10
ئەقىل بېرىدىغان بەزى ھېكمەتلەر
خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ.
دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا. «دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل» ــ قورالنى تۇتۇپ، ئۆزىنى قوغداش تەرىپىدۇر.
ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ.
 
ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ.
قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛ «ئەخمەقلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەخمەقلىق» دەپ ئېلىنغان. مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم. «مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى... كۆردۇم» ــ پەلەستىندە كونا زامانلاردا ئاتقا مىنىش پەقەت ئابرويلۇق كىشىلەرگىلا مەنسۇپ ئىدى.
 
تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان خەتەرلەرگە دانالىق كېرەك
ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛ «تامنى بۇزغان كىشى...» ــ ياكى «چىتنى بۇزغان كىشى...».   پەند. 26‏:27 تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
10 پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
11 يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟ «يىلانچى» ــ نەي چېلىپ يىلاننى ئويناتقۇچى ئادەم. «يىلانچىنى چاقسا،..» ــ ياكى «خەقنى چاقسا...».
 
دانىشمەنلەر ۋە ئەخمەقلەرنىڭ ئىش-سۆزلىرى
12 دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ. 13 سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛ 14 ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟
15 ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ.
 
ئەخمەق ھۆكۈمدارلارنىڭ چاتاقلىرى
16 ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي! يەش. 3‏:3، 4؛ ھوش. 13‏:11؛ ئام. 6‏:4
17 ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ! «...ئۆزىنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...» ــ ياكى، «...ئۆزىنى تۇتۇپ مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...». «... ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس... زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ۋە ئەمىرلىرىڭ مەست بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سالماقلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!».
 
يەنە ھېكمەتلەر
18 ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ.
19 زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار!
20 پادىشاھقا لەنەت قىلما، ھەتتا ئويۇڭدىمۇ تىللىما؛ ھۇجراڭدىمۇ بايلارنى تىللىما؛ چۈنكى ئاسماندىكى بىر قۇش ئاۋازىڭنى تارىتىدۇ، بىر قانات ئىگىسى بۇ ئىشنى ئايان قىلىدۇ. مىس. 22‏:28
 
 

10:2 «دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل» ــ قورالنى تۇتۇپ، ئۆزىنى قوغداش تەرىپىدۇر.

10:6 «ئەخمەقلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەخمەقلىق» دەپ ئېلىنغان.

10:7 «مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى... كۆردۇم» ــ پەلەستىندە كونا زامانلاردا ئاتقا مىنىش پەقەت ئابرويلۇق كىشىلەرگىلا مەنسۇپ ئىدى.

10:8 «تامنى بۇزغان كىشى...» ــ ياكى «چىتنى بۇزغان كىشى...».

10:8 پەند. 26‏:27

10:11 «يىلانچى» ــ نەي چېلىپ يىلاننى ئويناتقۇچى ئادەم. «يىلانچىنى چاقسا،..» ــ ياكى «خەقنى چاقسا...».

10:16 يەش. 3‏:3، 4؛ ھوش. 13‏:11؛ ئام. 6‏:4

10:17 «...ئۆزىنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...» ــ ياكى، «...ئۆزىنى تۇتۇپ مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە،...». «... ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس... زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ۋە ئەمىرلىرىڭ مەست بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سالماقلىق بىلەن ئۆز ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!».

10:20 مىس. 22‏:28