◼3:1 «يەترو» ــ رېئۇئەلنىڭ يەنە بىر ئىسمى. بەزىدە «يەتەر» دەپمۇ يېزىلىدۇ. «ئۇ قويلارنى باشلاپ...» ــ ئوتتۇرا شەرقتە پادىچىلار ئادەتتە قويلىرىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. «ھورەب» ــ سىناي تېغىنىڭ يەنە بىر نامى.
◼3:2 «شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى» ــ ياكى «شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا كۆرۈندى». «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى. «تەبىرلەر» ھەم «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
◼3:4 «مۇسا، مۇسا» ــ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ــ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
◼3:5 «مۇقەددەس جاي» ــ «مۇقەددەس كىتاب»تا، «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا مەخسۇس ئاتالغان»، «خۇدانىڭ ئىشلىتىشىگە مەخسۇس ئايرىلغان»، «خۇداغىلا مەنسۇپ» دېگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
◘3:5 يە. 5:15
◘3:6 مات. 22:32؛ مار. 12:26؛ لۇقا 20:37؛ روس. 7:32
◘3:7 روس. 7:34
◘3:10 زەب. 105:26؛ ھوش. 12:14؛ مىك. 6:4؛ روس. 7:35
◼3:12 «سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ» ــ قىزىق ئىش شۇكى، خۇدا مۇساغا كۆرسەتمەكچى بولغان ئىسپات-بەلگە ئۇ خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ؛ دېمەك، مۇسانىڭ ئىمان-ئېتىقادى شۇنىڭ بىلەن سىنىلىدۇ.
◘3:12 يە. 1:5
◼3:14 «مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن» ــ ياكى «مەن ئەسلى ئۆزۈمدۇرمەن» ياكى «ھەمىشە بارنىڭ ئۆزى مەندۇرمەن». بۇ نام (ئىبرانىي تىلىدا «ياھۋەھ»)، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ھېچ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھەردائىم «ۋاقىتتىن سىرت»تا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆتمۈش، ھازىر ياكى كەلگۈسى ۋاقىتلار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تەكىتلەيدۇ. ئادەتتە تەرجىمىمىزدە بۇ نام «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ.
◼3:15 «ياھۋەھ» ــ دائىم تەرجىمىمىزدە «پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ توغرۇلۇق 14:3تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
◼3:16 «يوقلاش» ــ بۇ پېئىل خۇدا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلگەن بولسا، غەمخورلۇق قىلىش، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
◘3:22 مىس. 11:2؛ 12:35؛ ئەز. 39:10