41
مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي •••• سخېمىلارنى كۆرۈڭ
ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى. كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى.
ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ ئىككى تەرەپتىكى توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى. «ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ... كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز...» ــ ئالىملارنىڭ بۇ 3-1 ئايەتتتىكى ئۆلچەملەر توغرۇلۇق باشقا-باشقا چۈشىنىشلىرى بار. سخېمىلىرىمىزنى كۆرۈڭ. ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى.«ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، ... ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى» ــ ئەزاكىيال كاھىن بولۇپ، «مۇقەددەس جاي»غا كىردى. بىراق «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرمىدى؛ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە پەقەت «باش كاھىن» «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرىشكە ھوقۇقلۇق ئىدى.
 
«مۇقەددەسخانا»غا يانداش كىچىك خانىلار
ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى. يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى. يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى.«مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن» ــ مۇشۇ «قۇرۇلۇش» دېگەن سۆز پۈتكۈل «مۇقەددەس كىتاب»تا پەقەت بىر قېتىملا تېپىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەنىسىنى بېكىتىش تەس. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، ئۇ «كارىدور» ياكى «پەلەمپەي» دېگەن مەنىدە.
مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى. «ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، «چوڭ گەز» «بىر گەزگە قوشۇلغان بىر ئالىقان» (525 مىللىمېتر ئەتراپىدا) (5:40نى كۆرۈڭ). 9‏-10 يېنىدىكى خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار بىلەن كاھىنلارنىڭ ھۇجرىلىرى ئارىلىقىدىكى بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ بۇ بوش يەر مۇقەددەسخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى. 11 يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى.
12 غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى.«بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى... ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى» ــ بۇ بىنانىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى «ئىچكى كەڭلىكى» ۋە «ئىچكى ئۇزۇنلۇقى»نى كۆرسەتسە كېرەك. سخېمىمىزدا شۇنداق قىياس قىلىمىز. باشقا ئىمكانىيىتىمۇ سخېمىمىزدا كۆرسىتىلىدۇ.
ئالىملار بىنانىڭ قايسى يۆلىنىشتە (توعرىسىغا، ئۇزۇنىسىغا) ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ئىككى پىكىردە بار.
 
ئىبادەتخانىنىڭ يەنە بەزى تەپسىلاتلىرى
13 ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. 14 مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. «شەرققە جايلاشقان ھويلىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا « شەرققە جايلاشقان بوش يەر». 15‏-16 ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ كەينىدىكى بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ كەڭلىكىنى، جۈملىدىن ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى كارىدورنى ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى بىلەن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ى ۋە سىرتقا قارايدىغان دالىنى بولسا، ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇنىڭ بوسۇغىلىرى، ئىچىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئەتراپىدىكى روجەكلىرى ھەم دەھلىزلىرى بولسا، بوسۇغىسىدىن تارتىپ ھەممە يەر، پولدىن دېرىزىلەرگىچە ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن (دېرىزىلەر ئۆزى روجەكلىك ئىدى).
17‏-18 دالاندىن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غىچە بولغان تورۇس، ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىنىڭ ھەممە يېرى كېرۇب ۋە پالما دەرەخلىرى بىلەن ئۆلچەملىك نەقىشلەنگەنىدى. ھەر ئىككى كېرۇب ئارىسىدا بىر پالما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى؛ ھەربىر كېرۇبنىڭ ئىككى يۈزى بار ئىدى. «ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»» ــ دېمەك، «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي». 19 كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ ئىچكى ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛ 20 دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان.
21 «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى.
22 «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى.««مۇقەددەس جاي»نىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان...» ــ بۇ «قۇربانگاھ» بەلكىم قۇربانلىقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا «مۇقەددەس نان» قويۇلۇش ئۈچۈن ياسىلىدۇ؛ چۈنكى ئاخىرىدا «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» دېيىلىدۇ.
23 مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى. 24 ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى. 25 ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى. 26 دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى.
 
 

41:3 «ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ... كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز...» ــ ئالىملارنىڭ بۇ 3-1 ئايەتتتىكى ئۆلچەملەر توغرۇلۇق باشقا-باشقا چۈشىنىشلىرى بار. سخېمىلىرىمىزنى كۆرۈڭ.

41:4 «ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، ... ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى» ــ ئەزاكىيال كاھىن بولۇپ، «مۇقەددەس جاي»غا كىردى. بىراق «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرمىدى؛ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە پەقەت «باش كاھىن» «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرىشكە ھوقۇقلۇق ئىدى.

41:7 «مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن» ــ مۇشۇ «قۇرۇلۇش» دېگەن سۆز پۈتكۈل «مۇقەددەس كىتاب»تا پەقەت بىر قېتىملا تېپىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەنىسىنى بېكىتىش تەس. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، ئۇ «كارىدور» ياكى «پەلەمپەي» دېگەن مەنىدە.

41:8 «ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، «چوڭ گەز» «بىر گەزگە قوشۇلغان بىر ئالىقان» (525 مىللىمېتر ئەتراپىدا) (5:40نى كۆرۈڭ).

41:12 «بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى... ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى» ــ بۇ بىنانىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى «ئىچكى كەڭلىكى» ۋە «ئىچكى ئۇزۇنلۇقى»نى كۆرسەتسە كېرەك. سخېمىمىزدا شۇنداق قىياس قىلىمىز. باشقا ئىمكانىيىتىمۇ سخېمىمىزدا كۆرسىتىلىدۇ. ئالىملار بىنانىڭ قايسى يۆلىنىشتە (توعرىسىغا، ئۇزۇنىسىغا) ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ئىككى پىكىردە بار.

41:14 «شەرققە جايلاشقان ھويلىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا « شەرققە جايلاشقان بوش يەر».

41:17‏-18 «ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»» ــ دېمەك، «مۇقەددەس جاي» ۋە «ئەڭ مۇقەددەس جاي».

41:22 ««مۇقەددەس جاي»نىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان...» ــ بۇ «قۇربانگاھ» بەلكىم قۇربانلىقلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا «مۇقەددەس نان» قويۇلۇش ئۈچۈن ياسىلىدۇ؛ چۈنكى ئاخىرىدا «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» دېيىلىدۇ.