ئەزرا
1
پادىشاھ قورەشنىڭ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا يارلىق چۈشۈرۈشى
2تار. 36‏:23،22؛ يەر. 25‏:12؛ 29‏:10؛ دان. 9‏:2
پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ
«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. «يەھۇدا زېمىنى» ــ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «يەھۇدىيە» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغانلاردىن ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمغا چىقسۇن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالسۇن! ئۇ بولسا خۇدادۇر، ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر! سۈرگۈنلۈكتە قالغان خەلق قەيەرلەردە ماكانلاشقان بولسا، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقسۇن؛ شۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش، مال-مۈلۈك، چارپايلارنى تەمىنلەپ ياردەم بەرسۇن ۋە شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا جايلاشقان خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلسۇن» ــ دېدى. «قالغان خەلق» ــ ئىمپېرىيەدە تىرىك قالغان يەھۇدىي خەلقى.
 
قايتىشقا تەييارلىنىش
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى قەبىلە باشلىقلىرى، كاھىنلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا تەرىپىدىن روھى قوزغىتىلغان بارلىق خەلق ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا بېرىشقا تەييارلاندى. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈش قاچا-قۇچا، ئالتۇن، مال-مۈلۈك، چارپايلار ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، بۇنىڭدىن باشقا سۇنۇلىدىغان ھەرخىل ئىختىيارىي ھەدىيە-قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. پادىشاھ قورەش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلىرىنىمۇ، يەنى ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئېلىپ چىقتى. «ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلار» ــ بۇ ۋەقە «2تار.» 7:36دە تەسۋىرلىنىدۇ.   2پاد. 24‏:13؛ 2تار. 36‏:7 پارس پادىشاھى قورەش خەزىنە بېگى مىترەداتنى بۇيرۇپ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئالدۇرۇپ چىقتى؛ مىترەدات شۇلارنى يەھۇدانىڭ ئەمىرى شەشبازارغا سانى بويىچە ساناپ تاپشۇرۇپ بەردى. ئەزرا 5‏:14 قاچا-قۇچىلارنىڭ سانى مۇنداق: ــ ئالتۇن داس ئوتتۇز، كۈمۈش داس مىڭ، پىچاق يىگىرمە توققۇز، «ئالتۇن داس» ــ ياكى «ئالتۇن پەتنۇس». 10 ئالتۇن پىيالە ئوتتۇز، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون؛ باشقا قاچا-قۇچىلار بىر مىڭ. «بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون» ــ ياكى «سۈپىتى تۆۋەنرەك كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون» ياكى «ئىككىنچى بىرخىل كۈمۈش ىيالە تۆت يۈز ئون» ياكى «كۈمۈش پىيالە ئىككى مىڭ تۆت يۈز ئون». باشقىچە تەرجىمىلەرمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. 11 بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا، بەش مىڭ تۆت يۈز. سۈرگۈن قىلىنغان خەلق بابىلدىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا، شەشبازار بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
 
 

1:2 «يەھۇدا زېمىنى» ــ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «يەھۇدىيە» دېيىلىدۇ.

1:4 «قالغان خەلق» ــ ئىمپېرىيەدە تىرىك قالغان يەھۇدىي خەلقى.

1:7 «ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلار» ــ بۇ ۋەقە «2تار.» 7:36دە تەسۋىرلىنىدۇ.

1:7 2پاد. 24‏:13؛ 2تار. 36‏:7

1:8 ئەزرا 5‏:14

1:9 «ئالتۇن داس» ــ ياكى «ئالتۇن پەتنۇس».

1:10 «بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون» ــ ياكى «سۈپىتى تۆۋەنرەك كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون» ياكى «ئىككىنچى بىرخىل كۈمۈش ىيالە تۆت يۈز ئون» ياكى «كۈمۈش پىيالە ئىككى مىڭ تۆت يۈز ئون». باشقىچە تەرجىمىلەرمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن.