ھېكمەت توپلىغۇچى
1
«ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!»
يېرۇسالېمدا پادىشاھ بولغان، داۋۇتنىڭ ئوغلى «ھېكمەت توپلىغۇچى»نىڭ سۆزلىرى: ــ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ يازغۇچى ئۆزىنىڭ سۇلايمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتا 16-ئايەت، 7:2-ئايەت قاتارلىقلاردا ئىسپاتلىنىدۇ. كىتابنىڭ نامى ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدا «كوھەلەت» دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى: «توپلىغۇچى» «رەتلىگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىز ئۇنى «ھېكمەت توپلىغۇچى» (دېمەك، «ئوي-پىكىرلەرنى رەتلىگۈچى») دەپ تەرجىمە قىلدۇق. بەزىلەر ئۇنى يەنە «تەلىم بەرگۈچى»، «ۋەز ئېيتقۇچى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ.
«بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ دەيدۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك! ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر!» «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى!». بۇ خۇددى «كۈيلەرنىڭ كۈيى» «ئەڭ گۈزەل كۈي» دېيىلگەنگە ئوخشاشتۇر، «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى» بەلكىم «ھاياتلىق ئالەمدە «ئەڭ بىمەنىلىك ئىشتۇر!»» دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.   زەب. 62‏:9؛ 144‏:4
قۇياش ئاستىدا تارتقان جاپالىرىدىن ئىنسان نېمە پايدىغا ئېرىشەر؟ «قۇياش ئاستىدا» ــ بۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى»دىكى ئاچقۇچلۇق سۆزدۇر. يازغۇچىنىڭ بايانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئاسماندىن (خۇدادىن) كەلگەن ۋەھىي» بىلەن ئەمەس، بەلكى «ئاپتاپ ئاستى» ياكى «قۇياش ئاستى»دىكى كۆزقاراش بىلەن ئېيتىلغان. ئۇ قەستەن شۇنداق كۆز-قاراشنى سۆزلەيدۇ. «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.   توپ. 2‏:22؛ 3‏:9
بىر دەۋر ئۆتىدۇ، يەنە بىر دەۋر كېلىدۇ؛
بىراق يەر-زېمىن مەڭگۈگە داۋام قىلىدۇ؛ زەب. 104‏:5
كۈن چىقىدۇ، كۈن پاتىدۇ؛
ۋە چىقىدىغان جايغا قاراپ يەنە ئالدىراپ ماڭىدۇ.
شامال جەنۇبقا قاراپ سوقىدۇ؛
ئاندىن بۇرۇلۇپ شىمالغا قاراپ سوقىدۇ؛
ئۇ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ،
ھەردائىم ئۆز ئايلانما يولىغا قايتىدۇ.
بارلىق دەريالار دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بىراق دېڭىز تولمايدۇ؛
دەريالار قايسى جايغا ئاققان بولسا،
ئۇلار يەنە شۇ يەرگە قايتىدۇ. ئايۇپ 38‏:8، 9، 10؛ زەب. 104‏:8-10
بارلىق ئىشلار جاپاغا تولغاندۇر؛
ئۇنى ئېيتىپ تۈگەتكۈچى ئادەم يوقتۇر؛
كۆز كۆرۈشتىن،
قۇلاق ئاڭلاشتىن ھەرگىز تويمايدۇ.
بولغان ئىشلار يەنە بولىدىغان ئىشلاردۇر؛
قىلغان ئىشلار يەنە قىلىنىدۇ؛
قۇياش ئاستىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوقتۇر. توپ. 3‏:15
10 «مانا، بۇ يېڭى ئىش» دېگىلى بولىدىغان ئىش بارمۇ؟
ئۇ بەرىبىر بىزدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاللىقاچان بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردۇر.
11 بۇرۇنقى ئىشلار ھازىر ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛
ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ. «... كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ» ــ دېمەك، يېڭى دەۋردە «يېڭى» دېيىلگەن بىر ئىش چىققان بولسا، شۇ ئىش ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقى دەۋردلەردە مەۋجۇت بولغان ئىشتۇر. ھازىرقى دەۋردىكىلەر بۇرۇنقى دەۋرلەرنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇغان، بۇ ئىشنى «يېڭى!» دەيدۇ.
 
سۇلايماننىڭ تەجرىبىسى
12 مەنكى ھېكمەت توپلىغۇچى يېرۇسالېمدا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانمەن؛ 13 مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ
خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان! 14 مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ
مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
15 ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛
كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس. « ... تولۇق سانىغىلى بولماس» ــ دېمەك، تەمىنلىگىلى بولماس.
16 مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ: «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم.
17 شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم. 18 چۈنكى دانالىقنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەتمۇ كۆپ بولىدۇ؛ بىلىمىنى كۆپەيتكۈچىنىڭ دەرد-ئەلىمىمۇ كۆپىيدۇ.
 
 

1:1 «ھېكمەت توپلىغۇچى» ــ يازغۇچى ئۆزىنىڭ سۇلايمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتا 16-ئايەت، 7:2-ئايەت قاتارلىقلاردا ئىسپاتلىنىدۇ. كىتابنىڭ نامى ئەسلىي ئىبرانىي تىلىدا «كوھەلەت» دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى: «توپلىغۇچى» «رەتلىگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىز ئۇنى «ھېكمەت توپلىغۇچى» (دېمەك، «ئوي-پىكىرلەرنى رەتلىگۈچى») دەپ تەرجىمە قىلدۇق. بەزىلەر ئۇنى يەنە «تەلىم بەرگۈچى»، «ۋەز ئېيتقۇچى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ.

1:2 «بىمەنىلىك ئۈستىگە بىمەنىلىك!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى!». بۇ خۇددى «كۈيلەرنىڭ كۈيى» «ئەڭ گۈزەل كۈي» دېيىلگەنگە ئوخشاشتۇر، «بىمەنىلىكلەرنىڭ بىمەنىلىكى» بەلكىم «ھاياتلىق ئالەمدە «ئەڭ بىمەنىلىك ئىشتۇر!»» دېگەننى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

1:2 زەب. 62‏:9؛ 144‏:4

1:3 «قۇياش ئاستىدا» ــ بۇ «ھېكمەت توپلىغۇچى»دىكى ئاچقۇچلۇق سۆزدۇر. يازغۇچىنىڭ بايانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئاسماندىن (خۇدادىن) كەلگەن ۋەھىي» بىلەن ئەمەس، بەلكى «ئاپتاپ ئاستى» ياكى «قۇياش ئاستى»دىكى كۆزقاراش بىلەن ئېيتىلغان. ئۇ قەستەن شۇنداق كۆز-قاراشنى سۆزلەيدۇ. «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

1:3 توپ. 2‏:22؛ 3‏:9

1:4 زەب. 104‏:5

1:7 ئايۇپ 38‏:8، 9، 10؛ زەب. 104‏:8-10

1:9 توپ. 3‏:15

1:11 «... كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ ئۇلاردىن كېيىن ياشايدىغانلارنىڭ ئېسىگە ھېچ كەلمەيدۇ» ــ دېمەك، يېڭى دەۋردە «يېڭى» دېيىلگەن بىر ئىش چىققان بولسا، شۇ ئىش ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقى دەۋردلەردە مەۋجۇت بولغان ئىشتۇر. ھازىرقى دەۋردىكىلەر بۇرۇنقى دەۋرلەرنى بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇغان، بۇ ئىشنى «يېڭى!» دەيدۇ.

1:15 « ... تولۇق سانىغىلى بولماس» ــ دېمەك، تەمىنلىگىلى بولماس.