◼5:1 «...ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي» ــ چاچلارنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئۆزى ماتەم تۇتۇشنى بىلدۈرەتتى.
◼5:3 «...تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن» ــ ئىسرائىللارنىڭ تونلىرىنىڭ پېشىدە خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى ئەسلىتىدىغان چۇچىلار بار ئىدى («چۆل.» 38:15-39نى كۆرۈڭ). خۇدا بۇ ئەمرى بىلەن ئەزاكىيالغا: «كىملەر مېنىڭ ئەمرلىرىم ئىچىدە يۈرىدىغان بولسا، مېنىڭ سۆزلىرىم ئۇنى ساقلايدۇ» دېگەندەك ئېيتقان بولسا كېرەك.
◼5:5 «مەن ئۇنى (ئىسرائىلنى) ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ» ــ خۇدانىڭ بۇنىڭدا ئىسرائىلغا بولغان مەقسىتى، «يات ئەللەر» ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى، ھەققانىيلىقىنى، مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسۇن دېگەنلىكتۇر. بىراق ئىسرائىل ئەللەرگە شۇنداق بىر ئۈلگە بولمىدى. ھازىر ئۇلار «يات ئەللەر»گە خۇدانىڭ جازاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە بىر مىسال بولىدۇ.
◘5:7 لاۋ. 18:24،28
◘5:10 لاۋ. 26:29؛ قان. 28:53؛ 2پاد. 6:29؛ يىغ. 4:10
◼5:11 «مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سېنى قىرقىۋېتىمەن» دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەزاكىيالنىڭ سىمۋوللۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىق (1-ئايەت). باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆزۈم ساڭا ئۆرۈلۈپ قارىمايدۇ».
◘5:11 ئەز. 7:4
◼5:12 «شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ... ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن» ــ بۇ ئايەت ئەزاكىيالنىڭ (1-4-ئايەتتىكى) سىمۋوللۇق ھەرىكەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، (1-ئايەتتە) ئەزاكىيال شەھەرگە سالغان «ئوت»، «ۋابا كېسىلى ھەم ئاچارچىلىق»قا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
◘5:12 يەر. 15:2
◼5:13 «رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەسىتىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
◘5:15 قان. 28:37
◼5:16 «... يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتۇۋېتىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نان بولغان ھاساڭ»نى سۇندۇرۇۋېتىمەن»؛ 4-باب، 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
◘5:16 لاۋ. 26:26؛ 2پاد. 6:25؛ يەش. 3:1؛ ئەز. 4:16؛ 14:13
◘5:17 لاۋ. 26:22