ». «پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» ــ بۇ يەردە «ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمە قىلغاندا، «پادىشاھلىقنىڭ شان-شەرىپىنى بېزەش ئۈچۈن بىر زۇلۇم سالغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.
 
پەرىشتە چۈشەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ــ ئەشەددىي شىمالىي پادىشاھ
21 ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ. 22 زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ. «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر» ــ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «باش كاھىن»نى كۆرسىتىدۇ. ئونىياس ئىسىملىك كىشى، باش كاھىن ۋە بەك ئادىل كىشى بولۇپ، سۇرىيەنىڭ «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس» دېگەن پادىشاھى تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 172-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. 23 شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ.
24 ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ. 25 ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. 26 چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. «ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر» ــ دېمەك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى.
27 كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. «بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ» ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 28  شىمالىي پادىشاھ نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
29 بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. «لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن بۇ قېتىمقى ئاخىرقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ».
بۇ بېشارەت (تەرجىمىمىز بويىچە) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
30 چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. «كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر» ــ «كىتتىم» ھازىرقى «سېپرۇس» دېگەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئارال. بۇ بېشارەت شۈبھىسىزكى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 168-يىلى، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كېمىلىرى كىتتىم ئارىلىدىن چىقىپ ئانتىئوقۇس ئېپىفانىسقا (مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا) ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ. 31 ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. «قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا...» ــ ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا ۋە قورغان...». «كۈندىلىك قۇربانلىق» ــ 11:8دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.   دان. 7‏:25؛ 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4 32 ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. 33 خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 34 يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ. 35 بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ. «چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە، بېشارەت «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس»نىڭ دەۋرىدىن، ئاخىر زامانغا ئۆتىدۇ.   دان. 12‏:10
36 شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. دان. 7‏:25؛ 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4؛ ۋەھ. 13‏:1-8 37 بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. «ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ» ــ ياكى، «ئۇ ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھقىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ». 38 بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ. 39 ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. «... غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ» ــ ياكى، «... غەيرىي ئىلاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ». يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى ئىگىلەپ، ئۇ بۇ ئىلاھقا چوقۇنۇشنى بەرپا قىلىدۇ». «ئىنئام سۈپىتىدە...» ــ ياكى «مەلۇم بىر باھادا (سېتىۋېتىپ)،...».
40 ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ. 41 ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. «گۈزەل زېمىن» ــ قانائاننى (پەلەستىننى) كۆرسىتىدۇ.   ۋەھ. 12‏:6 42 شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 43 ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ.
44 كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ 45 ۋە دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆركەم مۇقەددەس تاغ تەرىپىگە ئوردا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئەجىلى شۇ يەردە توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ». «دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ــ دېمەك، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا. «كۆركەم مۇقەددەس تاغ» ــ يېرۇسالېم سېلىنغان «زىئون تېغى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «...دېڭىزلار ۋە مۇقەددەس تاغ ئارىسىدا...».
 
 

11:2 «بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ...» ــ بۇ 11-بابتىكى بېشارەتلەر ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. بىز مۇشۇ يەردە تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق كۆپ ئىزاھات بەرمىدۇق، بۇلارنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە كىرگۈزدۇق. كىتابخانلارنىڭ ئۆزلىرى «ئوتتۇرا شەرق»نىڭ تارىخى توغرۇلۇق ھەرقانداق كىتابتىن بۇ بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئاساسەن بۇ ئالدىن ئېيتىلغان ئىشلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 530-164-يىللار داۋامىدا يۈز بەرگەن. لېكىن 36-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلەر ئاخىرقى زاماندىكى ئىشلارغىچە ئۆتىدۇ.

11:3 «ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ» ــ بۇ پادىشاھ «بۈيۈك ئىسكەندەر»، گرېتسىيەنىڭ بىرىنچى ئىمپېراتورى.

11:5 «ئۇنىڭدىكى سەردارلار» ــ ياكى «ئۇنىڭدىكى ئەمىرلىرى». «ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ» ــ بۇ بېشارەتتىكى «جەنۇبىي پادىشاھ»لار شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ)، بىرىنچىسى «پىتولىمى سوتېر» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 323-285-يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن.

11:6 «جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇلار ئىتتىپاق تۈزىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ بېشارەتتىكى «شىمالىي پادىشاھ» شۈبھىسىزكى تارىختا سۇرىيە دېگەن رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن. بىرىنچى «شىمالىي پادىشاھ» بولسا سىليۇقۇس نىكاتور (سىليۇقۇس I) بولۇپ، ئەسلىدە مىسىر پادىشاھى «پىتولىمى سوتېر»نىڭ چوڭ گېنېرالى ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 312-280 يىللاردا تەختكە ئولتۇرغان. «بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ قىز بىلىكىنىڭ كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ». «ئۇنىڭ بالىسى ھەم ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ تۇغقىنى...». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇنى تۇغدۇرغۇچى ھەم...» دېيىلىدۇ.

11:7 «ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى». «... پادىشاھ بولۇپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئۇنىڭ ( يەنى جەنۇبىي پادىشاھنىڭ) ئورنىغا تۇرۇپ،...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «...بىرى، قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... بىرى، ئۇ بولسا ئۇنىڭ (شىمالىي پادىشاھنىڭ) قوشۇنىغا قارشى چىقىپ،...»

11:8 «قۇيما مەبۇدلىرى» ــ ياكى «ئەمىرلىرى». «بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش...» ــ ياكى «ئۇلارنىڭكى ئالتۇن-كۈمۈش...».

11:9 «جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنى» ــ مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.

11:10 «كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ،...» ــ ياكى «ئۇ قايتىپ، ئاندىن جەڭ قىلىپ،..».

11:16 «گۈزەل زېمىن» ــ قانائان زېمىنى، يەنى پەلەستىن. «ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ھالاكىتى ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ».

11:17 «...كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ» ــ «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نىڭ مىسىر ئىكەنلىكى 8-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ. «ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە دۇرۇس ئادەملەر بىللە بارىدۇ؛ ئۇ ئۆز بېكىتكىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى چىرىتىش ئۈچۈن...».

11:18 «نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ» ــ ياكى «نۇرغۇن يۇرتلارنى ئىگىلەيدۇ».

11:19 «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا نىشان قىلىپ دىققەت قىلىدۇ».

11:20 «پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» ــ بۇ يەردە «ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمە قىلغاندا، «پادىشاھلىقنىڭ شان-شەرىپىنى بېزەش ئۈچۈن بىر زۇلۇم سالغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.

11:22 «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر» ــ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «باش كاھىن»نى كۆرسىتىدۇ. ئونىياس ئىسىملىك كىشى، باش كاھىن ۋە بەك ئادىل كىشى بولۇپ، سۇرىيەنىڭ «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس» دېگەن پادىشاھى تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 172-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

11:26 «ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر» ــ دېمەك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى.

11:27 «بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ» ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

11:29 «لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن بۇ قېتىمقى ئاخىرقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ». بۇ بېشارەت (تەرجىمىمىز بويىچە) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

11:30 «كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر» ــ «كىتتىم» ھازىرقى «سېپرۇس» دېگەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئارال. بۇ بېشارەت شۈبھىسىزكى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 168-يىلى، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كېمىلىرى كىتتىم ئارىلىدىن چىقىپ ئانتىئوقۇس ئېپىفانىسقا (مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا) ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ.

11:31 «قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا...» ــ ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا ۋە قورغان...». «كۈندىلىك قۇربانلىق» ــ 11:8دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

11:31 دان. 7‏:25؛ 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4

11:35 «چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە، بېشارەت «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس»نىڭ دەۋرىدىن، ئاخىر زامانغا ئۆتىدۇ.

11:35 دان. 12‏:10

11:36 دان. 7‏:25؛ 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ مار. 13‏:14؛ لۇقا 21‏:20؛ 2تېـس. 2‏:3-4؛ ۋەھ. 13‏:1-8

11:37 «ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ» ــ ياكى، «ئۇ ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھقىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ».

11:39 «... غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ» ــ ياكى، «... غەيرىي ئىلاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ». يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى ئىگىلەپ، ئۇ بۇ ئىلاھقا چوقۇنۇشنى بەرپا قىلىدۇ». «ئىنئام سۈپىتىدە...» ــ ياكى «مەلۇم بىر باھادا (سېتىۋېتىپ)،...».

11:41 «گۈزەل زېمىن» ــ قانائاننى (پەلەستىننى) كۆرسىتىدۇ.

11:41 ۋەھ. 12‏:6

11:45 «دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ــ دېمەك، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا. «كۆركەم مۇقەددەس تاغ» ــ يېرۇسالېم سېلىنغان «زىئون تېغى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «...دېڭىزلار ۋە مۇقەددەس تاغ ئارىسىدا...».