◼14:1 «ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ... ماڭلاي چېچىڭلارنى قىرىپ تاقىر قىلماسلىقىڭلار كېرەك» ــ بۇتپەرەس قانائانىيلار ئارىسىدا شۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەر كۆپ ئىدى.
◘14:1 لاۋ. 19:28،27؛ 21:5
◘14:2 قان. 7:6؛ 26:18
◘14:4 لاۋ. 11:2
◼14:6 «كۆشىگۈچى ھايۋانلار» ــ مۇشۇ يەردە ئىككى-ئۈچ ئاشقازىنى بار ھايۋانلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوزۇقنى يۇمشاق چاينايدىغان بارلىق ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
◼14:7 «سۇغۇر» ــ ياكى «سىچقان» ــ تاغلاردا ياشايدىغان كىچىك بىر ھايۋان.
◼14:12 «تاپقۇش-غېچىرلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇستىخان چاققۇچى قۇش». يەنى بىر تەرجىمىسى «بېلىقئالغۇچ».
◼14:16 «ھۇۋقۇش» ــ ياكى «كىچىك ھۇۋقۇش». «ئاق قۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدىن بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس.
◼14:17 «ساقىيقۇش» ــ ساقىيقۇش ياكى «سۇغا سۈڭگۈگۈچى». ئىبرانىي تىلىدىن بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. «قارنا» ــ ياكى «قوتان».
◼14:18 «تۇرنا» ــ ياكى «قوتان». «لەيلەك، تۇرنا ... دېگەنلەر سىلەرگە ھارام سانالسۇن» ــ بۇ ھالال ۋە ھارام نەرسىلەر توغرۇلۇق «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
◼14:19 «ھەربىر قاناتلىق ئۆمىلىگۈچى ھاشارەتلەر ... ئۇلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك» ــ بۇ تىزىملىكتىكى قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى نامى تەۋراتتا پەقەت بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايسى قۇشلار ئىكەنلىكىنى توپتوغرا بېكىتىش بەزىدە مۇمكىن بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تىپلىرى، شۈبھىسىزكى، تەرجىمىمىزدەك بولىدۇ.
◼14:21 «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرساڭ بولمايدۇ» ــ بۇ ئەمر بەلكىم ئەتراپتىكى بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ مەلۇم ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگەشمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
◘14:21 مىس. 23:19؛ 34:26
◘14:23 قان. 12:18،17
◘14:26 مات. 21:12
◼14:27 «شەھەر-يېزىلىرىڭدا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
◘14:27 چۆل. 18:20، 24؛ قان. 10:9؛ 12:12؛ 18:1، 2؛ 26:12
◼14:28 «شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.