مەزكۇر تارىخ شۇ تاغلىق رايونلۇق «ھورىيلار»نىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارىغاندا، ھورىيلار ئاۋۋال ئەساۋلارغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيىلىشىپ بىر مىللەت، يەنى «ئېدوملار» ياكى «ئېدومىيلار» بولۇپ قالغان.
□36:1 «تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ توققۇزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋ (ئېدوم)نىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى» («ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:36-8) باشلىنىدۇ. «ئېدوم» ــ بۇنىڭ مەنىسى «قىزىل» بولۇپ، سېئىر رايونىدىكى تۇپراقنىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىدۇ. ئەساۋ ئۆزىمۇ «قىزىل ئادەم» بولۇپ، «قىزىل بىر زېمىن»دا ئولتۇراقلاشقان.
■36:1 1تار. 1:35.
■36:7 يار. 13:6.
■36:8 يە. 24:4.
□36:9 «تۆۋەندىكىلەر ... ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئونىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئەساۋنىڭ سېئىردا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ تولىدوتى» («ئەساۋنىڭ سېئىردا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (9:36-1:37) باشلىنىدۇ. ئەساۋ ئاۋۋال قانائان زېمىنىدا تۇرۇپ بىرنەچچە پەرزەنت كۆردى؛ بۇلار 1-8-ئايەتتە خاتىرىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ «سېئىر تاغلىق رايونى»دا تۇرۇپ ئۇ يەردە بىرنەچچە پەرزەنتلىك بولغان؛ بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ (9:36-1:37). مەزكۇر تارىخ شۇ تاغلىق رايونلۇق «ھورىيلار»نىڭ تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارىغاندا، ھورىيلار ئاۋۋال ئەساۋلارغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيىلىشىپ بىر مىللەت، يەنى «ئېدوملار» ياكى «ئېدومىيلار» بولۇپ قالغان.
□36:15 «ئەمىرلەر» ــ مۇشۇ يەردە ئەساۋنىڭ نەسلىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى (قەبىلە باشلىقلىرى)نى كۆرسەتسە كېرەك.
□36:20-21 «ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ ئېدوم زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىر» ــ ھورىيلار ئەساۋلار «سېئىر زېمىنى»غا كىرىشتىن ئىلگىرىلا شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ئىدى. سېئىر ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، زېمىن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانىدى.
■36:20-21 1تار. 1:38.
■36:31 1تار. 1:43.
□36:37 «دەريا» ــ مۇشۇ يەردە «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ.
□36:39 «ئاكبورنىڭ ئوغلى ... ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى» ــ قارىغاندا، ھورىيلارنىڭ پادىشاھلىرى سۇلالە تۈزۈمى بويىچە ئەمەس، مەلۇم سايلام يولى بىلەن تاللىناتتى.
□36:40-43 «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى» ــ ياكى «بۇلار بولسا ئېدومدىكى ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئەمىرلەر ئىدى». «مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى» ــ قىزىق بىر ئىش شۇكى، ئىسرائىللار تېخى مۇساپىر بولۇپ يۈرۈۋاتقاندا، ئەساۋلار ئاللىقاچان مۇقىم زېمىنلىق بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمى بولغان، شۇنداقلا خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك. بىراق كېيىن ئىسرائىللار ئۇلاردىن كۆپ تەرەپلەردە ئېشىپ كەتتى.
■36:40-43 1تار. 1:51.