6
ھەممە ئادەم ھاياتنىڭ لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ
قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇ ئىش ئادەملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ــ
خۇدا بىرسىگە بايلىقلار، مال-دۇنيا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى خالىغىنىدىن ھېچنەرسىسى كەم بولمىدى؛ بىراق خۇدا ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلمىدى، بەلكى يات بىر ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ؛ مانا بۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر ئازابتۇر.
بىرسى يۈز بالا كۆرۈپ كۆپ يىل ياشىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇنىڭ يىل-كۈنلىرى شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنى بەختنى كۆرمىسە، ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ چاچراپ كەتكەن بوۋاق ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر دەيمەن. «ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ،...» ــ دېمەك، ئۇ ئۆلمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە ياكى دەپنە قىلىنمىغان بولسا،...». چۈنكى چاچرىغان بالا بىمەنىلىك بىلەن كېلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئىسمىنى قاپلايدۇ؛ ئۇ كۈننىمۇ كۆرمىگەن، بىلمىگەن؛ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇ بىرىنچىسىگە نىسبەتەن ئارام تاپقاندۇر.ئايۇپ 3‏:16؛ زەب. 58‏:7-8
بەرھەق، ھېلىقى كىشى ھەتتا ئىككى ھەسسە مىڭ يىل ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بەختنى كۆرمىسە، ئەھۋالى ئوخشاشتۇر ــ ھەربىر كىشى ئوخشاش بىر جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟
 
جاۋابسىز سوئاللار
ئادەمنىڭ تارتقان بارلىق جاپاسى ئۆز ئاغزى ئۈچۈندۇر؛ بىراق ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەرگىز قانمايدۇ. شۇنداقتا دانا كىشىنىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بولسۇن؟ نامرات كىشى باشقىلار ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ كۆزنىڭ كۆرۈشى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ ئۇيان-بۇيان يۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلىشمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. 10 ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان؛ ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان؛ شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ.«ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ ... ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان» ــ مەنىسى ھەربىر ئىش ئالدىنئالا خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولسا كېرەك. «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ بىلىنگەن (دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن)» (شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش بىھۇدىلىكتۇر). بىراق ئايەتنى ئىنساننىڭ ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، دەپ قارايمىز.
11 چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا، بىمەنىلىك شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىنسانغا نېمە پايدىسى؟ «چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا،..» ــ مۇشۇ يەردە «گەپ» ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان گەپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى بىھۇدىلىكنى كۆپەيتىدىغان ئىشلار كۆپتۇر...» 12 چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرىدە، يەنى ئۇنىڭ سايىدەك تېزلا ئۆتىدىغان مەنىسىز ئۆمرىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن؟ چۈنكى ئىنسانغا ئۇ كەتكەندىن كېيىن قۇياش ئاستىدا نېمە ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كىم دەپ بېرەلىسۇن؟توپ. 8‏:7؛ زەب. 144‏:4؛ ياق. 4‏:13، 14
 
 

6:3 «ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ،...» ــ دېمەك، ئۇ ئۆلمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە ياكى دەپنە قىلىنمىغان بولسا،...».

6:5 ئايۇپ 3‏:16؛ زەب. 58‏:7-8

6:10 «ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ ... ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان» ــ مەنىسى ھەربىر ئىش ئالدىنئالا خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولسا كېرەك. «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ بىلىنگەن (دېمەك، خۇدا تەرىپىدىن)» (شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش بىھۇدىلىكتۇر). بىراق ئايەتنى ئىنساننىڭ ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، دەپ قارايمىز.

6:11 «چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا،..» ــ مۇشۇ يەردە «گەپ» ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغان گەپلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى بىھۇدىلىكنى كۆپەيتىدىغان ئىشلار كۆپتۇر...»

6:12 توپ. 8‏:7؛ زەب. 144‏:4؛ ياق. 4‏:13، 14