16
ۋاپاسىز يېرۇسالېم
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېرۇسالېمنىڭ يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ
رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەسلىي زاتىڭ ۋە تۇغۇلۇشۇڭ قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا بولغان؛ سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى. «...سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى» ــ ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەت ۋە كېيىنكى 1-14-ئايەتلەرنىڭ بەلكىم ئۈچ مۇھىم مەزمۇنى بار: (1) ئىبراھىم ئۆزى ئەسلى قانائاندىكىلەردەك بۇتپەرەس ئادەم ئىدى («يە.» 2:24) ــ خۇدا ئۇنى زور مېھىر-شەپقىتىدىن ئۆزىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئۈچۈن تاللىۋالغان؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ ئوغۇل-قىزلىرى يەرلىك (بۇتپەرەس قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي) قىز-يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان؛ (3) ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە قانائاندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەس يامان ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىناتايىن ئوخشاش بولۇپ كەتكەنىدى. سېنىڭ تۇغۇلۇشۇغا كەلسەك، سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كىندىكىڭ كېسىلمىگەن، سەن سۇدا يۇيۇلۇپ پاكىز قىلىنمىغان؛ ھېچكىم ساڭا تۇز سۈركمىگەن ياكى سېنى زاكىلىمىغان.
ھېچكىمنىڭ كۆزى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ساڭا رەھىم قىلمىغان ياكى ئىچىنى ساڭا ئاغرىتمىغان؛ ئەكسىچە سەن دالاغا تاشلىۋېتىلگەنسەن، چۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كەمسىتىلگەنسەن.
شۇ چاغدا مەن يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنى ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقىنىڭنى كۆرگەن؛ ۋە مەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. بەرھەق، سەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە مەن ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم.
مەن سېنى دالادىكى ئوت-چۆپلەردەك ئاينىتتىم؛ سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ؛ كۆكسىلىرىڭ شەكىللەندى، چاچلىرىڭ ئۈزۈن ئۆستى؛ بىراق سەن تېخى تۇغما-يالىڭاچ ئىدىڭ. «سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ» ــ ئاخىرقى جۈملىگە قارىغاندا، «چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ» دېگەن سۆز كۆكسلىرى ۋە چاچلىرى تولۇق ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەن يەنە يېنىڭدىن ئۆتۈۋېتىپ ساڭا قارىدىم؛ مانا، ئىشق-مۇھەببەت مەزگىلىڭ يېتىپ كەلدى؛ مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم؛ مەن ساڭا قەسەم ئىچىپ، سەن بىلەن بىر ئەھدە تۈزدۇم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ۋە سەن مېنىڭكى بولدۇڭ. «مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم» ــ قەدىمكى زامانلاردا ئەركەك كىشى قىزنىڭ ئۈستىگە كىيىم-كېچىكىنى يېپىشى شۇ قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. «رۇت» 9:3، «قان.» 30:22-ئايەتنى كۆرۈڭ.  يار. 22‏:16؛ 24‏:7 مەن سېنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، قېنىڭنى تېنىڭدىن يۇيۇۋېتىپ، ساڭا پۇراقلىق ماينى سۈرتتۈم. 10 مەن ساڭا كەشتىلىك كۆڭلەكنى كىيگۈزۈپ، ئايىغىڭغا دەلفىن تېرىسىدىن تىككەن كەشلەرنى ساپتىم؛ سېنى نېپىس كاناپ بىلەن ئوراپ، يىپەك بىلەن يېپىپ قويدۇم. 11 سېنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىم، قوللىرىڭغا بىلەزۈكلەرنى، بوينۇڭغا مارجاننى تاقاپ قويدۇم؛ 12 بۇرنۇڭغا ھالقىنى، قۇلاقلىرىڭغا زىرىلەرنى، بېشىڭغا گۈزەل تاجنى كىيگۈزدۇم. 13 شۇنداق قىلىپ سەن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن پەردازلاندىڭ؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭ نېپىس كاپاپ، يىپەك ۋە كەشتىلىك رەختتىن ئىدى. يېگىنىڭ ئاق ئۇن، بال ھەم زەيتۇن مېيى ئىدى؛ سەن ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، خانىش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدۇڭ. 14 گۈزەللىكىڭ تۈپەيلىدىن ئەللەردە داڭقىڭ چىقتى؛ چۈنكى مەن ساڭا كۆركەملىكىمنى بېغىشلىشىم بىلەن گۈزەللىكىڭ كامالەتكە يەتتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 بىراق سەن گۈزەللىكىڭگە تايىنىپ، داڭقىڭدىن پايدىلىنىپ پاھىشە بولدۇڭ؛ سەن ھەربىر ئۆتكۈچى كىشىگە پاھىشە مۇھەببەتلىرىڭنى تۆكتۈڭ؛ گۈزەللىكىڭ ئۇنىڭ بولدى! 16 سەن كىيىم-كېچەكلىرىڭدىن ئېلىپ ئۆزۈڭ ئۈچۈن رەڭگارەڭ بېزەلگەن «يۇقىرى جايلار»نى ياساپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ باقمىغان، ۋە ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ!«يۇقىرى جايلار» ــ بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان جايلار: 3:6-ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
17 سەن مەن ساڭا بېغىشلىغان گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىم ۋە ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. «ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن» ــ «بۇزۇقلۇق» بولسا بۇتقا چوقۇنۇشنى ئىنساننىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقىغا ئوخشىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانائاندىكى بۇتلارغا چوقۇنۇشتەك «دىنىي مۇراسىملار» كۆپ ۋاقىتلاردا شەھۋانىي بۇزۇقلۇق، پاھىشىۋازلىق بىلەن باغلىق ئىدى. 18 سەن ئۆز كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ئۇلارغا كىيگۈزدۈڭ؛ مېنىڭ مېيىم ۋە مېنىڭ خۇشبۇيۇمنى ئۇلارغا سۇنۇپ بېغىشلىدىڭ؛ 19 مەن ئۆزۈڭگە بەرگەن نېنىمنى، مەن ساڭا ئوزۇققا بەرگەن ئاق ئان، زەيتۇن مېيى ۋە بالنى بولسا، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا خۇشپۇراق ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتاپ سۇندۇڭ: ئىشلار دەل شۇنداق ئىدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
20 ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، 21 سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ يەش. 57‏:5
22 سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ. 23 ئەمدى سېنىڭ بۇ رەزىللىكلىرىڭدىن كېيىن ــ (ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار) 24 سەن يەنە ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر پەشتاق قۇرۇپ، ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ؛ «سەن... ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ» ــ پاھىشە ئاياللار بەلكىم كوچىلاردا يۇقىرى بىر جايدا تۇرۇپ «خېرىدارلار»نى چاقىراتتى. مۇشۇ يەردە «يۇقىرى جاي» ئەمدى ئىككى بىسلىق بولۇپ، يەنە «بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار»نى كۆرسىتىدۇ. 25 سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىدا «يۇقىرى جاي»ىڭنى سالدىڭ؛ سەن ئۆز گۈزەللىكىڭنى يىرگىنچلىك قىلىپ، تېنىڭنى ھەربىر ئۆتكۈچىگە تۇتۇپ، پۇتۇڭنى ئېچىپ ئۆزۈڭنى بېرىپ پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. 26 سەن ئىشقۋاز ئەرلىكى چوڭ قوشناڭ بولغان مىسىرلىقلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۈڭ؛ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قوزغاپ، پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. 27 ۋە مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنىڭ نېسىۋەڭنى ئازايتىپ قويدۇم. مەن سېنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان، بۇزۇق يولۇڭدىن نومۇس قىلىپ چۆچىگەنلەرنىڭ، يەنى فىلىستىيلەرنىڭ قىزلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم.2تار. 28‏:18
28 سەن يەنە قانماي يەنە ئاسۇرىيلىكلەر بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۇڭ؛ بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. 29 شۇڭا سەن سودىگەرنىڭ زېمىنى، يەنى كالدىيە بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتىپ، بۇنىڭدىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. 30 مۇشۇنداق بارلىق ئىشلارنى، يەنى نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئىشلىرىنى قىلىسەن، نېمانچە سۇيۇق سېنىڭ قەلبىڭ! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، 31 ئۆزۈڭنىڭ پەشتىقىڭنى ھەر كوچىنىڭ بېشىدا قۇرىدىغان، ھەربىر مەيداندا «يۇقىرى جاي»ىڭنى ياسايدىغان! ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن پاھىشە ئايالدەك ئەمەس ئىدىڭ، چۈنكى سەن ھەقنى نەزىرىڭگە ئالمايتتىڭ!
32 ئى ۋاپاسىز ئايال، ئېرىنىڭ ئورنىدا يات ئادەملەرگە كۆڭۈل بېرىدىغان! 33 خەقلەر پاھىشە ئايالغا ھەمىشە ھەق بېرىدۇ؛ بىراق سەن ئاشنىلىرىڭنى بۇزۇقلۇق مۇھەببەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا ھەرياندىن يېنىڭغا كەلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۈستەك بېرىپ ئىنئام قىلىسەن؛ 34 بۇزۇقلۇقتا سەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەكسىسەن، چۈنكى ھېچكىم سېنىڭ بۇزۇق مۇھەببىتىڭنى ئىزدەپ كەلمىدى؛ سەن ئۈستەك بەردىڭ، ھېچ ھەق ساڭا بېرىلمىدى ــ سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەكسىسەن!
35 شۇڭا، ئى پاھىشە ئايال، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا!
36 ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ تەڭگىلىرىڭ تۆكۈلۈپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئۇيات يېرىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارلىق يىرگىنچلىك مەبۇدلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا ئاتاپ سۇنغان بالىلىرىڭنىڭ قېنى تۈپەيلىدىن ــ
37 شۇڭا مانا، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەيش-ئىشرەت مەنبەسى قىلغان، بارلىق سۆيگەن ھەم بارلىق نەپرەتلەنگەن ئاشنىلىرىڭنى يىغىمەن ــ مەن ئۇلارنى ساڭا قارشى چىقىرىپ ئەتىراپىڭدىن يىغىپ، سېنىڭ ئۇيات يېرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارە قىلىمەن، ئۇلار سېنىڭ بارلىق ئۇيات يېرىڭنى كۆرىدۇ. 38 شۇنىڭ بىلەن سېنى بۇزۇقلۇق قىلغان ھەم قان تۆككەن ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن؛ مەن قەھر بىلەن، ئوتتەك غەزىپىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈستۈڭگە قانلىق جازانى چۈشۈرىمەن؛ 39 ۋە مەن سېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ پەشتاقلىرىڭنى غۇلىتىدۇ، سېنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىڭنى چېقىپ تاشلايدۇ؛ ئۇلار كىيىم-كېچىكىڭنى ئۈستۈڭدىن سالدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلاپ-تالاپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرىدۇ. 40 ئۇلار ساڭا قارشى بىر توپ كىشىلەرنى يىغىپ ئېپكېلىدۇ، ئۇلار سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ ھەم سېنى قىلىچلىرى بىلەن چېپىۋېتىدۇ. 41 ئۇلار ئۆيلىرىڭنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىدۇ، كۆپ ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۈستۈڭگە جازالارنى چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى پاھىشە ئايال بولۇشتىن قالدۇرىمەن؛ سەن يەنە ھېچقانداق «مۇھەببەت ھەققى»نى بەرمەيسەن. 2پاد. 25‏:9؛ يەر. 52‏:13
42 شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا قاراتقان قەھرىمنى توختىتىمەن، مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ سەندىن كېتىدۇ؛ مەن تىنچلىنىپ قايتا ئاچچىقلانمايمەن. «مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ ھەسىتىم». 43 سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن.«...بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا نەپرەتلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟»  ئ‍ەز. 9‏:10؛ 11‏:21؛ لاۋ. 19‏:29
 
يېرۇسالېم، سامارىيە ۋە سودوم
44 مانا، ماقاللارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەن توغرۇلۇق: «ئانىسى قانداق بولسا، قىزى شۇنداق بولار» دېگەن بىر ماقالنى تىلغا ئالىدۇ. 45 سەن ئۆز ئېرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاناڭنىڭ قىزىدۇرسەن؛ ھەم ئۆز ئەرلىرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ ئارىلىقىدىكىسەن؛ سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى. «سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى» ــ 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك: ــ ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەت ۋە كېيىنكى -1-14ئايەتلەرنىڭ بەلكىم ئۈچ مۇھىم مەزمۇنى بار: (1) ئىبراھىم ئۆزى ئەسلى قانائاندىكىلەردەك بۇتپەرەس ئادەم ئىدى («يە.» 2:24) ــ خۇدا ئۇنى زور مېھىر-شەپقىتىدىن ئۆزىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئۈچۈن تاللىۋالغان؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ ئوغۇل-قىزلىرى يەرلىك (بۇتپەرەس قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي) قىز-يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان؛ (3) ئىسرائىل قەنئان زېمىنىغا كىرگەندە قەنئاندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەس يامان ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىناتايىن ئوخشاش بولۇپ كەتكەنىدى. 46 سېنىڭ ئاچاڭ بولسا سول تەرىپىڭدە تۇرغان سامارىيە، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛ سىڭلىڭ بولسا ئوڭ تەرىپىڭدە تۇرغان سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى.
47 سەن نە ئۇلارنىڭ يوللىرىدىدا ماڭمىغان، نە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلمىغانسەن؛ ياق! بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ. «بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاز دەپ، سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ». 48 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى؛ «سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى» ــ بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىبراھىمنىڭ دەۋرىدە سودوم شەھىرى ئەسلى بەچچىۋازلىق گۇناھى ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان. 49 مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى. «مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى» ــ بۇ ئايەت سودومنىڭ بەچچىۋازلىقىدىكى ئاساسىي گۇناھلىرىنى كۆرسىتىپ، بۈگۈنكى كۆپ باي دۆلەتلەرگە ياكى باي ئادەملەرگە چوڭقۇر ئاگاھ بېرىدۇ.  يار. 18‏:20-21؛ 19؛ ئام. 5‏:12 50 ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى؛ مەن بۇنى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى يوقاتتىم.يار. 19‏:24
51 سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى؛ ھالبۇكى، سەن بولساڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئاۋۇتۇپ قىلدىڭ؛ شۇنداق قىلىپ سەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاچا-سىڭلىڭنى خۇددى ھەققانىيدەك كۆرۈندۈرگەنىدىڭ. «سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى..» ــ «سامارىيە» مۇشۇ يەردە «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئون قەبىلىلىك «شىمالىي پادىشاھلىق»ىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن خۇدا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلدا ئۇلارنى جازالاپ سۈرگۈن قىلدى. 52 سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛ ئەمدى سەنمۇ، ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! سېنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ نەپرەتلىك گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلار سەندىن ھەققانىي كۆرۈنىدۇ؛ شۇڭا سەنمۇ ئاچا-سىڭلىڭنى ھەققانىي كۆرسەتكىنىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قېلىپ شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر!«سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ياخشى بىر ھۆكۈم چىقارغۇچى بولۇپ قالدىڭ؛...» ــ دېمەك، «ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىڭغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئادىل دەپ كۆرسەتتىڭ». بىراق 56-ئايەت بىزنىڭ تەرجىمىمىزنى قوللايدۇ، دەپ قارايمىز.
53 ۋە مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن، سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكتىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن.. چىقىرىپ، ... ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ سودوم شەھىرى ئەسلى «ئۆلۈك دېڭىز» بويىدا ئىدى. «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 537-يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن ئاھالىلىك بولدى. سودوم شەھىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى دەل قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. «... سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ بۇ بېشارەت بەلكىم پارس ئىمپېراتورى قورەشنىڭ بابىل ئىمپېرىيەسى سۈرگۈن قىلغان خەلقلەرنى ئازاد قىلىشلىرى بىلەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) قىسمەن باشلانغان؛ كەلگۈسىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز: 37-بابتا، «يەھۇدا» ۋە «ئىسرائىل»نىڭ يېڭىدىن «بىر خەلق» بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت بار. 54 شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە، سەن ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرىسەن، سېنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قالىسەن. «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە...» ــ بۇ تەسەللى بولسا ئەللەرنىڭ قالغانلىرىنىڭ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمغا چۈشۈرۈلگەن جازانى كۆرۈپ «بىز يامانلىق قىلدۇق، بىراق ئۇلار بىزدىن تېخىمۇ يامان قىلدى، تېخىمۇ ئېغىر جازانى كۆرىدۇ» دەپ تاپقان تەسەللىسى بولۇشى كېرەك. 55 سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، سودوم ھەم قىزلىرى ئەسلى ھالىغا، سامارىيە ھەم قىزلىرىمۇ ئەسلى ھالىغا كېلىدۇ؛ سەنمۇ ۋە سېنىڭ قىزلىرىڭ ئەسلىي ھالىڭلارغا كېلىسىلەر. 56‏-57 سېنىڭ رەزىللىكىڭ پاش قىلىنماي، تەكەببۇرلۇقتا يۈرگەن كۈنۈڭدە، سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟ ئەمدى ھازىر سەن ئۆزۈڭ سۇرىيە قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەمدە فىلىستىيە قىزلىرى، يەنى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالدىڭ.«سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىڭلىڭ سودومنى ھەتتا تىلىڭغا ئالمايتتىڭ».  يەش. 9‏:10-16
58 سەن بۇزۇقلۇقۇڭ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 59 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ «ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە...» ــ «ئەھدە» شۈبھىسىزكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدە («مىس.» 19-20-بابنى كۆرۈڭ). 60 ھالبۇكى، مەن سېنىڭ بىلەن ياشلىق كۈنلىرىڭدە تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن، ھەم سەن بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن. 61 شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭدىن چوڭ ئاچىلىرىڭ ھەمدە سېنىڭدىن كىچىك سىڭىللىرىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭدا، سەن يوللىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجالەتكە قالىسەن؛ چۈنكى مۇشۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭنى ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ. «...چۈنكى مۇشۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭنى ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ» ــ ئاخىرقى زاماندا ئىسرائىل خەلقى كۆپ ئەللەرگە خۇدانىڭ يولىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى بىر ئۈلگە بولىدۇ. بۇ ئىشلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق «كونا ئەھدە» بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇلار بىلەن يېڭى «مەڭگۈلۈك ئەھدە»سى بىلەن بولىدۇ. 62 مەن ئۆز ئەھدەمنى سەن بىلەن تۈزىمەن، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن؛ 63 شۇنىڭ بىلەن سېنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا، سەن قىلمىشلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجىل بولۇپ، شەرمەندىلىكىڭ تۈپەيلىدىن قايتىدىن ئاغزىڭنى ھېچ ئاچمايسەن.» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
 
 

16:3 «...سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى» ــ ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەت ۋە كېيىنكى 1-14-ئايەتلەرنىڭ بەلكىم ئۈچ مۇھىم مەزمۇنى بار: (1) ئىبراھىم ئۆزى ئەسلى قانائاندىكىلەردەك بۇتپەرەس ئادەم ئىدى («يە.» 2:24) ــ خۇدا ئۇنى زور مېھىر-شەپقىتىدىن ئۆزىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئۈچۈن تاللىۋالغان؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ ئوغۇل-قىزلىرى يەرلىك (بۇتپەرەس قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي) قىز-يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان؛ (3) ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە قانائاندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەس يامان ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىناتايىن ئوخشاش بولۇپ كەتكەنىدى.

16:7 «سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ» ــ ئاخىرقى جۈملىگە قارىغاندا، «چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ» دېگەن سۆز كۆكسلىرى ۋە چاچلىرى تولۇق ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

16:8 «مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم» ــ قەدىمكى زامانلاردا ئەركەك كىشى قىزنىڭ ئۈستىگە كىيىم-كېچىكىنى يېپىشى شۇ قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. «رۇت» 9:3، «قان.» 30:22-ئايەتنى كۆرۈڭ.

16:8 يار. 22‏:16؛ 24‏:7

16:16 «يۇقىرى جايلار» ــ بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان جايلار: 3:6-ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

16:17 «ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن» ــ «بۇزۇقلۇق» بولسا بۇتقا چوقۇنۇشنى ئىنساننىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقىغا ئوخشىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قانائاندىكى بۇتلارغا چوقۇنۇشتەك «دىنىي مۇراسىملار» كۆپ ۋاقىتلاردا شەھۋانىي بۇزۇقلۇق، پاھىشىۋازلىق بىلەن باغلىق ئىدى.

16:21 يەش. 57‏:5

16:24 «سەن... ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ» ــ پاھىشە ئاياللار بەلكىم كوچىلاردا يۇقىرى بىر جايدا تۇرۇپ «خېرىدارلار»نى چاقىراتتى. مۇشۇ يەردە «يۇقىرى جاي» ئەمدى ئىككى بىسلىق بولۇپ، يەنە «بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار»نى كۆرسىتىدۇ.

16:27 2تار. 28‏:18

16:41 2پاد. 25‏:9؛ يەر. 52‏:13

16:42 «مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنىڭ ھەسىتىم».

16:43 «...بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا نەپرەتلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟»

16:43 ئ‍ەز. 9‏:10؛ 11‏:21؛ لاۋ. 19‏:29

16:45 «سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى» ــ 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك: ــ ئىسرائىلنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ۋە ئايالى ساراھ، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەت ۋە كېيىنكى -1-14ئايەتلەرنىڭ بەلكىم ئۈچ مۇھىم مەزمۇنى بار: (1) ئىبراھىم ئۆزى ئەسلى قانائاندىكىلەردەك بۇتپەرەس ئادەم ئىدى («يە.» 2:24) ــ خۇدا ئۇنى زور مېھىر-شەپقىتىدىن ئۆزىنىڭ ئادىمى بولۇشى ئۈچۈن تاللىۋالغان؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئىسرائىل قانائان زېمىنىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ ئوغۇل-قىزلىرى يەرلىك (بۇتپەرەس قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي) قىز-يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان؛ (3) ئىسرائىل قەنئان زېمىنىغا كىرگەندە قەنئاندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەس يامان ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا ئىناتايىن ئوخشاش بولۇپ كەتكەنىدى.

16:47 «بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاز دەپ، سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ».

16:48 «سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى» ــ بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىبراھىمنىڭ دەۋرىدە سودوم شەھىرى ئەسلى بەچچىۋازلىق گۇناھى ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان.

16:49 «مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى» ــ بۇ ئايەت سودومنىڭ بەچچىۋازلىقىدىكى ئاساسىي گۇناھلىرىنى كۆرسىتىپ، بۈگۈنكى كۆپ باي دۆلەتلەرگە ياكى باي ئادەملەرگە چوڭقۇر ئاگاھ بېرىدۇ.

16:49 يار. 18‏:20-21؛ 19؛ ئام. 5‏:12

16:50 يار. 19‏:24

16:51 «سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى..» ــ «سامارىيە» مۇشۇ يەردە «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئون قەبىلىلىك «شىمالىي پادىشاھلىق»ىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن خۇدا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلدا ئۇلارنى جازالاپ سۈرگۈن قىلدى.

16:52 «سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ياخشى بىر ھۆكۈم چىقارغۇچى بولۇپ قالدىڭ؛...» ــ دېمەك، «ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىڭغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئادىل دەپ كۆرسەتتىڭ». بىراق 56-ئايەت بىزنىڭ تەرجىمىمىزنى قوللايدۇ، دەپ قارايمىز.

16:53 «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن.. چىقىرىپ، ... ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ سودوم شەھىرى ئەسلى «ئۆلۈك دېڭىز» بويىدا ئىدى. «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 537-يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن ئاھالىلىك بولدى. سودوم شەھىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى دەل قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. «... سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ بۇ بېشارەت بەلكىم پارس ئىمپېراتورى قورەشنىڭ بابىل ئىمپېرىيەسى سۈرگۈن قىلغان خەلقلەرنى ئازاد قىلىشلىرى بىلەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) قىسمەن باشلانغان؛ كەلگۈسىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز: 37-بابتا، «يەھۇدا» ۋە «ئىسرائىل»نىڭ يېڭىدىن «بىر خەلق» بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت بار.

16:54 «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە...» ــ بۇ تەسەللى بولسا ئەللەرنىڭ قالغانلىرىنىڭ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمغا چۈشۈرۈلگەن جازانى كۆرۈپ «بىز يامانلىق قىلدۇق، بىراق ئۇلار بىزدىن تېخىمۇ يامان قىلدى، تېخىمۇ ئېغىر جازانى كۆرىدۇ» دەپ تاپقان تەسەللىسى بولۇشى كېرەك.

16:56‏-57 «سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىڭلىڭ سودومنى ھەتتا تىلىڭغا ئالمايتتىڭ».

16:56‏-57 يەش. 9‏:10-16

16:59 «ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە...» ــ «ئەھدە» شۈبھىسىزكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدە («مىس.» 19-20-بابنى كۆرۈڭ).

16:61 «...چۈنكى مۇشۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭنى ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ» ــ ئاخىرقى زاماندا ئىسرائىل خەلقى كۆپ ئەللەرگە خۇدانىڭ يولىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى بىر ئۈلگە بولىدۇ. بۇ ئىشلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق «كونا ئەھدە» بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۇلار بىلەن يېڭى «مەڭگۈلۈك ئەھدە»سى بىلەن بولىدۇ.