46
«شابات كۈن»لىرى ۋە «يېڭى ئاي»لار
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ. «شابات كۈنى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شابات كۈنى» شەنبە كۈنى، دەم ئېلىش كۈنىدۇر. شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ. زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ.
شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ. بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ.
«يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ. بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ.
زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ. 10 خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ.
11 ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 12 شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ.
 
13 ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن. 14 ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 15 ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ.
 
مىراسلار توغرۇلۇق بەزى بەلگىلىمىلەر
16 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ. 17 بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ شاھزادىنىڭ مىراسى ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ. «خالاس قىلىش يىلى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، «خالاس قىلىش يىلى» ياكى «بۇرغا چېلىش يىلى» ھەر 49 يىلدا بىر بولىدۇ، ئاشۇ يىلىدا ھەر ئادەمنىڭ قەرزى خالاس قىلىنىدۇ، باشقىلارغا سېتىلغان مىراس-زېمىنلار ئۆز ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرۇلىدۇ. («لاۋ.» 25-بابنى كۆرۈڭ). 18 ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ.
 
كاھىنلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئالغان گۆشنى پىشۇرۇشى
19 ئاندىن ھېلىقى كىشى مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛ 20 ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ ئاشلارنى سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ. «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر... خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ ئاشلارنى سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، كاھىنلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن سىرت، ھەرخىل قۇربانلىقلاردىن ۋە «ھەدىيە»لەردىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ يېيىش ھوقۇقى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ رەسمىي كىرىمى بولمىغاچقا، بۇ ئۈلۈشلەر ئۇلارنىڭ جېنىنى باقاتتى. خەلق قۇربانلىقلىرى ۋە ئۈلۈشلىرىنى خۇداغا ئاتاپ سۇنغاندىن كېيىن، «مۇقەددەس» دەپ ھېسابلىنىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۇلارنى يېيىشى ياكى ئۇلارغا تېگىشى مەنئى قىلىنغان. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىمۇ بۇ قۇربانلىقلار ئۈستىدە توختىلىمىز. 21 ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا كىچىك ھويلا بار ئىدى. 22 ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى. 23 بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان ئوت قالايدىغان جايلىرى بار ئىدى.
24 ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى.«مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ ــ «قۇربانلىقلارنى قاينىتىش» توغرۇلۇق «لاۋ.» 31:7-36، 31:8-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ خەلق ئاپارغان «ئىناقلىق قۇربانلىقى»لار، «گۇناھ قۇربانلىقى»لار ۋە «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»لاردىن پارچە گۆش ئېلىپ يېيىش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقنى سويۇپ سۇنۇشىدىكى «ئىش ھەققى» ئىدى.  
 
 

46:1 «شابات كۈنى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شابات كۈنى» شەنبە كۈنى، دەم ئېلىش كۈنىدۇر.

46:17 «خالاس قىلىش يىلى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، «خالاس قىلىش يىلى» ياكى «بۇرغا چېلىش يىلى» ھەر 49 يىلدا بىر بولىدۇ، ئاشۇ يىلىدا ھەر ئادەمنىڭ قەرزى خالاس قىلىنىدۇ، باشقىلارغا سېتىلغان مىراس-زېمىنلار ئۆز ئىگىسى ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا قايتۇرۇلىدۇ. («لاۋ.» 25-بابنى كۆرۈڭ).

46:20 «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر... خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ ئاشلارنى سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، كاھىنلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن سىرت، ھەرخىل قۇربانلىقلاردىن ۋە «ھەدىيە»لەردىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ يېيىش ھوقۇقى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ رەسمىي كىرىمى بولمىغاچقا، بۇ ئۈلۈشلەر ئۇلارنىڭ جېنىنى باقاتتى. خەلق قۇربانلىقلىرى ۋە ئۈلۈشلىرىنى خۇداغا ئاتاپ سۇنغاندىن كېيىن، «مۇقەددەس» دەپ ھېسابلىنىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۇلارنى يېيىشى ياكى ئۇلارغا تېگىشى مەنئى قىلىنغان. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىمۇ بۇ قۇربانلىقلار ئۈستىدە توختىلىمىز.

46:24 «مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ ــ «قۇربانلىقلارنى قاينىتىش» توغرۇلۇق «لاۋ.» 31:7-36، 31:8-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. لاۋىيلار ۋە كاھىنلارنىڭ خەلق ئاپارغان «ئىناقلىق قۇربانلىقى»لار، «گۇناھ قۇربانلىقى»لار ۋە «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»لاردىن پارچە گۆش ئېلىپ يېيىش ھوقۇقى بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقنى سويۇپ سۇنۇشىدىكى «ئىش ھەققى» ئىدى.