ئەستەر
1
پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالارغا كاتتا زىياپەت بېرىشى
ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ «ئاھاشۋېروش» ــ پارس ئىمپېراتورى بولغان مۇشۇ «ئاھاشۋېروش» «كسەركسىس I»نىڭ ئۆزى شۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-464-يىللار). ئىسپات باركى، «ئاھاشۋېروش» (پارس تىلىدا «ئاھاشۋېروش»، گرېك تىلىدا «كسەركسىس» دېيىلىدۇ) دېگەن سۆز كىشىنىڭ ئىسمى بولماستىن، بەلكى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئومۇمىي بىر ئۇنۋانى ئىدى. «ھەبەشستان» ــ ھازىرقى ئېفىئوپىيە.
شۇ كۈنلەردە، ئۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، «شۇشان» ــ گاھى ۋاقىتلاردا «سۇزا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. «مېدىئانىڭ قوشۇنى» ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى «مېدىئانىڭ قوشۇن سەردارلىرى» دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇ سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى كۆپ كۈنلەر، يەنى بىر يۈز سەكسەن كۈن كۆرگەزمە قىلدى. «ئۇ ... زىياپەت بەردى... ...سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى... كۆرگەزمە قىلدى» ــ بەزى تارىخشۇناسلار شۇ كاتتا زىياپەتنىڭ مەقسىتى پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ جاۋان (گرېتسىيە)گە تاجاۋۇز قىلىشىنى پىلانلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى، دەپ قارايدۇ. بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە شۇشان قەلئەسىدىكى بارلىق خەلققە چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوردىنىڭ چاربېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. ئۇ يەر ئاق ۋە كۆك كەندىر يىپتىن توقۇلغان پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش ھالقىلارغا ئاق رەڭلىك كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يۇڭلۇق شوينىلار بىلەن ئېسىلغانىدى؛ ئاق قاشتاش ۋە ئاق مەرمەر تاشلار، سەدەپ ۋە قارا مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان مەيدان ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان دىۋانلار قويۇلغانىدى. «ئاق قاشتاش» ــ ياكى «قىزىل مەرمەر». ئىچىملىكلەر ئالتۇن جاملاردا تۇتۇپ ئىچىلەتتى؛ جاملار بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ شاھانە مەي-شارابلار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىگە يارىشا مول ئىدى. شاراب ئىچىش قائىدىسى بويىچە، زورلاشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى؛ چۈنكى پادىشاھ ئوردىدىكى بارلىق غوجىدارلارغا، ھەركىمنىڭ ئىچىشى ئۆز خاھىشى بويىچە بولسۇن، دەپ بېكىتىپ بەرگەنىدى.
خانىش ۋاشتىمۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن زىياپەت بەردى.
 
خانىش ۋاشتىنىڭ يارلىققا قارشىلىق كۆرسىتىشى
10 يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى «يەتتە ھەرەمئاغىسى» ــ ھەرەمئاغىلىرى ئوردىدىكى نۇرغۇن ئىشلاردا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خىزمەتچىلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار ئوردا توقاللىرىنى باشقۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار پىچىۋېتىلگەن ئەرلەر بولۇپ، قىزلارغا چېقىلمايتتى ۋە پەرزەنتمۇ قالدۇرالمايتتى. 11 خانىش ۋاشتىنىڭ پۇقرالار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ، ئۇنى خانىشلىق تاجىنى كىيىپ كېلىشكە چارقىرغىلى ئەۋەتتى؛ چۈنكى ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. 12 لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ كېلىشنى رەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرى ئۆرلىدى.
 
ۋاشتىنىڭ خانىشلىقتىن قالدۇرۇلۇشى
13 شۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق قانۇن-ئەھكاملارنى پىششىق بىلگەنلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى؛ شۇڭا پادىشاھ ۋەزىيەتنى پىششىق چۈشىنىدىغان دانىشمەنلەردىن سورىدى 14 (ئۇ چاغدا دانىشمەنلەردىن ئۇنىڭ يېنىدا كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسېنا، مەمۇكان قاتارلىق يەتتە پارس بىلەن مېدىئانىڭ ئەمىرلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى، پادىشاھلىقتا ئۇلار ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى). «دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دائىم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ تۇراتتى». 15 پادىشاھ ئۇلاردىن: ــ خانىش ۋاشتى مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرەمئاغىلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
16 مەمۇكان پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىپ: ــ خانىش ۋاشتى ئالىيلىرىنىڭ زىتىغا تېگىپلا قالماي، بەلكى پادىشاھىمىز ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭمۇ زىتىغا تەگدى. 17 چۈنكى خانىشنىڭ شۇ قىلغىنى بارلىق ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، ئۇلار «پادىشاھ ئاھاشۋېروش: «خانىشى ۋاشتىنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئەمر قىلسا، ئۇ كەلمەپتۇ!» دەپ ئۆز ئەرلىرىنى مەنسىتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. 18 پارس ۋە مېدىئادىكى مەلىكە-خانىملار خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنلا پادىشاھنىڭ بارلىق بەگ-ئەمىرلىرىگە شۇنىڭغا ئوخشاش دەيدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. «...خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «....خاپالىق كۇپايە بولىدۇ» ياكى «...خاپالىق يېتەرلىك بولىدۇ!». 19 پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىدىن مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرۈلسۇن، شۇنىڭدەك ئۇ پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى، ۋاشتى ئىككىنچى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەي؛ ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشى بىرسىگە بېرىلگەي. «پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى...» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، پارس-مېدىئا ئىمپېرىيەسىنىڭ بارلىق قانۇنلىرى چىقىرىلغاندىن كېيىن قەتئىي ئۆزگەرتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. 20 ئالىيلىرىنىڭ جاكارلىغان يارلىقى پۈتۈن سەلتەنىتىگە يېتىپ ئاڭلانغان ھامان (ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى بىپايان بولسىمۇ)، ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېرىگە، مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، ــ دېدى.
21 مەمۇكاننىڭ بۇ گېپى پادىشاھ بىلەن ئەمىرلىرىنى خۇش قىلدى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆردى. 22 ئۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە، ھەربىر ئۆلگىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلى بىلەن خەتلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە خوجايىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» دېگەن ئەمرنى چۈشۈردى. «ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» ــ بۇ سۆزنىڭ مەقسىتى بەلكىم ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە قايسى تىلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ھوقۇقى بار دەپ تەكىتلەش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
 
 

1:1 «ئاھاشۋېروش» ــ پارس ئىمپېراتورى بولغان مۇشۇ «ئاھاشۋېروش» «كسەركسىس I»نىڭ ئۆزى شۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-464-يىللار). ئىسپات باركى، «ئاھاشۋېروش» (پارس تىلىدا «ئاھاشۋېروش»، گرېك تىلىدا «كسەركسىس» دېيىلىدۇ) دېگەن سۆز كىشىنىڭ ئىسمى بولماستىن، بەلكى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئومۇمىي بىر ئۇنۋانى ئىدى. «ھەبەشستان» ــ ھازىرقى ئېفىئوپىيە.

1:2 «شۇشان» ــ گاھى ۋاقىتلاردا «سۇزا» دەپ ئاتىلىدۇ.

1:3 «مېدىئانىڭ قوشۇنى» ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى «مېدىئانىڭ قوشۇن سەردارلىرى» دەپ چۈشىنىدۇ.

1:4 «ئۇ ... زىياپەت بەردى... ...سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى... كۆرگەزمە قىلدى» ــ بەزى تارىخشۇناسلار شۇ كاتتا زىياپەتنىڭ مەقسىتى پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ جاۋان (گرېتسىيە)گە تاجاۋۇز قىلىشىنى پىلانلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى، دەپ قارايدۇ.

1:6 «ئاق قاشتاش» ــ ياكى «قىزىل مەرمەر».

1:10 «يەتتە ھەرەمئاغىسى» ــ ھەرەمئاغىلىرى ئوردىدىكى نۇرغۇن ئىشلاردا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خىزمەتچىلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار ئوردا توقاللىرىنى باشقۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار پىچىۋېتىلگەن ئەرلەر بولۇپ، قىزلارغا چېقىلمايتتى ۋە پەرزەنتمۇ قالدۇرالمايتتى.

1:14 «دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دائىم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ تۇراتتى».

1:18 «...خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «....خاپالىق كۇپايە بولىدۇ» ياكى «...خاپالىق يېتەرلىك بولىدۇ!».

1:19 «پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى...» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، پارس-مېدىئا ئىمپېرىيەسىنىڭ بارلىق قانۇنلىرى چىقىرىلغاندىن كېيىن قەتئىي ئۆزگەرتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.

1:22 «ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» ــ بۇ سۆزنىڭ مەقسىتى بەلكىم ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىدە قايسى تىلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ھوقۇقى بار دەپ تەكىتلەش ئۈچۈن بولسا كېرەك.