46
ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا مېڭىشى
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى. «ياقۇپ، ياقۇپ» ــ خۇدانىڭ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىشى خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن. يار. 13‏:16؛ 16‏:10؛ 17‏:2؛ 22‏:17؛ 26‏:24؛ 28‏:13؛ 32‏:9؛ 35‏:11؛ 48‏:4. مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى. «يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ» ــ دېمەك، يۈسۈپ ياقۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ. «مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن» دېگەن يۇقىرىقى سۆزلەر شۈبھىسىزكى، ياقۇپ قانائان زېمىنىدا دەپنە قىلىنىپلا قالماي، بەلكى قانائان زېمىنىدا ئاخىرقى زاماندا تىرىلىدۇ، دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ.   چۆل. 20‏:15؛ قان. 10‏:22؛ يە. 24‏:4، 5، 6؛ زەب. 105‏:23، 24؛ يەش. 52‏:4؛ ھوش. 11‏:1.
ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، روس. 7‏:15. 6‏-7 چارپايلىرى بىلەن قانائان زېمىنىدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ بىلەن بارلىق ئەۋلادلىرى مىسىرغا كەلدى؛ ئوغۇللىرىنى، ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرىنى، قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، نەسىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مىسىرغا كەلدى.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛ مىس. 1‏:2؛ 6‏:13؛ چۆل. 26‏:5؛ 1تار. 4-8. رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى.
10 شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل. «سائۇل» ــ ياكى «شائۇل».   مىس. 6‏:15؛ 1تار. 4‏:24.
11 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. 1تار. 5‏:27.
12 يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى. يار. 38‏:3، 4، 5؛ 1تار. 2‏:5.
13 ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون. «پۇئاھ» ــ ياكى «پۇۋاھ». «چۆل.» 23:36نى كۆرۈڭ. «يوب» ــ ياكى «ياشۇب».
14 زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل.
15 بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى.
16 گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى. 1تار. 5‏:11.
17 ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى. 1تار. 7‏:30.
18 بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى. يار. 29‏:24.
19 ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن.
20 يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. يار. 41‏:50؛ 48‏:5.
21 بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد. «بېلاھ» ــ ياكى «بېلا».   1تار. 7‏:6؛ 8‏:1.
22 بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى.
23 داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم.
24 نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم. 1تار. 7‏:13.
25 بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى. يار. 29‏:29.
26 ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى.
27 يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى. قان. 10‏:22؛ روس. 7‏:14.
 
ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مىسىرغا يېتىپ كېلىشى
28 ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى. «ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى» ــ ياكى «ئۆزلىرى گوشەنگە بېرىشتىن ئاۋۋال يەھۇدانى يۈسۈپكە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى». 29 يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى. 30 ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى. «ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆلسەم بولىدۇ».
31 ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛ 32 بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي. 33 شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا، 34 سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ. «چۈشۈنمە» ــ شۇ گېپى بىلەن يۈسۈپ: (1) ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىسىر ئىقتىسادىغا يۈك بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى باقالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى؛ (2) ئۇلارنىڭ گوشەن دېگەن چەت رايوندا تۇرۇشىنى بېكىتمەكچى.
شۇنداق بولغاندا، ئىسرائىل خەلقى مىسىرلىقلار بىلەن ئانچە ئاسسىمىلىياتسىيە بولمايدۇ، شۇنداقلا مىسىردىن قېچىش كېرەك بولسا، گوشەن يۇرتى قانائان زېمىنىغا بىرقەدەر يېقىنراق ئىدى.
   يار. 43‏:32؛ مىس. 8‏:22.
 
 

46:2 «ياقۇپ، ياقۇپ» ــ خۇدانىڭ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىشى خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

46:3 يار. 13‏:16؛ 16‏:10؛ 17‏:2؛ 22‏:17؛ 26‏:24؛ 28‏:13؛ 32‏:9؛ 35‏:11؛ 48‏:4.

46:4 «يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ» ــ دېمەك، يۈسۈپ ياقۇپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئۇنىڭ يېنىدا بولىدۇ. «مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن» دېگەن يۇقىرىقى سۆزلەر شۈبھىسىزكى، ياقۇپ قانائان زېمىنىدا دەپنە قىلىنىپلا قالماي، بەلكى قانائان زېمىنىدا ئاخىرقى زاماندا تىرىلىدۇ، دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ.

46:4 چۆل. 20‏:15؛ قان. 10‏:22؛ يە. 24‏:4، 5، 6؛ زەب. 105‏:23، 24؛ يەش. 52‏:4؛ ھوش. 11‏:1.

46:5 روس. 7‏:15.

46:8 مىس. 1‏:2؛ 6‏:13؛ چۆل. 26‏:5؛ 1تار. 4-8.

46:10 «سائۇل» ــ ياكى «شائۇل».

46:10 مىس. 6‏:15؛ 1تار. 4‏:24.

46:11 1تار. 5‏:27.

46:12 يار. 38‏:3، 4، 5؛ 1تار. 2‏:5.

46:13 «پۇئاھ» ــ ياكى «پۇۋاھ». «چۆل.» 23:36نى كۆرۈڭ. «يوب» ــ ياكى «ياشۇب».

46:16 1تار. 5‏:11.

46:17 1تار. 7‏:30.

46:18 يار. 29‏:24.

46:20 يار. 41‏:50؛ 48‏:5.

46:21 «بېلاھ» ــ ياكى «بېلا».

46:21 1تار. 7‏:6؛ 8‏:1.

46:24 1تار. 7‏:13.

46:25 يار. 29‏:29.

46:27 قان. 10‏:22؛ روس. 7‏:14.

46:28 «ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى» ــ ياكى «ئۆزلىرى گوشەنگە بېرىشتىن ئاۋۋال يەھۇدانى يۈسۈپكە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى».

46:30 «ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆلسەم بولىدۇ».

46:34 «چۈشۈنمە» ــ شۇ گېپى بىلەن يۈسۈپ: (1) ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىسىر ئىقتىسادىغا يۈك بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى باقالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى؛ (2) ئۇلارنىڭ گوشەن دېگەن چەت رايوندا تۇرۇشىنى بېكىتمەكچى. شۇنداق بولغاندا، ئىسرائىل خەلقى مىسىرلىقلار بىلەن ئانچە ئاسسىمىلىياتسىيە بولمايدۇ، شۇنداقلا مىسىردىن قېچىش كېرەك بولسا، گوشەن يۇرتى قانائان زېمىنىغا بىرقەدەر يېقىنراق ئىدى.

46:34 يار. 43‏:32؛ مىس. 8‏:22.