30
خۇشبۇيگاھ
سەن يەنە خۇشبۇي ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر خۇشبۇيگاھنى ياساتقىن؛ ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تەييارلىغىن. «خۇشبۇيگاھ» ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.  مىس. 37‏:25 ئۇ تۆت چاسا، ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولسۇن. ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. سەن ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتقىن؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقارغىن. ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتكىن؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتكىن. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرغىن. «ئىككى يېنىغا» ــ ياكى «ئىككى بۇرجىكىگە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. بالداقلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن.
خۇشبۇيگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا، يەنى مەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغان جاي بولغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنىڭ ئۇدۇلىغا قويغىن.
ھارۇن شۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇي ئەتىرنى ياندۇرسۇن؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى چىراغلارنى پەرلىگىلى كەلگەندە، خۇشبۇيلارنى ياندۇرسۇن. 1سام. 3‏:3 شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ.«گۇگۇمدا» ــ 7:12دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا» ــ چىراغلار دائىم يېنىق تۇرىدۇ، ئاساسەن ئۆچۈرۈلمەيدۇ (20:27، «لاۋ.» 2:24نى كۆرۈڭ). مۇشۇ سۆز بەلكىم چىراغداننىڭ ئۈستىدىكى يەتتە قەدەھنى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈپ، زەيتۇن مېيىنى قۇيۇپ ئاندىن قايتىدىن ياندۇرۇشنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە نە ھېچقانداق غەيرىي خۇشبۇي ياندۇرماڭلار، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق نە ئاشلىق ھەدىيە سۇنماڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق شاراب ھەدىيەنى تۆكمەڭلار.
10 ھەر يىلدا ھارۇن بىر قېتىم خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە كافارەت كەلتۈرسۇن؛ ھەر قېتىم كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. نەسىلدىن-نەسىلگە شۇنداق قىلىڭلار؛ بۇ خۇشبۇيگاھ پەرۋەردىگارغا «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.
 
ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە تاپشۇرۇلىدىغان كافارەت پۇلى
11 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
12 سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن. «ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن» ــ نېمىشقا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈش ۋەجىدىن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك؟ خەلقنىڭ سانىنى ئېنىقلاشتىن ئىككى خىل گۇناھ پەيدا بولۇشى مۇمكىن: (1) ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىپ، تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؛ (2) قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار خۇداغا تايانماي، بەلكى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئىسرائىللاردىن بۇ پۇلنى ئېلىش ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق تەبىئىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى؛ دەرۋەقە بۇ پۇل مۇقەددەس چېدىردا ئۇلارغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىنلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتتە ئىشلىتىلەتتى (16-ئايەت).
خۇدانىڭ بۇيرۇقى بولمىسا خەلقنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايتتى (مەسىلەن، «1تار.» 1:21-5نى كۆرۈڭ).
  چۆل. 1‏:2 13 رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە» ــ «شەكەل» كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ، مۇقەددەس جايدا ساقلانغان مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.  لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12 14 رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەر، يەنى يىگىرمە ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى بەرسۇن. 15 ئۆز جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كۆتۈرمە ھەدىيە بەرگىنىڭلاردا باي كىشى يېرىم شەكەلدىن ئارتۇق بەرمىسۇن، كەمبەغەل كىشىمۇ يېرىم شەكەلدىن كەم بەرمىسۇن. 16 سەن ئىسرائىللاردىن شۇ كافارەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلاپ ئىشلەتكىن؛ ئۇ پۇل ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسلەتمە سۈپىتىدە جېنىڭلارغا كافارەت كەلتۈرىدىغان بولىدۇ.مىس. 38‏:25
 
يۇيۇنۇش دېسى، يەنى «پاكلىنىش دېسى»
17 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
18 سەن يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىشكە مىستىن يوغان بىر داس ۋە ئۇنىڭغا مىستىن بىر تەگلىك ياساتقىن؛ ئۇنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچىگە سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. 19 ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭدىكى سۇ بىلەن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. 20 ئۇلار جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن سۇ بىلەن ئۆزىنى يۇيۇشى كېرەك؛ ئۇلار خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق ئاتىلىدىغان قۇربانلىق سۇنماقچى بولغىنىدىمۇ، شۇنداق قىلسۇن. 21 ئۇلار ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن؛ بۇ ئىش ئۇلارغا، يەنى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ نەسىللىرى ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.


ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەسۋابلىرى
 
مۇقەددەس ماي تەييارلاش يولى
22 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
23 سەن ھەممىدىن ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن تەييارلا، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن بەش يۈز شەكەل، دارچىندىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، ئېگىردىن ئىككى يۈز ئەللىك شەكەل، «500 شەكەل» ــ تەخمىنەن 6 كىلوگرام. 24 قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛ «بىر ھىن» ــ تەخمىنەن 3.6 لىتر. 25 بۇ دورا-دەرمەكلەر بىلەن مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماي ــ ئەتىرچى چىقارغاندەك بىر خۇشبۇي ماي چىقارغۇزغىن. بۇ «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى» بولىدۇ.
26 سەن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، 27 شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، 28 كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلىگىن؛ 29 سەن شۇ تەرزدە ئۇلارنى «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا مۇقەددەس قىلغىن. ئۇلارغا تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ «مۇقەددەس» ھېسابلىنىدۇ.«ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» ۋە «مۇقەددەس» ــ مۇقەددەس چېدىردىكى بارلىق جابدۇقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. «ئەڭ مۇقەددەس» بولغانلارغا تەگكەنلەر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە «خۇدانىڭكى» دەپ ھېسابلىناتتى (29:30، «لاۋ.» 18:6، 27، «ئەز.» 20:46نىمۇ كۆرۈڭ).
30 ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى بولسا ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. 31 ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئېيتقىن: ــ بۇ ماي ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى بولىدۇ.
32 ئۇنى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى تەركىبى ئوخشىشىدىغان ھېچقانداق مايلارنى ياسىماڭلار. ئۇ مۇقەددەس بولغىنى ئۈچۈن سىلەرگىمۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. «ئادەمنىڭ بەدىنىگە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەمنىڭ ئەتلىرىگە». «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇنى «كاھىنلاردىن باشقىلارغا قۇيسا بولمايدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن «زەبۇر» 2:132گە قارىغاندا، مەسىھلەش مېيى كاھىنلارنى مەسىھلەپ قۇيۇلغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە تەگمەي، بەلكى باش كىيىمىدىن ئېقىپ ساقالدىن ئۆتۈپ كىيىم-كېچەكلىرىگە چۈشەتتى. 33 كىمكى تەركىبى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ماي تەڭشىسە، ياكى ئۇنى ئېلىپ يات بىرسىگە سۈرسە، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.«كىمكى... يات بىرسىگە سۈرسە،...» ــ دېمەك، كاھىنلاردىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە. «ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ 12:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
 
خۇشبۇي ياساش ئۇسۇلى
34 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى تەييارلىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىقداردا بولسۇن؛ «دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى» ــ ياكى «ئونىقا» ياكى نامەلۇم بىرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى. «ئاق دېۋىرقاي» ــ ياكى «گالبانۇم». بۇنىڭ پۇرىقى ئاچچىق بولسىمۇ، دورىلارغا ئىلەشتۈرۈلگەندە ئۇلارنىڭ كۆيۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ خۇش پۇراقلىق قىلىدۇ. 35 خۇددى ئەتىرچى ماي چىقارغانغا ئوخشاش، ئۇلارنى تەڭشەپ خۇشبۇي ياسىغىن؛ ئۇ تۇزلانغان، ساپ ۋە مۇقەددەس پۇراقلىق ئەتىر بولىدۇ. 36 سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن.
37 سىلەر ياسىغان بۇ خۇشبۇينىڭ رېتسېپى بىلەن ئۆزۈڭلارغىمۇ ئوخشاش بىر خۇشبۇينى ياسىۋالساڭلار بولمايدۇ. ئۇ ساڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەرۋەردىگارغا خاس قىلىنغان مۇقەددەس بولىدۇ. 38 كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق بىر خۇشبۇينى ياسىسا، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن.
 
 

30:1 «خۇشبۇيگاھ» ــ مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.

30:1 مىس. 37‏:25

30:4 «ئىككى يېنىغا» ــ ياكى «ئىككى بۇرجىكىگە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ.

30:7 1سام. 3‏:3

30:8 «گۇگۇمدا» ــ 7:12دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا» ــ چىراغلار دائىم يېنىق تۇرىدۇ، ئاساسەن ئۆچۈرۈلمەيدۇ (20:27، «لاۋ.» 2:24نى كۆرۈڭ). مۇشۇ سۆز بەلكىم چىراغداننىڭ ئۈستىدىكى يەتتە قەدەھنى بىر-بىرلەپ چۈشۈرۈپ، زەيتۇن مېيىنى قۇيۇپ ئاندىن قايتىدىن ياندۇرۇشنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

30:12 «ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن» ــ نېمىشقا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈش ۋەجىدىن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك؟ خەلقنىڭ سانىنى ئېنىقلاشتىن ئىككى خىل گۇناھ پەيدا بولۇشى مۇمكىن: (1) ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىپ، تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؛ (2) قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار خۇداغا تايانماي، بەلكى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئىسرائىللاردىن بۇ پۇلنى ئېلىش ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق تەبىئىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى؛ دەرۋەقە بۇ پۇل مۇقەددەس چېدىردا ئۇلارغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىنلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتتە ئىشلىتىلەتتى (16-ئايەت). خۇدانىڭ بۇيرۇقى بولمىسا خەلقنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايتتى (مەسىلەن، «1تار.» 1:21-5نى كۆرۈڭ).

30:12 چۆل. 1‏:2

30:13 «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە» ــ «شەكەل» كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرامغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن. «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ، مۇقەددەس جايدا ساقلانغان مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.

30:13 لاۋ. 27‏:25؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12

30:16 مىس. 38‏:25

30:23 «500 شەكەل» ــ تەخمىنەن 6 كىلوگرام.

30:24 «بىر ھىن» ــ تەخمىنەن 3.6 لىتر.

30:29 «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» ۋە «مۇقەددەس» ــ مۇقەددەس چېدىردىكى بارلىق جابدۇقلار «ئەڭ مۇقەددەس» ۋە «مۇقەددەس» دەپ بۆلىنىدۇ. «ئەڭ مۇقەددەس» بولغانلارغا تەگكەنلەر شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە «خۇدانىڭكى» دەپ ھېسابلىناتتى (29:30، «لاۋ.» 18:6، 27، «ئەز.» 20:46نىمۇ كۆرۈڭ).

30:32 «ئادەمنىڭ بەدىنىگە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەمنىڭ ئەتلىرىگە». «مۇقەددەس مەسىھلەش مېيى ئادەمنىڭ بەدىنىگە قۇيسا بولمايدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇنى «كاھىنلاردىن باشقىلارغا قۇيسا بولمايدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن «زەبۇر» 2:132گە قارىغاندا، مەسىھلەش مېيى كاھىنلارنى مەسىھلەپ قۇيۇلغاندا ئۇلارنىڭ بەدىنىگە تەگمەي، بەلكى باش كىيىمىدىن ئېقىپ ساقالدىن ئۆتۈپ كىيىم-كېچەكلىرىگە چۈشەتتى.

30:33 «كىمكى... يات بىرسىگە سۈرسە،...» ــ دېمەك، كاھىنلاردىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە. «ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ 12:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

30:34 «دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى» ــ ياكى «ئونىقا» ياكى نامەلۇم بىرخىل ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى. «ئاق دېۋىرقاي» ــ ياكى «گالبانۇم». بۇنىڭ پۇرىقى ئاچچىق بولسىمۇ، دورىلارغا ئىلەشتۈرۈلگەندە ئۇلارنىڭ كۆيۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ خۇش پۇراقلىق قىلىدۇ.