38
يەھۇدا بىلەن تامار
ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىدىن كېتىپ، ھىراھ ئىسىملىك ئادۇللاملىق بىر كىشىنىڭكىگە چۈشتى. شۇ يەردە يەھۇدا شۇئا ئىسىملىك بىر قانائانىينىڭ قىزىنى كۆردى؛ ئۇ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېشىغا كىرىپ ياتتى. «بىر قانائانىينىڭ قىزى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، قانائانىيلار ئىمانسىز ۋە ئەخلاقسىز بىر خەلق ئىدى.   1تار. 2‏:3. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى؛ يەھۇدا ئۇنىڭغا «ئەر» دەپ ئات قويدى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا ئونان دەپ ئات قويدى. ئاندىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى ۋە ئۇنىڭغا شەلاھ دەپ ئات قويدى. ئۇ تۇغۇلغاندا يەھۇدا كېزىبدا ئىدى. چۆل. 26‏:20.
يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئەرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. لېكىن يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈردى.
بۇ چاغدا يەھۇدا ئونانغا: ــ ئاكاڭنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاكاڭ ئۈچۈن نەسىل قالدۇرغىن، دېدى. «قېرىنداشلىق بۇرچى» ــ قەدىمكى زامانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، بىرسى ئۆز مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا بىر ۋارىس پەرزەنت قالدۇرۇش ئۈچۈن ئايالىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئايالدىن پەرزەنت تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭكى ئەمەس، بەلكى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ھېسابلىناتتى. كېيىن بۇ ئىشنى مۇسا پەيغەمبەر يەھۇدىيلارغا قانۇن دەپ بېكىتكەن («قان.» 5:25-10).
ئەمما ئونان بۇ نەسىلنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاكىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە بولغاندا مەنىيسىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 10 ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل كۆرۈنگەچكە، ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
11 يەھۇدا ئەمدى كېلىنى تامارغا: ــ ئوغلۇم شەلاھ چوڭ بولغۇچە ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، دېدى. چۈنكى ئۇ ئىچىدە: ــ بۇمۇ ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۆلۈپ كېتەرمىكىن، دەپ قورقتى. شۇنىڭ بىلەن تامار بېرىپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. 12 ئەمدى كۆپ كۈنلەر ئۆتۈپ، شۇئانىڭ قىزى، يەھۇداغا تەگكەن ئايال ئۆلدى. يەھۇدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئادۇللاملىق دوستى ھىراھ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ قوي قىرقىغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە تىمناھقا چىقتى.
13 تامارغا: ــ قېينئاتاڭ قويلىرىنى قىرقىغىلى تىمناھقا يول ئالدى، دېگەن خەۋەر يەتتى. 14 شۇنىڭ بىلەن تامار شەلاھ چوڭ بولغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىلمىدىم، دەپ قاراپ، تۇللۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، چۈمبەل تارتىپ بەدىنىنى ئوراپ، تىمناھ يولىنىڭ ئۈستىدە ئەنائىمغا كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ ئولتۇردى.
15 ئەمدى يەھۇدا ئۇنى يۈزى يېپىقلىق ھالدا كۆرگەندە: ــ بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. «بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ» ــ شۇ ۋاقىتلاردا پاھىشە ئايالار يۈزىنى ئېتىۋالاتتى؛ توي قىلغان ئاياللار ۋە قىزلار ئادەتتە چۈمبەلسىز يۈرەتتى. پەقەت توي قىلىدىغان لايىقى ئالدىدىلا قىزلار يۈزىنى يېپىۋالاتتى (65:24نى كۆرۈڭ). 16 ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى.
17 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، 18 ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى.
ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى.
19 ئاندىن تامار ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى؛ ئۇ پەرەنجىنى سېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىمىنى كىيىۋالدى.
20 يەھۇدا: ــ ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىكى رەنىنى ياندۇرۇپ كەلسۇن دەپ ئادۇللاملىق دوستىنىڭ قولى ئارقىلىق ئوغلاقنى ئەۋەتتى، ئەمما ئۇ ئۇنى تاپالمىدى. 21 ئۇ شۇ جايدىكى ئادەملەردىن: ــ ئەنائىمدىكى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرغان بۇتپەرەس پاھىشە قېنى، دەپ سورىسا، ئۇلار: ــ بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە بولغان ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى. «بۇتپەرەس پاھىشە» ــ قانائانىيلار ئارىسىدا بۇتپەرەسلىكنىڭ پاھىشىۋازلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى. «كىم بۇنداق «بۇتپەرەس پاھىشە» بىلەن بىللە بولسا، ئۇنىڭغا بۇتتىن بىر بەخت-بەرىكەت كېلىدۇ» دەپ قارىلاتتى.
22 بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ: ــ مەن ئۇنى تاپالمىدىم؛ ئۈنىڭ ئۈستىگە ئۇ جايدىكى ئادەملەرمۇ: «بۇ يەردە ھېچبىر بۇتپەرەس پاھىشە ئايال بولغان ئەمەس» دېيىشتى، دېدى.
23 يەھۇدا: ــ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئېلىپ كەتسە كەتسۇن؛ بولمىسا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمىز. نېمىلا بولمىسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئوغلاق ئەۋەتتىم، لېكىن سەن ئۇ خوتۇننى تاپالمىدىڭ، دېدى.
24 ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى.
25 لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى.
26 يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ: ــ ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر؛ دەرۋەقە مەن ئۇنى ئوغلۇم شەلاھقا ئېلىپ بەرمىدىم، دېدى. بۇ ئىشتىن كېيىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يەنە يېقىنچىلىق قىلمىدى. «ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر» ــ تامارنىڭ بۇ ئىشلاردا بولۇش مەقسىتى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى.
يەھۇدا ئەسلىدە «مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۇناھكارمەن» دېيىشكە توغرا كېلەتتى، ئەلۋەتتە.
27 ئۇنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشتى، مانا قورسىقىدا قوشكېزەك بار ئىدى. 1تار. 2‏:4. 28 ئۇ تۇغقان ۋاقتىدا بالىلاردىن بىرسى قولىنى چىقىرىۋىدى، تۇغۇت ئانىسى دەرھال بىر قىزىل يىپنى ئېلىپ: «بۇ ئاۋۋال چىقتى» دەپ ئۇنىڭ قولىغا چىگىپ قويدى.
29 لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى. «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ؟ بۇنداق ئىش بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!» (ئەينى سۆز «بۆسۈپ چىقىش» بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!»). «پەرەز» ــ «بۆسۈلگەن جاي» ياكى «بۆسكۈچى» دېگەن مەنىدە.   مات. 1‏:3. 30 ئاندىن قولىغا قىزىل يىپ چىگىلگەن ئاكىسى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ ئىسمى زەراھ دەپ ئاتالدى. «زەراھ» ــ بابىل ياكى ئارامىي تىلىدا «قىپقىزىل» دېگەن مەنىدە. ئىبرانىي تىلىدا «پارقىراق» دېگەن مەنىدە.
بۇ بابنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
 
 

38:2 «بىر قانائانىينىڭ قىزى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، قانائانىيلار ئىمانسىز ۋە ئەخلاقسىز بىر خەلق ئىدى.

38:2 1تار. 2‏:3.

38:5 چۆل. 26‏:20.

38:8 «قېرىنداشلىق بۇرچى» ــ قەدىمكى زامانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، بىرسى ئۆز مال-مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭغا بىر ۋارىس پەرزەنت قالدۇرۇش ئۈچۈن ئايالىنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئايالدىن پەرزەنت تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭكى ئەمەس، بەلكى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ھېسابلىناتتى. كېيىن بۇ ئىشنى مۇسا پەيغەمبەر يەھۇدىيلارغا قانۇن دەپ بېكىتكەن («قان.» 5:25-10).

38:15 «بۇ بىر پاھىشە ئايال ئوخشايدۇ» ــ شۇ ۋاقىتلاردا پاھىشە ئايالار يۈزىنى ئېتىۋالاتتى؛ توي قىلغان ئاياللار ۋە قىزلار ئادەتتە چۈمبەلسىز يۈرەتتى. پەقەت توي قىلىدىغان لايىقى ئالدىدىلا قىزلار يۈزىنى يېپىۋالاتتى (65:24نى كۆرۈڭ).

38:21 «بۇتپەرەس پاھىشە» ــ قانائانىيلار ئارىسىدا بۇتپەرەسلىكنىڭ پاھىشىۋازلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىدى. «كىم بۇنداق «بۇتپەرەس پاھىشە» بىلەن بىللە بولسا، ئۇنىڭغا بۇتتىن بىر بەخت-بەرىكەت كېلىدۇ» دەپ قارىلاتتى.

38:26 «ئۇ ماڭا نىسبەتەن ھەقلىقتۇر» ــ تامارنىڭ بۇ ئىشلاردا بولۇش مەقسىتى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. يەھۇدا ئەسلىدە «مەن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۇناھكارمەن» دېيىشكە توغرا كېلەتتى، ئەلۋەتتە.

38:27 1تار. 2‏:4.

38:29 «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ؟ بۇنداق ئىش بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!» (ئەينى سۆز «بۆسۈپ چىقىش» بېشىڭغا يەنە كېلىدۇ!»). «پەرەز» ــ «بۆسۈلگەن جاي» ياكى «بۆسكۈچى» دېگەن مەنىدە.

38:29 مات. 1‏:3.

38:30 «زەراھ» ــ بابىل ياكى ئارامىي تىلىدا «قىپقىزىل» دېگەن مەنىدە. ئىبرانىي تىلىدا «پارقىراق» دېگەن مەنىدە. بۇ بابنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.