31
ئاسۇرىيە قانداق بولغان بولسا، مىسىر شۇنداق بولىدۇ
ئون بىرىنچى يىلى، ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟«ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» ــ خۇدانىڭ بۇ سوئالى «كىممۇ سەن بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ؟» دېگەنگە ئوخشىغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە شۇنداق مەنىدە ئەمەس. 3-14-ئايەتلەردىن قارىغاندا، خۇدانىڭ مىسىرغا ئېيتقان سۆزى «سەن ئاسۇرىيەدىن ھېچ بۈيۈك ئەمەسسەن، ئاسۇرىيەگە ئوخشاش يەرنىڭ تېگىگىچە تۆۋەن قىلىنىسەن» دېگەنگە باراۋەر.
مانا، ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇچى بۇلۇتلارغا تاقاشقانىدى؛ «ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى...» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى بۇ بېشارەتتىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى بابىل تەرىپىدىن ھالاك بولغان.  دان. 4‏:7 سۇلار ئۇنى يوغان قىلىپ، چوڭقۇر بۇلاقلار ئۇنى ئېگىز قىلىپ ئۆستۈرگەندى؛ ئېرىقلىرى ئۇنىڭ تۈۋىدىن، ئەتراپىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇلار ئۆز ئۆستەڭلىرىنى دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگىچە ئەۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىخلانغان ۋاقىتتا، مول سۇلار بىلەن ئېگىزلىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز بولغان، ئۇنىڭ شاخلىرى كۆپەيگەن ۋە شاخچىلىرى ئۇزۇن بولغان؛ ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلىغان، شاخچىلىرى ئاستىدا دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بالىلىغان؛ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا بارلىق ئۇلۇغ ئەللەر ياشىغان.دان. 4‏:9
شۇنداق بولۇپ ئۇنىڭ شاخلىرى كېڭىيىپ، ئۇ بۈيۈكلۈكىدە گۈزەللەشكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزلىرى مول سۇلارغا يەتكەن. خۇدانىڭ باغچىسىدىكى كېدىر دەرەخلەرمۇ ئۇنى توسالمايتتى؛ قارىغايلار ئۇنىڭ شاخلىرىدەك، چىنار دەرەخلىرى ئۇنىڭ شاخچىلىرىدەكمۇ كەلمەيتتى؛ خۇدانىڭ باغچىسىدىكى ھېچقانداق دەرەخ گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. يار. 2‏:8 مەن ئۇنى شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گۈزەل قىلغانمەن؛ خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغان بارلىق دەرەخلەر، يەنى ئېرەمدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭدىن ھەسەت قىلغانىدى.
10 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، «چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتنىڭ شەكلى: «چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن...».
شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسى (سەن... تۈپەيلىدىن..) مىسىرغا ئېيتىلغان. بىراق جۈملە مۇشۇ ئايەتتە تۈگىمەيدۇ؛ مىسىرنى كۆرسەتكەن بولسا پەقەت 18-ئايەتكە كەلگەندە تۈگىشى كېرەك. 11-18-ئايەتلەر يەنىلا ئاسۇرىيەگە ئېيتىلغان.
11 ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. 12 يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. ئ‍ەز. 28‏:7؛ 30‏:11 13 ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ.
14 بۇنىڭ مەقسىتى، سۇلاردىن سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرمىسۇن، ياكى ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرمىسۇن، ياخشى سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە بېكىتىلگەن ــ يەرنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ، ئۆلىدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ قاتارىدىدۇر.
15 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. 16 مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. «مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە... ... ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان» ــ دېمەك، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن ئىلگىرى غۇلىغان ئىمپېرىيەلەر ئاسۇرىيەنىڭ غۇلاپ كېتىشىگە قاراپ «بىزدىن ئۇلۇغ بولغان ئىمپېرىيەمۇ دەرۋەقە غۇلىدى» دەپ تەسەللى تاپىدۇ.  يەش. 14‏:9 17 ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن.«ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ... ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» ــ «...قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، رەسمىي دەپنە قىلىنماي تەھتىسارادا پەس دەپ قارالغان، ياكى بولمىسا تەھتىسارادا ئەڭ تۆۋەن جايدا تۇرىدىغان. ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇدا پىرەۋن، مىسىر ۋە قوشۇنلىرىنىڭ رەسمىي دەپنە قىلىنماسلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن رەنجىگەنلىكىنى باشقا ئەللەرگە كۆرسىتىدۇ.
18 قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن مىسىرغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ بىراق سەنمۇ ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەر بىلەن تەڭ يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلىسەن؛ سەن خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە ياتىسەن؛ مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.«قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن مىسىرغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ .... مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر» ــ بېشارەتنىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى، يەنى 18-ئايەت مىسىر ۋە پادىشاھى پىرەۋنگە ئېيتىلىدۇ. ئىلگىرىكى 2-17-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ مىسىرنىڭ ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.  ئ‍ەز. 28‏:10
 
 

31:2 «ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» ــ خۇدانىڭ بۇ سوئالى «كىممۇ سەن بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ؟» دېگەنگە ئوخشىغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە شۇنداق مەنىدە ئەمەس. 3-14-ئايەتلەردىن قارىغاندا، خۇدانىڭ مىسىرغا ئېيتقان سۆزى «سەن ئاسۇرىيەدىن ھېچ بۈيۈك ئەمەسسەن، ئاسۇرىيەگە ئوخشاش يەرنىڭ تېگىگىچە تۆۋەن قىلىنىسەن» دېگەنگە باراۋەر.

31:3 «ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى...» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى بۇ بېشارەتتىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى بابىل تەرىپىدىن ھالاك بولغان.

31:3 دان. 4‏:7

31:6 دان. 4‏:9

31:8 يار. 2‏:8

31:10 «چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتنىڭ شەكلى: «چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن...». شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسى (سەن... تۈپەيلىدىن..) مىسىرغا ئېيتىلغان. بىراق جۈملە مۇشۇ ئايەتتە تۈگىمەيدۇ؛ مىسىرنى كۆرسەتكەن بولسا پەقەت 18-ئايەتكە كەلگەندە تۈگىشى كېرەك. 11-18-ئايەتلەر يەنىلا ئاسۇرىيەگە ئېيتىلغان.

31:12 ئ‍ەز. 28‏:7؛ 30‏:11

31:16 «مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە... ... ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان» ــ دېمەك، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن ئىلگىرى غۇلىغان ئىمپېرىيەلەر ئاسۇرىيەنىڭ غۇلاپ كېتىشىگە قاراپ «بىزدىن ئۇلۇغ بولغان ئىمپېرىيەمۇ دەرۋەقە غۇلىدى» دەپ تەسەللى تاپىدۇ.

31:16 يەش. 14‏:9

31:17 «ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ... ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» ــ «...قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، رەسمىي دەپنە قىلىنماي تەھتىسارادا پەس دەپ قارالغان، ياكى بولمىسا تەھتىسارادا ئەڭ تۆۋەن جايدا تۇرىدىغان. ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇدا پىرەۋن، مىسىر ۋە قوشۇنلىرىنىڭ رەسمىي دەپنە قىلىنماسلىقى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن رەنجىگەنلىكىنى باشقا ئەللەرگە كۆرسىتىدۇ.

31:18 «قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن مىسىرغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ .... مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر» ــ بېشارەتنىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى، يەنى 18-ئايەت مىسىر ۋە پادىشاھى پىرەۋنگە ئېيتىلىدۇ. ئىلگىرىكى 2-17-ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ مىسىرنىڭ ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.

31:18 ئ‍ەز. 28‏:10