12
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى
پەرۋەردىگار مىسىر يۇرتىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ
بۇ ئاي سىلەرگە ئايلارنىڭ ئىچىدە بېشى، يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ. «بۇ ئاي سىلەرگە ... يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ» ــ بۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى خۇدانىڭ خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بېشى كۈزدە (سېنتەبردە) باشلىناتتى (مۇقەددەس كىتابتا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق ۋاقىتلار شۇنداق ھېسابلىناتتى). ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق كالېندارى بار ئىدى. سىلەر پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە سۆز قىلىپ: ــ بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھەممىڭلار ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە بىر قوزىنى ئېلىڭلار؛ ھەربىر ئائىلىگە بىردىن قوزا ئېلىڭلار. «قوزا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوزا» دېگەن سۆز ئوغلاقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ئائىلە بىر قوزىنى يەپ بولالمىغۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۆي ئىگىسى يېنىدىكى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئادەم سانىغا قاراپ بىر قوزا ئېلىڭلار؛ ھەربىر كىشىنىڭ ئىشتىھاسىغا قاراپ ھېسابلاپ مۇۋاپىق بىر قوزا ھازىرلاڭلار. ھەربىرىڭلار تاللايدىغان قوزاڭلار بېجىرىم، بىر ياشلىق ئەركەك بولسۇن؛ قوي ياكى ئۆچكە پادىلىرىدىن تاللانسىمۇ بولىدۇ. لاۋ. 1‏:3؛ 22‏:21؛ مال. 1‏:8؛ 1پېت. 1‏:19 قوزىنى بۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە يېنىڭلاردا تۇرغۇزۇڭلار، ــ دېگىن.
ــ شۇ كۈنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى تاللىغان مېلىنى گۇگۇمدا سويسۇن. «گۇگۇم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان چاغدىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت. «بىرىنچى كەچ» كەچقۇرۇن ياكى كۈن پېتىش، «ئىككىنچى كەچ» كېچىنى كۆرسەتسە كېرەك.
ئىسرائىلدا ئىشلىتىلگەن كالېندار بويىچە يېڭى كۈن كەچ كىرىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا شۇ كېچە بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى باشلىنىدۇ.
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ گۆش يېيىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ باش تەرىپىگە ھەم ئىككى يان كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئۇلار شۇ كېچىسى گۆشىنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يېسۇن؛ ئۇنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن قوشۇپ يېسۇن. چۆل. 9‏:11؛ 1كور. 5‏:8 قەتئىي خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى باش، پۇت ۋە ئىچ-قارىنلىرى بىلەن ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يەڭلار. 10 ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى ئەتىگە قالدۇرماڭلار. ئەگەر ئەتىگە ئېشىپ قالغانلىرى بولسا، ئۇنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.
11 سىلەر ئۇنى مۇنداق ھالەتتە يەڭلار: ــ ئۇنى يېگەندە بەللىرىڭلارنى چىڭ باغلاپ، ئاياغلىرىڭلارغا كەش كىيىپ، قوللىرىڭلاردا ھاسا تۇتقان ھالدا تېز يەڭلار. ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر. «ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ «پاسخا»سىدۇر». ئىبرانىي تىلىدا «پاسخا» ياكى «پېساخ» «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە نېمىنى كۆرسەتكىنى توغرىسىدا 13-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 12 چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ ئۆتىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىدا مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىرنىڭ بارلىق بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. «مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىمەن» ــ بۇ مۇھىم ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مىسىرلىقلارنىڭ 80دىن كۆپ ئىلاھلىرى بار ئىدى. 13 شۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى سىلەر ئولتۇرغان ئۆيلەردە سىلەرگە نىجات بەلگىسى بولىدۇ؛ بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىنى ئۇرغىنىمدا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋابا-ئاپەت سىلەرگە تەگمەيدۇ.«سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن» ــ ياكى «سىلەردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق ئىككى خىل پىكىر بار: ــ (1) پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش»ى ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى جازالىماي ئۆيىگە كىرمەي «ئۆتۈپ كېتىشى»، (2) پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن «ھالاك پەرىشتىسى» (23-ئايەت ۋە «زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ) ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ كەلگەندە پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا «ئۆتۈپ تۇرۇش»ى بىلەن ھالاك پەرىشتىسىنىڭ يولىنى توسۇپ، مۇھاپىزەت قىلىپ ساق قالدۇرۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى پىكىرگە قايىل بولدۇق («يەش.» 5:31نى ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ).
 
پېتىر نان ھېيتى
14 بۇ كۈن سىلەرگە خاتىرە كۈن بولسۇن؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەڭلار؛ ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈ ئۆتكۈزۈڭلار. مىس. 5‏:1 15 يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار؛ بىرىنچى كۈنى ئۆيۈڭلاردىن بارلىق خېمىرتۇرۇچلارنى يوق قىلىڭلار؛ چۈنكى كىمكى بىرىنچى كۈندىن تارتىپ يەتتىنچى كۈنگىچە بولدۇرۇلغان نان يېسە، شۇ كىشى ئىسرائىل قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 16 بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى تۈزۈڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىمۇ ھەم شۇنداق بىر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىنمىسۇن؛ پەقەت ھەر كىشىنىڭ يەيدىغىنىنى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىلا قىلساڭلار بولىدۇ. «ئىبادەت سورۇنى» ــ مۇشۇ يەردىكى «سورۇن» دېگەن سۆز «سورۇنغا چاقىرىلىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. نەگە چاقىرىلىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە تەكىتلىنىدىغان ئىش خەلقنىڭ جەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى «خۇدانىڭ يېنىغا يىغىلىشقا چاقىرىلىش»تىن ئىبارەت بولىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە، بولۇپمۇ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغان ۋاقتىدا، پۈتكۈل جامائەت «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئالدىغا يىغىلىشى مۇمكىن، ۋە كېيىن پەلەستىن زېمىنىدا تۇرغاندا، ئەركەكلەر بۇ ئەمر بويىچە ھەر يىلى «مۇقەددەس چېدىر»غا، ئاندىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا يىغىلىدىغان بولىدۇ («قان.» 16:16). 17 مەن دەل شۇ كۈنى سىلەرنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىم ئۈچۈن سىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ شۇ كۈننى نەسىلدىن-نەسىلگە ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە ھېيت كۈنى قىلىپ بېكىتىڭلار. 18 بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى، كەچقۇرۇندىن تارتىپ شۇ ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، پېتىر نان يەڭلار. لاۋ. 23‏:5؛ چۆل. 28‏:16 19 يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن؛ چۈنكى مۇساپىر بولسۇن، زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن، كىمكى بولدۇرۇلغان نەرسىلەرنى يېسە شۇ كىشى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. «ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ياكى «جامائەتتىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» دېگەننىڭ مۇنداق بىرنەچچە چۈشەنچىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (2) جامائەت ئۇنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ (3) جامائەت ئۇنى ئىبادەت سورۇنلىرىدىن ھەيدىۋېتىشى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇنى پالىۋېتىشى كېرەك؛ (4) ئۇنىڭدىن ھېچ نەسىل قالدۇرۇلمايدۇ. بىزنىڭچە باشقا ئايەتتە ئېنىق بۇيرۇق كۆرسىتىلمىگەچكە، بىرىنچى چۈشەنچە (خۇدا ئۆزى شۇ ئادەمنى دۇنيادىن كەتكۈزىدۇ) توغرا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز. 20 سىلەر ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نەرسىنى يېمەي، قەيەردىلا تۇرساڭلار، پېتىر نان يەڭلار.قان. 16‏:3
 
تۇنجى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»، يەنى «پاسخا ھېيتى»
21 مۇسا ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بېرىپ ھەربىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە ئۆزۈڭلارغا بىر قوزىنى تارتىپ چىقىرىپ پاسخا قوزىسىنى سويۇڭلار. «پاسخا» ــ يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى».  ئىبر. 11‏:28 22 ئاندىن بىر تۇتام زۇپا ئېلىپ ئۇنى قاچىدىكى قانغا چىلاپ، قاچىدىكى قاننى ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىگە سۈركەڭلار. سىلەردىن ئەتىگەنگىچە ھېچكىم ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن قەتئىي چىقمىسۇن. «زۇپا» ــ زۇپا بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ باشقا بىر ئىسمى «لېپەكگۈل». 23 چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، زېمىننى كېزىپ ئۆتىدۇ؛ ئۇ ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىدىكى قاننى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ھالاك قىلغۇچىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى ئۇرۇشىدىن توسۇش ئۈچۈن مۇھاپىزەت قىلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ.«ھالاك قىلغۇچى» ــ بەلكىم بىرخىل پەرىشتىنى كۆرسەتسە كېرەك («زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ). «ئۆتۈپ تۇرۇش» ــ «ئۆتۈپ تۇرۇش» ياكى «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق 13:12تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.  ئىبر. 11‏:28
24 بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە سۈپىتىدە تۇتۇڭلار. «بۇ رەسىم-قائىدە» ــ خۇدانىڭ كېيىنكى ئەمرلىرى بويىچە، «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دا (1) ھەربىر ئائىلىنىڭ بىر قوزىنى قۇربانلىق قىلىشى؛ (2) ئۇنىڭ گۆشىنى كېچىدە يېيىشى؛ (3) بۇ گۆشنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېيىشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ («چۆل.» 1:9-14، «قان.» 1:16-8نى كۆرۈڭ). 25 سىلەر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا بۇ ھېيتلىق ئىبادەتنى تۇتۇڭلار. 26 بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ ئىبادىتىڭلارنىڭ مەنىسى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، يە. 4‏:6 27 سىلەر: «بۇ مىسىرلىقلارنى ئۇرغىنىدا، مىسىردا ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىمىزنى قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا بولغان «ئۆتۈپ كېتىش» قۇربانلىقى بولىدۇ» ــ دەڭلار. شۇنى ئاڭلىغاندا، خەلق ئېڭىشىپ خۇداغا سەجدە قىلدى.
28 ئاندىن ئىسرائىللار قايتىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار دەل مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئەمر قىلغاندەك ئىش كۆردى.ئىبر. 11‏:28
 
تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
29 ۋە شۇنداق بولدىكى، يېرىم كېچە بولغاندا، پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان تۇنجىسىدىن تارتىپ زىنداندا يېتىۋاتقان مەھبۇسنىڭ تۇنجىسىغىچە، مىسىر زېمىنىدىكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. زەب. 78‏:51؛ 105‏:36؛ 135‏:8؛ 136‏:10 30 ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئۆي قالمىغاچقا، شۇ كېچىسى پىرەۋننىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق مىسىرلىقلار كېچىدە ئورنىدىن قوپتى؛ مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن قاتتىق پەرياد كۆتۈرۈلدى.زەب. 105‏:38،36 31 پىرەۋن كېچىدە مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ تۇرۇڭلار، سىلەر ۋە ئىسرائىللار بىلەن بىللە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئېيتقىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار! 32 سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە قوي، ئۆچكە، كالا پادىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار؛ مەن ئۈچۈنمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار، ــ دېدى. 33 مىسىرلىق پۇقرالارمۇ «ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتكۈدەكمىز» دېيىشىپ، خەلقنى زېمىندىن تېز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كېتىشكە ئالدىراتتى. 34 خەلق تېخى بولمىغان خېمىرلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. 35 ئىسرائىللار مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە قىلىپ، مىسىرلىقلاردىن كۈمۈش بۇيۇملار، ئالتۇن بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. مىس. 3‏:21؛ 11‏:2؛ زەب. 105‏:37 36 پەرۋەردىگار خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزغىنى ئۈچۈن مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سورىغانلىرىنى بەردى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى.
 
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى
37 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالتە يۈز مىڭچە ئەركەك بولۇپ، رامسەستىن چىقىپ، سۇككوت شەھىرىگىچە پىيادە ماڭدى. 38 ئۇلار بىلەن بىللە چوڭ بىر توپ شالغۇت خەلقمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى، يەنە نۇرغۇن چارۋىلار، كۆپلىگەن كالا-قوي پادىلىرى بىلەن بىللە چىقتى.«شالغۇت خەلق» ــ كېيىنكى ۋەقەلەردىن (مەسىلەن، «چۆل.» 4:11 قاتارلىقلار) قارىغاندا، ئىسرائىللاردىن باشقا بىرنەچچە مىللەتلەردىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك.
39 مىسىردىن ئالغاچ چىققان خېمىردىن ئۇلار پېتىر نان-توقاچلارنى ئەتتى؛ چۈنكى ئۇلار مىسىردا بىردەم-يېرىم دەم تۇرغۇزۇلماي ھەيدەلگىنى ئۈچۈن خېمىر بولمىغانىدى؛ ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.
40 ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى جەمئىي تۆت يۈز ئوتتۇز يىل بولدى. يار. 15‏:13؛ روس. 7‏:6؛ گال. 3‏:17 41 شۇنداق بولدىكى، شۇ تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقاندا، دەل شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ كەتتى. 42 شۇ كۈنى كېچىدە ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىلغىنى ئۈچۈن، شۇ كېچىنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كېچىسى دەپ تۇتۇشى كېرەك؛ شۇ كېچىنى بارلىق ئىسرائىللار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۇتۇپ، تۈنىشى كېرەك.
 
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى
43 پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ پاسخا قوزىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە شۇ بولسۇنكى،: ــ ھېچقانداق يات ئەللىك ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. 44 لېكىن ھەركىمنىڭ پۇلغا سېتىۋالغان قۇلى بولسا، ئۇ خەتنە قىلىنسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدىن يېسۇن.
45 ئەمما ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى مەدىكار بۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ.
46 گۆشنى باشقا بىر ئۆيگە ئېلىپ چىقمىغىن؛ بىرلا ئۆيدە يېيىلسۇن؛ قوزىنىڭ ھېچبىر سۆڭىكى سۇندۇرۇلمىسۇن.چۆل. 9‏:12؛ يـۇھ. 19‏:36
47 پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن.
48 ئەگەر سېنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان مۇساپىر بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاسخا ھېيتىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بارلىق ئەركەكلىرى خەتنە قىلىنسۇن؛ ئاندىن كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزسۇن. ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان كىشىدەك سانالسۇن. لېكىن ھېچبىر خەتنىسىز ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. 49 زېمىندا تۇغۇلغان كىشى ھەم ئاراڭلاردا تۇرغان مۇساپىر ئۈچۈن ئوخشاش قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن.
50 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى دەل پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغاندەك شۇ ئىشلارنى ئادا قىلدى. 51 شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقاردى.
 
 

12:2 «بۇ ئاي سىلەرگە ... يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ» ــ بۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى خۇدانىڭ خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بېشى كۈزدە (سېنتەبردە) باشلىناتتى (مۇقەددەس كىتابتا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق ۋاقىتلار شۇنداق ھېسابلىناتتى). ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق كالېندارى بار ئىدى.

12:3 «قوزا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قوزا» دېگەن سۆز ئوغلاقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

12:5 لاۋ. 1‏:3؛ 22‏:21؛ مال. 1‏:8؛ 1پېت. 1‏:19

12:6 «گۇگۇم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىككى كەچ ئارىلىقىدا» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ دېمەك، كۈن پېتىۋاتقان چاغدىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت. «بىرىنچى كەچ» كەچقۇرۇن ياكى كۈن پېتىش، «ئىككىنچى كەچ» كېچىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئىسرائىلدا ئىشلىتىلگەن كالېندار بويىچە يېڭى كۈن كەچ كىرىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا شۇ كېچە بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى باشلىنىدۇ.

12:8 چۆل. 9‏:11؛ 1كور. 5‏:8

12:11 «ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ «پاسخا»سىدۇر». ئىبرانىي تىلىدا «پاسخا» ياكى «پېساخ» «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە نېمىنى كۆرسەتكىنى توغرىسىدا 13-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

12:12 «مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىمەن» ــ بۇ مۇھىم ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مىسىرلىقلارنىڭ 80دىن كۆپ ئىلاھلىرى بار ئىدى.

12:13 «سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن» ــ ياكى «سىلەردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» دېگەن سۆزلەر توغرۇلۇق ئىككى خىل پىكىر بار: ــ (1) پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش»ى ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى جازالىماي ئۆيىگە كىرمەي «ئۆتۈپ كېتىشى»، (2) پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن «ھالاك پەرىشتىسى» (23-ئايەت ۋە «زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ) ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ كەلگەندە پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا «ئۆتۈپ تۇرۇش»ى بىلەن ھالاك پەرىشتىسىنىڭ يولىنى توسۇپ، مۇھاپىزەت قىلىپ ساق قالدۇرۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى پىكىرگە قايىل بولدۇق («يەش.» 5:31نى ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ).

12:14 مىس. 5‏:1

12:16 «ئىبادەت سورۇنى» ــ مۇشۇ يەردىكى «سورۇن» دېگەن سۆز «سورۇنغا چاقىرىلىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. نەگە چاقىرىلىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە تەكىتلىنىدىغان ئىش خەلقنىڭ جەم بولۇشى ئەمەس، بەلكى «خۇدانىڭ يېنىغا يىغىلىشقا چاقىرىلىش»تىن ئىبارەت بولىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە، بولۇپمۇ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغان ۋاقتىدا، پۈتكۈل جامائەت «مۇقەددەس چېدىر»نىڭ ئالدىغا يىغىلىشى مۇمكىن، ۋە كېيىن پەلەستىن زېمىنىدا تۇرغاندا، ئەركەكلەر بۇ ئەمر بويىچە ھەر يىلى «مۇقەددەس چېدىر»غا، ئاندىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا يىغىلىدىغان بولىدۇ («قان.» 16:16).

12:18 لاۋ. 23‏:5؛ چۆل. 28‏:16

12:19 «ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ «ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ياكى «جامائەتتىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» دېگەننىڭ مۇنداق بىرنەچچە چۈشەنچىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (2) جامائەت ئۇنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ (3) جامائەت ئۇنى ئىبادەت سورۇنلىرىدىن ھەيدىۋېتىشى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇنى پالىۋېتىشى كېرەك؛ (4) ئۇنىڭدىن ھېچ نەسىل قالدۇرۇلمايدۇ. بىزنىڭچە باشقا ئايەتتە ئېنىق بۇيرۇق كۆرسىتىلمىگەچكە، بىرىنچى چۈشەنچە (خۇدا ئۆزى شۇ ئادەمنى دۇنيادىن كەتكۈزىدۇ) توغرا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز.

12:20 قان. 16‏:3

12:21 «پاسخا» ــ يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى».

12:21 ئىبر. 11‏:28

12:22 «زۇپا» ــ زۇپا بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ باشقا بىر ئىسمى «لېپەكگۈل».

12:23 «ھالاك قىلغۇچى» ــ بەلكىم بىرخىل پەرىشتىنى كۆرسەتسە كېرەك («زەب.» 49:78نى كۆرۈڭ). «ئۆتۈپ تۇرۇش» ــ «ئۆتۈپ تۇرۇش» ياكى «ئۆتۈپ كېتىش» دېگەننىڭ مەنىسى توغرۇلۇق 13:12تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

12:23 ئىبر. 11‏:28

12:24 «بۇ رەسىم-قائىدە» ــ خۇدانىڭ كېيىنكى ئەمرلىرى بويىچە، «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دا (1) ھەربىر ئائىلىنىڭ بىر قوزىنى قۇربانلىق قىلىشى؛ (2) ئۇنىڭ گۆشىنى كېچىدە يېيىشى؛ (3) بۇ گۆشنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېيىشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ («چۆل.» 1:9-14، «قان.» 1:16-8نى كۆرۈڭ).

12:26 يە. 4‏:6

12:28 ئىبر. 11‏:28

12:29 زەب. 78‏:51؛ 105‏:36؛ 135‏:8؛ 136‏:10

12:30 زەب. 105‏:38،36

12:35 مىس. 3‏:21؛ 11‏:2؛ زەب. 105‏:37

12:38 «شالغۇت خەلق» ــ كېيىنكى ۋەقەلەردىن (مەسىلەن، «چۆل.» 4:11 قاتارلىقلار) قارىغاندا، ئىسرائىللاردىن باشقا بىرنەچچە مىللەتلەردىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك.

12:40 يار. 15‏:13؛ روس. 7‏:6؛ گال. 3‏:17

12:46 چۆل. 9‏:12؛ يـۇھ. 19‏:36