◘25:2 يەر. 49:1؛ ئام. 1:14-15
◼25:6 «سەن چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن ئىسرائىل زېمىنىغا خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن... ــ مۇشۇ يەردە «چاۋاك چېلىش» ۋە «پۇتنى تىپچەكلىتىش» ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
◼25:7 «ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن...» ــ بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى رابباھ شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. كېيىن «ناباتىيلىق» ئەرەبلەر شەرق تەرىپىدىن كېلىپ ئاممون زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى.
◘25:8 يەر. 49:1-47
◘25:10 ئەز. 21:37
◼25:11 «موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ» ــ بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 582-يىلى موئابنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. كېيىن «ناباتىيلىق» ئەرەبلەر شەرق تەرىپىدىن كېلىپ موئاب زېمىننى ئىگىلىۋالدى.
◼25:14 «مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ...» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 120-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ يېتەكچىسى يۇھاننا خىركانۇس ئېدومغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارغا «توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارغا ئىشىنىڭلار، ياكى قىلىچىمدا ئۆلۈڭلار» دېگەن تاللاش يولىنى بەردى.
◼25:17 «مەن ئۇلارنىڭ (فىلىستىيلەرنىڭ) ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن» ــ فىلىستىيلەر ئاۋۋال بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن ئازاب كۆردى؛ ئاندىن گرېك ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى؛ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 148-146-يىللاردا ئۇلار يەھۇدىيلار تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئىشغال قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى «پەلەستىنلىكلەر»نىڭ بىر قىسمى.